پىدائىيلار پۇرسىتى
پىدائىيلار پۇرسىتى
سېپىمىزگە قوشۇلۇڭ: شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى (ETGE) نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلىش ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قوشۇنىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىڭ. پىدائىيلار بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقىمىزدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئۇلارنىڭ ۋاقتى، ماھارىتى ۋە تەكىلپ-پىكىرلىرى مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزگە تۆھپە قوشىدۇ.
قاتنىشىڭ: بىز شەخس ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قاتنىشىشىنى ۋە ئىقتىساسلىق خادىملارنى تەۋسىيە قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. سىز تۆھپە قوشالايدىغان بىر قانچە ئۇسۇل بار:
1. تەشۋىق ۋە تەرغىب قىلىش: تەشۋىقات تىرىشچانلىقى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىشىغا تۆھپە قوشالايسىز؛
2. تەشۋىقات پائالىيىتى: تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرەلەيسى؛
3. پائالىيەتنى ماسلاشتۇرۇش ۋە قوللاش: شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ۋە قوللاشقا ياردەم تۈرلۈك ياردەملەرنى بېرەلەيسىز؛
4. تەتقىقات: شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى مەسىلىلەرگە مەركەزلەشكەن تەتقىقات تەشەببۇسلىرىغا تۆھپە قوشالايسىز؛
5. ئىئانە توپلاش: ئىشلىرىمىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىئانە توپلاش خىزمىتىگە ياردەملىشەلەيسىز؛
6. مۇساپىرلار ۋە پاناھلىق ياردەملىرى: ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى شەرقىي تۈركىستان مۇساپىرلىرى ۋە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە قانۇنىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەم بېرەلەيسىز.
قانداق باشلاش كېرەك؟
ش ت ج س ھ دە پىدائىي بولۇش سەپىرىڭىزنى باشلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى «ھازىر ئىلتىماس قىلىمەن» نى چېكىپ، پىدائىيلار ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرۇڭ. بىز سىزنىڭ بۇ ئىشقا قەدەم ئالغانلىقىڭىزدىن مىننەتدارمىز، سىز بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھازىر ئىلتىماس قىلىمەن