بۇزغۇنچىلارغا قارشى ش ت ج س ھ نىڭ مۇھىم قارارى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ش ت ج س ھ دىكى بارلىق قېرىنداشلار، 2019. يىلى 4. ئاينىڭ 20. كۈنى ۋاشىڭتوندا ئېچىلغان پەۋقۇلئاددە يىغىندا 8. نۆۋەتلىك ئالى قۇرۇلتاى مىللەت ۋەكىللىرىنى خەلقىمىزنىڭ سايلاپ بېرىشى قارارلاشتۇرۇلغان ئىدى، شۇنداقلا خەلق سايلىمى تۈگىگەندىن كېيىن بىر ئالى تەپتىش ئورگىنى قۇرۇلۇپ ھۆكۈمەتكە كىرىشكە سالاھىيىتى توشمايدىغان كىشىلەرنى ھۆكۈمەتتىن چىقىرىشمۇ قارار قىلىنغان ئىدى، بۇ قارارلارغا كۆرە مىللەت ۋەكىللىرى خەلق تەرىپىدىن سايلاندى، سايلام تۈگىگەندىن كېيىن ئالى تەپتىش ئورگىنىمۇ قۇرۇلدى، 13 ماددىلىق مىللەت ۋەكىللىرىنى تاللاش شەرتلىرى تۇرغۇزۇلۇپ ئالى كېڭەشكە سۇنۇلدى ۋە تەستىقلىنىپ قانۇنلاشتى ۋە تەپتىش باشلىدى،

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، 2019. يىلى 10. ئاينىڭ 7. كۈنى نۇرغۇن مىللەت ۋەكىللىرىمىز 8. نۆۋەتلىك ئالى قۇرۇلتايدا سايلىنىش ئۈچۈن ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن نامزاتلارنىڭ 3 ئەۋلاتقىچە تەكشۈرۈلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنداقلا ش ت ج س ھ تەپتىش ھەيئىتىمۇ 2019. يىلى 10. ئاينىڭ 7. كۈنى ماھىرە غوپۇر ھەققىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى، بۇ قاراردىن كېيىن، 8. قۇرۇلتاي سايلام تەييارلىق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۈمىت سابىر بۇ قارارغا قارشى چىقىپ ھۆكۈمىتىمىز ئىچىدە ئىسيان باشلاتتى، بىز بۇ قارارنىڭ سەۋەپلىرىنى ئوچۇق ـ ئاشكارا دەپ ئىزاھات بەرگەن بولساقمۇ ئۈمىت سابىر ئىسيانىدىن يانماستىن جۇمھۇر رەئىسىنى ۋە باش مېنىستىرنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش تەكلىپىنى ھۆكۈمەت توپىمىزغا تاشلاش ئارقىلىق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە تەھدىت سالدى ۋە بۇ ئارقىلىق ماھىرە غوپۇرنى ھۆكۈمەت ئىچىدە ساقلاپ قالماقچى بولدى، مەن (ئابدۇلئەھەد نۇر) ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىدىن مەسئۇل تەپتىش ھەيئىتى رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىسياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە سىياسى ئۆزگىرىشنى توسۇپ قېلىش مەقسىدىدە ئۈمىت سابىرنى ھۆكۈمەت توپىدىن ۋاقىتلىق چىقىرىۋەتتىم، بۇنى پۇرسەت بىلگەن ئۈمىت سابىر ئۆز ئالدىغا بىر ۋوتساپ توپى (8. nöwetlik ali qurultsy teyyarlik topi) قۇرۇپ مىللەت ۋەكىللىرىمىزنى ۋە خەلق ۋەكىللىرىمىزنى ئۇ قانۇنسىز توپقا توپلىدى، ھالبۇكى سايلامغا تەييارلىق قىلىش كومىتىتىنىڭ قانۇنلۇق ئايرىم توپى بار ئىدى، بۇ ھۆكۈمەتنى پارچىلاش ئۈچۈن مەقسەتلىك قۇرۇلغان توپ ئىدى، ئۈمۈت سابىر ئۇ توپتا ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە قارشى ئىسيانغا تەشۋىق قىلدى ۋە قۇرۇق تۆھمەتلەر بىلەن ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنى قارىلىدى، بۇ ئەھۋالدىن كېيىن ش ت ج س ھ مۇئاۋىن پارلامېنت رەئىسى ئىليار شەمسىدىن ھەقسىز ھالدا مېنى ھۆكۈمەت توپىدىن چىقىرىۋەتتى، ھالبۇكى مەن بۇ ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى ۋە ھۆكۈمەت بىخەتەرلىكىدىن مەسئۇل تەپتىش رەئىسى، شۇنداق قىلىپ ئىليار شەمسىدىن بۇ ئىسياننى دەستەكلىدى، شۇنداقلا ئۈمىت سابىر بىلەن بىرلىشىپ جۇمھۇر رەئىسىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى سۆزلىدى، بۇ كۈلكىلىك ئەھۋالنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەن بولسىمۇ بۇلار تېخىمۇ ئەزۋەيلىگەن ھالدا ئالى كېڭەشنى، تەپتىشنى، جۇمھۇر رەئىسىنى ۋە باش مېنىستېرنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى سۆزلەپ ھۆكۈمەتنى ئىليار شەمسىدىننىڭ كونترول قىلىدىغانلىقىنى ئېپادىلىدى ۋە مىللەت ۋەكىللىرىنى قايمۇقتۇرۇشقا تىرىشتى.

بىز بۇلارنىڭ سۆزلىگەنلىرىنىڭ ھېچقانداق بىر قانۇنى ئاساسىنىڭ يوقلۇقىنى بىلگەن بولساقمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ يىقىلمىغانلىقىنى، تەپتىش ۋە ئالى كېڭەشنىڭ يىقىلمىغانلىقىنى بىلگەن بولساقمۇ، بىر ـ ئىككى ئادەمنىڭ سۆزى بىلەن جۇمھۇر رەئىسى ۋە باش مېنىستىرلارنىڭ يىقىلمايدىغانلىقىنى بىلگەن بولساقمۇ پەقەتلا پىتنە چىقمىسۇن دەپ بۇ ئەھۋالنى ش ت ج س ھ پارلامېنتىغا ئاپىرىپ ھەل قىلىش قارارىغا كالدۇق، مەن ھۆكۈمەت توپىدا بۇ ئىشنى پارلامېنتتا ھەل قىلايلى دەپ تەكلىپ بەردىم، بۇ تەكلىپنى ئاڭلىغان ئىليار شەمسىدىن پارلامېنتقا ئىسمائىل چىڭگىزنى، تەرەپدارلىق تۈپەيلىدىن ئىسمائىل تەرەپتە قالغان ۋە بىر قېتىممۇ ھۆكۈمىتىمىزنى ئېتىراپ قىلمىغان كىشىلەرنى ۋە ھۆكۈمىتىمىزدىن چىقىرىلغان ئىنسانلارنىمۇ ئەكىرىمىز دېدى ۋە بۇ قانۇنسىز تەكلىپ ئارقىلىق پارلامېنتنىمۇ پالەچ ھالغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇندى، ئەمما بۇ قانۇنسىز تەكلىپى رەت قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن ئىليار شەمسىدىن بۇ كرىزىسنى پارلامېنتتا ھەل قىلىشقىمۇ يېقىن كەلمىدى، سايلامغا ۋاقىت بەكلا ئاز قالغاچقا، تېخىمۇ ساقلاشقا ۋاقىت بولمىغاچقا بۇ كرىزىس تەپتىش ئارقىلىق پارلامېنتقا كەلتۈرۈلۈپ ئاۋازغا قويۇلدى، ئاۋازغا قويۇلىشى بىلەن تەڭ ئىليار شەمسىدىن، ئۈمىت سابىر ۋە ئەركىن ئابلىمىتلار پارلامېنتنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى، سەۋەپ؟ بۇ پارلامېنت ئەمەسمىش، ھالبۇكى بۇ توپ 2015. يىلى 11. ئايدا ئىليار شەمسىدىن تەرىپىدىن قۇرۇلغان توپ ئىدى، نەتىجىدە غۇلام ئوسمان، ئابدۇلئەھەد نۇر، ئىليار شەمسىدىن ۋە ئۈمىت سابىرلار ئىشەنچ ئاۋازىغا قويۇلدى ۋە مۇنداق نەتىجە چىقتى:

پارلامېنتىمىزدا توپلام 16 مىللەت ۋەكىلىمىز بار بولۇپ، بۇلاردىن 10 مىللەت ۋەكىلى غۇلام ئوسمان ۋە ئابدۇلئەھەد نۇرنىڭ ۋەزىپىسىنى داۋام قىلىشىغا ئاۋاز بەردى، 6 مىللەت ۋەكىلى ئىپادە بىلدۈرمەي بىتەرەپ تۇردى؛ 6 مىللەت ۋەكىلى ئىليار شەمسىدىننىڭ ۋەزىپىسىنى داۋام قىلىشىغا ئاۋاز بەردى ۋە 10 مىللەت ۋەكىلى ئىپادە بىلدۈرمەي بىتەرەپ تۇردى، ئەمما 10 مىللەت ۋەكىلى ئۈمىت سابىرنىڭ ۋەزىپىسىنى داۋام قىلىشىنى رەت قىلدى، يەنى ئۈمىت سابىر پارلامېنتىمىزدا بىرمۇ ئاۋازغا ئېرىشەلمىدى، بۇ سەۋەپتىن ئۈمىت سابىرنىڭ 8. قېتىملىق ئالى قۇرۇلتاي تەييارلىق كومېتىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسى پارلامېنتىمىز تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇ پارلامېنت قارارى ئۈمۈت سابىرغا يەتكۈزۈلدى ۋە ۋەزىپىسىنى ”8. نۆۋەتلىك ئالى قۇرۇلتايغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى“غا ئۆتكۈشۈپ بېرىشى تەلەپ قىلىندى، ئەمما ئۈمىت سابىر ۋە ئىليار شەمسىدىن بۇ قارارنى تونۇمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، خەلقتىن توپلانغان پۇلغا ئېلىنغان ياتاقنى ۋە ياتاق كونتىراكتىنى ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى رەت قىلدى ۋە بۆلگۈنچىلىك پىتنەـ ئىغۋالىرىنى داۋاملاشتۇردى.

يىلى 10. ئاينىڭ 23. كۈنى ئۈمىت سابىر تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۆلگۈنچى توپنى ”ش ت پارلامېنتى“ دەپ ئۆزگەرتىپ پارلامېنت توپىنىمۇ ئىككى قىلىپ بۆلگۈنچىلىكىنى داۋاملاشتۇردى، ھالبۇكى ئاتالمىش پارلامېنت توپىدىكى ئىنسانلارنىڭ كۆپ سانلىقى 2019. يىلى 11. ئاينىڭ 12. كۈنىدىكى ئالى قۇرۇلتايدىن كېيىن مىللەت ۋەكىللىكى باشلىنىدىغان كىشىلەر ۋە بەزىلىرى ش ت ج س ھ تەپتىش ھەيئىتى تەرىپىدىن ھۆكۈمەتتىن چىقىرىلغان ياكى ئىستىپاسى قوبۇل قىلىنغان كىشىلەردۇر، بۇنى ئىليار شەمسىدىن ۋە ئۈمىت سابىرلار ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ ۋە چۈشۈنىدۇ، شۇنداق تۇرۇغلۇق بۇلار ئۆزلىرى قۇرۇۋالغان قانۇنسىز توپنى پارلامېنت توپى دەپ ئاتاپ، يېڭى خەلق ۋەكىللىرىنى مىللەت ۋەكىلى قىلىپ كۆرسۈتۈپ ئالدامچىلىق بىلەن بۆلگۈنچىلىككە داۋام قىلماقتا.

ش ت ج س ھ تارىخىغا قاراپ باقساق، ھۆكۈمەتتىن قانۇنى يول بىلەن چىقىرىلغان بەزى ئىنسانلار ھۆكۈمەتنىڭ قارارىنى ئېتىراپ قىلماي ئۆزىنى ھۆكۈمەت دەپ ئېلان قىلغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ، بۇ ئەھۋالنى پۇرسەت بىلگەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىكى ئۆزىگە ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر سۈرەتلىك ماڭقۇرتلارغا بۇيرۇق بېرىپ، ھۆكۈمەت مانچە بولۇپ كەتتى ۋە ئۇنچە بولۇپ كەتتى دېگۈزۈش ئارقىلىق پىتنە ـ پاسات يېيىپ خەلقىمىزنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرىدۇ ۋە خەلقىمىزنى ئۆز ھۆكۈمىتىدىن قاچىدىغان قىلىپ قويىدۇ، خىتاينىڭ بۇ پىتنە ـ پاساتلىرى ھازىر ئەڭ ئەۋجىگە چىقتى ۋە ھەر يەردىن ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم كەلمەكتە، ئەمما ھۆكۈمىتىمىز بۇ تاشقى ھۇجۇملارغا پىسەنت قىلماي يولىغا ۋە نىشانىغا قاراپ كېتىپ بارغان بۈگۈنكى پەيتتە ”كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال“ دېگەندەك، ھۆكۈمىتىمىز ئىچىدىن ئۈمۈت سابىر ۋە ئىليار شەمسىدىن قاتارلىقلارنىڭ باشلاتقان سىياسى ئىسيانى ۋە ھۆكۈمەتنى يوق قىلىش تەشەببۇسى ئىنساننى چۈچۈتىدۇ ۋە پىلانلىق ھالدا تاشقى كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ ھۆكۈمىتىمىزنى پارچىلاپ يوقۇتۇش تاكتىكىسىنى قوللۇنۇۋاتىدۇ دېگەن قاراشقا كەلتۈرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ش ت ج س ھ تەپتىش ھەيئىتى ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىدىن مەسئۇل بىر ئورگان بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ سىياسى ئۆزگىرىش تەشەببۇسىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى ۋە تەكشۈرۈش جەريانىدا تۆۋەندىكىدەك قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللارنى بايقىدى:

ئۈمىت سابىر ۋە ئىليار شەمسىدىن ش ت ج س ھ تەپتىش ھەيئىتىنىڭ قارارىنى كۆزگە ئىلماي، مىللەت ۋەكىللىكىگە سالاھىيىتى توشمايدىغان كىشىلەرنىڭ مىللەت ۋەكىللىكىدىن چىقىرىلىشىغا قارشى چىقىپ ھۆكۈمەتكە قارشى ئىسيان باشلاتقان، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىماستىن شۈبھىلىك ئىنسانلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىچىدە قېلىشىنى تەشەببۇس قىلىپ تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان، بىر تەرەپتىن شۈبھىلىك ئىنسانلارنى قوغداپ قېلىشقا تىرىشسا يەنە بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنى قارىلاپ ھۆكۈمەتنى يىقىتىشقا تىرىشقان.

ئۈمىت سابىر ۋە ئىليار شەمسىدىن ش ت ج س ھ تەپتىش ھەيئىتىنى، ئالى كېڭەشنى، جۇمھۇر رەئىسىنى، باش مېنىستىرنى ۋە كابېنتىنى تونۇمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ھۆكۈمەتسىزلىك پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغان.

ش ت ج س ھ تەپتىش ھەيئىتى بۇ ھۆكۈمەتنىڭ بىخەتەرلىكىدىن مەسئۇل بىر ئورگان بولۇش سۈپىتى بىلەن سىياسى ئۆزگۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۈمۈت سابىرنى ھۆكۈمەت توپىدىن ۋاقىتلىق چىقىرىۋەتسە دەرھال يەنە بىر توپنى قانۇنسىز قۇرۇپ ھۆكۈمەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان، ئىليار شەمسىدىن بۇ قانۇنسىز ھەرىكەتنى قوللىغان ۋە ئۈمىت سابىرغا يان بېسىپ باش تەپتىشنى ھۆكۈمەت توپىدىن چىقىرىۋەتكەن.

ش ت ج س ھ پارلامېنتى ئۈمىت سابىرنى سىياسى ئۆزگۈرۈشكە تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن ”سايلامغا تەييارلىق قىلىش كومېتىتىنىڭ رەئىسى“ لىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان بولسىمۇ پارلامېنتنىڭ قارارىنى كۆزگە ئىلمىغان ۋە ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلغان، ئىليار شەمسىدىن پارلامېنتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرۇپ ئۈمىت سابىرنى قوللىغان ۋە يانتاياق بولغان.
5.

يىلى 10. ئاينىڭ 7. كۈنى ئۈمىت سابىر تەرىپىدىن قانۇنسىز قۇرۇلغان بۆلگۈنچى توپنى 2019. يىلى 10. ئاينىڭ 23. كۈنى ”ش ت پارلامېنت توپى“ غا ئۆزگەرتىپ ئالدامچىلىق بىلەن پارلامېنتىمىزنى بۆلۈشكە ۋە بۇلاشقا تىرىشقان.

ئىليار شەمسىدىن ۋە ئۈمىت سابىر 2019. يىلى 11. ئاينىڭ 10/12. كۈنلىرى ۋاشىڭتوندا ئېچىلماقچى بولغان 8. نۆۋەتلىك ئالى قۇرۇلتاينىڭ كونتۇرۇللىقىنى ئۆز قولىدا تۇتۇش ئارقىلىق سايلامنى مونۇپۇل قىلىپ ئۆز مەقسىدىگە يېتىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىغا ئېلىنغان ياتاقلارنى ۋە ياتاق توختامنامىلىرىنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بەرمەي، ھۆكۈمەتكە بېسىم قىلىپ، ھۆكۈمەتنى ئۆز كونتۇرۇللىقىغا ئېلىشقا تىرىشقان ۋە ھۆكۈمەتكە ئۇلتىماتۇم بېرىپ، بىزگە بوي سۇنساڭ ئالى قۇرۇلتاينى مۇشۇ ياتاقتا ئاچىمىز، بوي سۇنمىساڭ نىمە قىلساڭ قىل، بىزمۇ ئايرىم قۇرۇلتاي ئاچىمىز دەپ ھۆكۈمەتنى رەسمى شەكىلدە بۆلۈشكە تىرىشقان ۋە بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئاشكارا ئېلان قىلغان.

ش ت ج س ھ تەپتىش ھەيئىتى ئۈمىت سابىر ۋە ئىليار شەمسىدىنلارنىڭ قىلغان بۇ قىلىقلىرىنى سىياسى جىنايەت ۋە ھۆكۈمەتكە قىلىنغان خائىنلىق دەپ قاراپ، ئۈمىت سابىر ۋە ئىليار شەمسىدىننى ھۆكۈمەت ئىچىدىكى پۈتۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ۋە مىللەت ۋەكىللىكىدىن چىقىرىۋېتىش ھەققىدىكى تەكلىپ تەپتىش ھەيئىتىدە ئاۋازغا قويۇلدى، نەتىجىدە ئۈمىت سابىر ۋە ئىليار شەمسىدىن تەپتىش ئەشالىرىنىڭ تولۇق ئاۋازى بىلەن ھۆكۈمەت ئىچىدىكى پۈتۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى ۋە مىللەت ۋەكىللىكىدىن چىقىرىلدى.

تەپتىش جەريانىدا فىرانسىە مىللەت ۋەكىلى ئەركىن ئابلىمىت، قازاقىستان خەلق ۋەكىلى يادىكار غەنىيېۋ ۋە بەزى كىشىلەرنىڭمۇ تالىپ ئاتىجان ئىسيانىدا بولسۇن ياكى ئۈمىت سابىر ئىسيانىدا بولسۇن ھەر ئىككىسىدە ئاكتىپ رول ئېلىپ بۆلگۈنچىلەرنى قوللاپ ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرغانلىقى كۆرۈلدى ۋە ئىسپاتلاندى، بۇ كىشىلەرنىڭ بۆلگۈنچىلەرنى قوللۇشى ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرغانلىق ۋە ھۆكۈمەتنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغانلىق بولۇپ ھىساپلىنىدۇ، مىللەت ۋەكىلى بولۇش شەرتلىرىنىڭ بىرى ”ھۆكۈمەتنى بۇزۇشقا ئۇرۇنمىغان بولۇش“ تۇر.
ش ت ج س ھ بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ ئەركىن ئابلىمىت، يادىكار غەنىيېۋ ۋە باشقا ئىسيان تەرەپدارلىرىنى ھۆكۈمەتتىن چىقىرىش ياكى چىقارماسلىق ھەققىدە ئاۋازغا قويدى، نەتىجىدە تەپتىش ئەزالىرىنىڭ تولۇق ئاۋازى بىلەن ئەركىن ئابلىمىتنىڭ ھۆكۈمەتتىكى ۋەزىپىسى ۋە مىللەت ۋەكىللىكى ئېلىپ تاشلاندى؛ خەلق ۋەكىلى يادىكار غەنىيېۋنىڭ مىللەت ۋەكىللىكى رەت قىلىندى ۋە باشقا ئىسيان تەرەپدارلىرىغا 24 سائەت ئىچىدە بۆلگۈنچىلەر توپىنى تەرك ئېتىش شەرتى بىلەن مىللەت ۋەكىللىكىگە داۋام قىلىشى قارار قىلىندى، ئەگەر 24 سائەت ئىچىدە بۆلگۈنچىلەرنى تەرك ئەتمىگەنلەرگە قايتا چارە كۆرىلىدۇ.

ش ت ج س ھ تەپتىش ھەيئىتىيىلى : 10. ئاينىڭ 25. كۈن