شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىگە خۇش كەلدىڭىز
2004-ﻳﯩﻞ 14-سېنتەﺑﺮﺩە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى (ش ت س ھ) رەسمىي ھالدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى دەپ تونۇلغان، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ دېموكوراتىك يول بىلەن سايلانغان ۋەكىللىك ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلىرىنى ھىمايە قىلىشقا سادىق بولغان ش ت س ھ شەرقىي تۈركىستاننىڭ دېمكوراتىك، ﭘﻠﻴﯘﺭﺍﻟﯩﺴﺘﯩﻚ جۇمھۇرىيەت سۈپىتىدە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدىگە بېغىشلانغان. ﺋﯘﺷﺒﯘ ﻗﺎﺭﺍﺵ ئۆز خەلقىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئەركىنلىكلىرىنى تەمىنلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئاسىيانىڭ مەركىزىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئانا ۋەتىنىدۇر. ئۇ 1949-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىشغالىيىتىدە ئېزىلمەكتە. يەر كۆلىمى 1 مىليون 828 مىڭ 418 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ كەڭ قۇرۇقلۇق دۆلىتى ئۆزىگە قوشنا ئەللەردىن موڭغۇلىيە (جەنۇبىي موڭغۇلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان، شىزاڭ ۋە خىتاي قاتارلىق ئونلىغان دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى تولىمۇ مۇھىم سىتراتىگىيلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
6000 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېتنىك تۈرك خەلقلىرىنىڭ ئەجدادلىرىغا ۋەتەن بولۇپ كەلدى. خىتاينىڭ باياناتلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇسى 25 مىليون 870 مىڭ دېيىلسىمۇ، مۇستەقىل ئانالىزلار خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ باياناتىدا ھەربىيلەر ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنى چىقىرىۋەتكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەقىقىي ساننى 40 مىليوندىن ئاشىدۇ دەپ قارايدۇ. نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئۇيغۇرلار بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، نوپۇسى 30 مىليوندىن ئاشىدىكەن. ئۇنىڭدىن قالسا تەخمىنەن 3 مىليون قازاق، تەخمىنەن 500،000 قىرغىز ۋە موڭغۇل بار.
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى
تاجاۋۇزچى خىتايلار 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلدى. خىتاي ئىشغالىيەتچىلىرى 2014-يىلدىن باشلاپ، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ۋە «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» دېگەن يالغان باھانىلەر بىلەن مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈرك خەلقلىرىنى قىرغىن قىلدى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى تېخىچە داۋاملاشماقتا. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ، قانۇنسىز ئىشغالىيەت، مۇستەملىكە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈپ مەقسىتى بېسىۋېلىنغان ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم.