شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقى تۈركىستان ۋە شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ رەسمى ۋەكىللىرى

شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئاساسى قانۇنى -شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى فۇنكىسىيىلىرىنى ئىدارە قىلىدىغان ئالى قانۇن. ئۇ شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپكى ئەزالىرى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ۋە شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى پارلامىنتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلغان. پارلامىنت ئۆز نۆۋىتىدە 2004-يىل 22-نويابىر قانۇننى تەستىقلىغان

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئاساسى قانۇن پۈتۈن شەرقى تۈركىستانلىقلارغا قانۇن ئالدىدا باراۋەرلىكنى كاپالەت قىلىدۇ، ھەق-ھوقۇقلار ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن قىلىدۇ، ۋە ئۈچ مەمۇرى ئورگان ئارىسىدا ھوقۇقنىڭ ئوچۇق ئايرىۋېتىلىشىنى بەلگىلەيدۇ: ئەدلىيە، قانۇن چىقىرىش، ئىجرائىيەت

كۆپ يىللاردىن بۇيان ئاساسى قانۇن قەرەللىك ھالدا تۈزىتىلدى. 2019-يىل 20-ئاپرىل ۋاشىڭگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئالاھىدە يىغىندا، ئاساسى قانۇن يېڭىلاندى ۋە تەستىقلاندى

ئاساسىي-قانۇنغا-قوشۇمچە-نىزامنامە