شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

ئانا ۋەتەن ئۈچۈن كۆرەش -1947

Officers of the East Turkistan National Army -1945

مەزكۇر ماتىرىيال ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلىنىڭ ئەسلى تەرجىمە نۇسخىسىدۇر.

شەرقىي تۈركىستان، ئانا ۋەتىنىمىز، تۈركىي ئىرقىنىڭ ھەقىقى تېرىتورىيىسى ئىدى. بىز يەتتە مىليون خەلقتۇرمىز. بۇ تۇپراق باتۇر ئەجداتلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن تۇغما ھەققىمىزدۇر ھەمدە ئۇلارنىڭ مىراسىنى ساقلاش بىزنىڭ بۇرچىمىز ۋە مەسۇلىيىتىمىزدۇر. خىتاي زالىم ۋە ئىستىلاچىلار بۇ تۇپراققا ئىككى يۈز يىل بۇرۇن كەلدى. ياۋايى باندىتلار كەبى، تېرىتورىيىمىزنى بۇلاپ ئالدى،بىزنى قۇل قىلدى، تۇپرىقىمىزنى ئىشغال قىلدى ۋە بىزنىڭ مۇقەددەس دىنىمىزنى ھاقارەت قىلىشتى. قىسقىسى، بىزلەر كۆزى بار قارىغۇ، قۇلىقى بار گاس، تىلى بار گاچا، پۇتى بار ئاقساق ئىنسانلارغا ئايلاندۇق. بۇ قەدەر زەھەرخەندە ۋە ۋەھشى مۇ’ئامىلىگە چىداش قانداق مۇمكىن بولسۇن؟ قاباھەتلەرنىڭ قايسى بىرىنى ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولسۇن؟ ئەگەر سىلەر خا’ئىن ياكى ۋەتەن ساتقۇچ بولمىساڭلار، ئەگەر سىلەرنى ئاناڭلار تۇغقان بولسا، كىندىك قېنىڭلار مۇشۇ تۇپراققا تۆكۈلگەن بولسا، ئاتاڭلار سىلەرنى ئوغۇل دەپ تاپقان بولسا، ئۇنداقتا دىيىلگەن ھەقىقەتلەرنى ئىنكار قىلالمايسىلەر !

چوقۇمكى سىلەر- ئىرقىمىزدىن بولغان سۇلتان سوقۇشبۆرە خان،ھارۇن خان، ئابدۇلرەشىد خان، مۇھەممەت خان، سۇددۇق [سۇتۇق] خان ۋە ئوسمان خانلار كەبى قەھرىمانلىرىمىزنىڭ لىدىرلىقىدا دۆلىتىمىزنىڭ نەقەدەر گۈللەنگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىدىڭلار. ئۇ ئۇلۇغ ئەركەكلەر دەۋرىدە، بىز ئۆز تېرىتورىيىمىزنىڭ غوجىلىرى ئىدۇق ھەمدە باشقا ھەرقانداق كۈلتۈرگە تەڭداش بولغان ئۆز كۈلتۈرىمىزنى نۇرلاندۇرۇپ ساقلىغان ئىدۇق. ئۆتكەن ئىككى يۈز يىل ئىچىدە بىز پارلاق ھەققىمىزنى يوقىتىپ قويدۇق، پەس ۋە ياۋايى خىتاينىڭ رەھىمسىز سىلكىشى ئاستىدا ھايۋانلاردەك ياشىدۇق.

نىمە ئۈچۈن ئىلى قوزغىلاڭى پارتلىدى ؟ چۈنكى ئۆز ئەركىمىز ئۈچۈن، ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ۋە بەختى ئۈچۈن، دىنىمىزنىڭ قايتا گۈللىنىشى ئۈچۈن زۇلۇمغا قارشى قوزغىلىش ھوقۇقىمىز بار. بىز يەنە شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئاللاھ [ مەن بارلىق زۇلۇم قىلغۇچىلارنى جازالايمەن] دىگەن. بىز يەنە شۇنىڭغا مۇتلەق ئىشىنىمىزكى، خەلقنىڭ كۈچى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىدىن. مۇشۇ ئېتىقات بىلەن بىز؛ ساختىكار خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ؛ ئۈچ ئۆلكىدە ئازات، مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستان دۆلەتىنى قۇرۇپ چىقتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن بايراقنى تىكلىدۇق.

ئەي ۋەتەنداشلار، ئېتىقات ئىگىلىرى ۋە قانداشلار! قورقۇش- قەلبىڭلارنى، غەيرىتىڭلارنى ۋە روھىڭلارنى كۈچلەندۈرمەيدۇ. زور قان تۆكۈلۈشتىن كىيىن،ئون بىر ماددىدىن تەركىپ تاپقان تېنچلىق بىتىمىغا ئېرىشتۇق. مەزكۇر بىتىمنى قوغداش ئۈچۈن كىشىلەر چوقۇم بارلىقىنى قۇربان قىلىشقا رازى ئىدى.

ھىلىگەر تۈلكە، ئىپلاس تۇمشىقى بىلەن ئۆزىگە تە’ئەللۇق بولمىغانغا ئېرىشمەكچى، نومۇسسىز ۋە زالىم خىتايلار، ئون بىر بىتىم بىلەن كۆز باغلاپ، بىزنى يەنە بىر قېتىم تورىغا چۈشۈرمەكچى بولدى. خىتاينىڭ ھىلىسى بىزگە ياغاچ قازاندا بىرلا قېتىم ئاش پىشىدۇ دىگەن ساۋاقنى بەردى. ئاللاھ بىزنى قايتىدىن خىتاينىڭ قولىغا چۈشۈشتىن ساقلىسۇن. ئەگەر يەنە شۇنداق بولساق،خەلق قانداق مۇ’ئامىلىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. خەلقىمىز، سىلەر چوقۇم ئۆتكەننى ئىسىڭلاردا تۇتۇڭلار. بۇ تۇپراق بىزنىڭ، باسقۇنچىلارنىڭ ھەققى يوق.

ھازىر، زالىملارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى باش قوشۇنلىرى ئۆلەمەن جېنىنى ئۇزارتىشقا ئۇرىنىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتى بۇرۇنقى ياۋايى ئۇسۇللىرىنى تىرىلدۈرمەكچى. ئۇلار بىلەن بىللە ئازغىنە لالما ئىتلار بار، قەستەن ساراڭلار ۋە غالچىلار، خىتايلار بىلەن بىرلىشىپ دۆلەتنى ساتماقچى. ئون بىر بىتىمغا تولۇق رى’ئايە قىلىنسا،زالىملارنىڭ ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن قايتىدىن ھۆكۈمران ئورۇنغا چىقىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ئەي نومۇسسىز ھايۋانلار ۋە شەيتانلار، شۇنى بىلىڭلاركى سىلەر ئاللىقاچان دوزاخقا مەھكۇم بولدۇڭلار. بىز، قانداش خەلق، سىلەرنى ھەرگىز خىتايلارنىڭ مۇزىكىسىغا ۋەتەننى ساتىدىغان ئۇسسۇلنى ئويناتمايمىز.

ئەمدى دىموكراتىيە، ئادالەت ۋە ھۆرلۈكنىڭ زامانى؛ مۇتلەق دىكتاتورلۇقنىڭ ۋاقتى ئۆتتى. ئەمدى ئۇخلايدىغان چاغ ئەمەس،ئەكسىچە 20-ئەسىرنىڭ نۇرلۇق دەۋرى. بىز چوقۇم بەلنى مەھكەم باغلاپ ئىزچىل كۆرەش قىلمىقىمىز لازىم.

زالىملار بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستانىمىزدىن تېزلىكتە ئايرىلسۇن.
ئىشپىيونلار،خا’ئىنلار ۋە قورچاقلارمۇ بىللە كەتسۇن.
خىتايلارنىڭ ئىتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كۈچۈكلىرىمۇ چىقىپ كەتسۇن.
ھۆر شەرقىي تۈركىستان ياشىسۇن.
بىزنىڭ مۇسۇلمان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىمىز ياشىسۇن.
ئۇلۇغ، قەھرىمان جەڭچىلەر ياشىسۇن.
ئوتتۇز كۈنلۈك مۇبارەك رامىزانىمىزغا چاقىرىق قىلغان ھىلال ئاي ياشىسۇن.
كۈندە بەش ۋاقىتلىق نامىزىمىز ئۈچۈن تىلەكداش يۇلتۇز ياشىسۇن.
زالىملاردىن، جاسۇسلاردىن، خىتاي تەرەپدارلىرىدىن يىراق، يىراق، يىراق قىلسۇن.
يوقالمىساڭلار، بۇ زىمىندا سىلەرگە جاي يوق.

مەنبە: ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، خىتاي ئىشلىرى بۆلىمى.
ئامېرىكا كونسۇلى ج. ھالل پاكستوندىن ئامېرىكا دۆلەت كاتىپىغا. ئۈرۈمچى. 1947-يىل 13-يانۋار.

Scroll to Top