شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقى تۈركىستان ۋە شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ رەسمى ۋەكىللىرى

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئاياللار ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. خىزمەتلەر بولۇپمۇ خىتاي ۋە مۇستەملىكە كۈچلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان سېستىمىلىق باسقۇنچىلىق، زۇلۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاياللار ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشقا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى دوكىمىنتلاشتۇرۇش(ھۆججەتلەشتۈرۈش) قا مەركەزلىشىدۇ

ئاياللارغا قارشى يۈرگۈزۈلگەن زوراۋانلىقىنى تۈگىتىش خىتابنامىسى

بىرىنجى ماددا،

مەزكۇر خىتابنامىغا كۆرە، ”ئاياللارغا قارشى زوراۋانلىق“ ئاتالغۇسى- جىسمانىي، جىنسىي، پىسخىكىلىق زىيانكەشلىك ياكى ئازاپنى ئاقىۋەت قىلغان ياكى شۇنداق ئاقىۋەت بولىشى مۇمكىن بولغان، (ئايال)جىنسنى نىشان قىلغان، ئاممىۋى سورۇن ياكى شەخسى ھاياتتىكى تەھدىت، مەجبۇرلاش، ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق زوراۋانلىقنى كۆرسىتىدۇ

ئىككىنجى ماددا،

ئاياللارغا قارىتا زوراۋانلىق تۆۋەندىكىدەك چۈشىنىلىدۇ بىراق تۆۋەندىكىلەر بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ

ئا) ئائىلىدىكى قىز پەرزەنتلەرنى ئۇرۇش، جىنسىي پاراكەندىچىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىسمانىي، جىنسىي ۋە پىسخىكىلىق زوراۋانلىق. تويلۇققا مۇناسىۋەتلىك زوراۋانلىق، نىكاھ ئىچىدىكى باسقۇنچىلىق، قىز-ئاياللار جىنسى ئەزاسىنى كىسىش قاتارلىق زىيانلىق ئۆرپ-ئادەتلەر. نىكاھسىز زوراۋانلىق، ئىكىسپىلاتاتسىيىگە مۇناسىۋەتلىك زوراۋانلىق

ب) توپلۇم ئىچىدىكى باسقۇنچىلىق، جىنسىي قىيناق، جىنسىي پاراكەندىچىلىكنى ئىچىگە ئالغان جىسمانىي، جىنسىي ۋە پىسخىكىلىق زوراۋانلىق. مائارىپ ئورگانلىرى، خىزمەت، باشقا جايلاردىكى جىنسىي پاراكەندىچىلىك. ئاياللارنى سېتىش ۋە پاھىشىلىككە مەجبۇرلاش

س) دۆلەت ھەرقانداق جايدا ئۇيۇشتۇرغان ۋە يول قويغان جىسمانىي، جىنسىي، پىسخىكىلىق زوراۋانلىق

ماي ئېيى 2019-يىل رامىزاننىڭ بېشىدا، شەرقىي تۈركىستان گۇمىدىكى 77 ئايال خىتاي كادىرلارغا كوللىكتىپ مەجبۇرى ياتلىق قىلىندى

شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا ئاياللار جەمئىيەت قۇرۇش، كۈلتۈر، مۇزىكا ۋە ھەتتا سىياسىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. خەلقئارا ئاياللار كۈنى 1918-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا تۇنجى قېتىم تەبرىكلىنىپ، تېخىمۇ ئالىي بولغان ئاياللار باراۋەرلىكى، ئەركىنلىكىگە يول ئاچقان. ئىككىنجى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى جەريانىدا نۇرغۇن ئاياللار شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت ئارمىيىسىدە ئوخشىمىغان مۇھىم روللارنى ئۆتىگەن

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتى ۋە مۇستەملىكىسى ئارقىسىدا، ئاياللار بارغانچە جەمئىيەتتىن ئۇزاقلاشتۇرۇلدى ۋە خىتاي كەلگۈسى شەرقىي تۈركىستان دۆلەت كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان ئاياللىرىنى قارىغا ئالدى. ئاياللار بولمىسا شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى مەۋجۇت بولالمايدۇ، خىتاي مەجبۇرى كۆچۈرۈش، مەجبۇرى ھامىلە ئۆلتۈرۈش، خىتاي دۆلىتى ئىجرا قىلغان خىتايغا تىگىشنى مەجبۇرلاش شەكلىدىكى باسقۇنچىلىق، مەجبۇرى تۇغماس قىلىۋېتىش قاتارلىق سىياسەتلەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ئاياللىرىنىڭ جىسمانى زەخىملىمىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، پۈتۈن دۆلىتىمىزگە چوڭقۇر ئاسارەتلىك پىسخىكىلىق يارا پايدا قىلدى

شەرقىي تۈركىستان ئىشغال قىلىنغان ۋە مۇستەملىكە قىلىنغاندىن بۇيان، رايوندىكى تۈركىي خەلقلەر نوپۇسىنى كونتىرول قىلىش ۋە ئۆسۈشىنى توسۇش ئۈچۈن، خىتاي كومنىست ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستانلىق ھامىلدار ئاياللارنىڭ بالىلىرىنى مەجبۇرى چۈشۈرگۈزۈپ كەلدى. 1969-2009 ئارىسىدا ئۈچ مىليون يەتتە يۈز مىڭ بوۋاق(ھامىلە) مەجبۇرى چۈشۈرۈلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى 2006-يىلى، تۆتيۈزمىڭ ئۇيغۇر ئايالنى خىتاينىڭ شەرقىدىكى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كىتىشنى نىشان قىلغان 11-قېتىملىق بەش يىللىق پىلانىنى باشلىدى. شۇ يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئىككى يۈز قىرىق مىڭ ئۇيغۇر ئايال خىتاينىڭ شەرقىگە مەجبۇرى ئېلىپ كىتىلدى

شەرقىي تۈركىستان ئاياللىرى ئەڭ قاتتىق ئىزىلگەن ھېساپلانمىسا ئەڭ قاتتىق ئىزىلگەن ئاياللارنىڭ قاتارىدا. يۈزمىڭلىغان ئاياللار ھەتتا مىليون ئايال سىياسىي ۋە كۈلتۈرەل كاللا يۇيۇش، ئاچ قويۇش، مەجبۇرى دورا يىدۈرۈش، باسقۇنچىلىق، ئېغىر قىيناق، ئورگان سۇغۇرۇش، تۇغماس قىلىش ۋە ھەتتا ئېتىۋېتىش نىشانى قىلىنغان جازا لاگىرلىرىغا، تۈرمىلەرگە، ئەمگەك لاگىرلىرىغا قامالدى

شەرقىي تۈركىستانلىق ئەرلەرنىڭ كۆپى جازا لاگىرلىرىدا، ئەمگەك لاگىرلىرىدا، تۈرمىلەردە بولۇش سەۋەپلىك شەرقىي تۈركىستان ئاياللىرى ئېتىز ئىشلىرى قىلىشقا، ئېغىر ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا ۋە شۇ سەۋەپتىن ئاسانلا ھەر تۈرلۈك زوراۋانلىقنىڭ نىشانى بولۇپ قالماقتا. بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭدىن ئارتۇق خىتاي كادىر(زور كۆپچىلىكى ئەر) ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئائىلىسىدە ياشاشقا ئەۋەتىلدى، بۇ ئائىلىلەردە كۆپىنچە ئائىلە باشلىقى تۇتۇپ كىتىلگەن ياكى ئېتىۋېتىلگەن. تۈركىي ئاياللارنىڭ ئۆز ئۆيلىرىدە جىنسىي ھاقارەت، ھۇجۇم ھەتتا باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر چىقتى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان چىقىرىپ ھەتتا ”قوبۇل قىلغۇچى“ ئەۋەتىپ خىتايدىن شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىدىغان خىتاي ئەرلەرنى ئىزدەۋاتىدۇ. ئۇلارغا ”گۈزەل تۈركىي ئاياللار خىتاي ئەرلەرنى ساقلاۋاتىدۇ“ دىگەننى خىتاي مۇستەملىكىچىلەرنى جەلىپ قىلىدىغان پىلانىنىڭ بىر قىسمى قىلىۋاتىدۇ

ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي ئاياللار خىتايلارغا مەجبۇرى خوتۇن قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ، ماھىيەتتە، دۆلەت يولغا قويغان باسقۇنچىلىق. خىتايغا تىگىشنى رەت قىلغان ئاياللار جازا لاگىرلىرىغا، ئەمگەك لاگىرلىرىغا، تۈرمىلەرگە قامىلىدۇ

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرى ئايرىۋېتىش سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتىدە، نۇرغۇن شەرقىي تۈركىستانلىق ئاياللار ئۆز ئەرلىرىدىن ئايرىلىپلا قالماي، بالىلىرىدىنمۇ ئايرىۋېتىلدى