شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

بىرىتانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتىدىن ئارىيە (1934)

Commanders and soldiers of the First ETR - 1933

مەزكۇر ماتىرىياللار بىرىتانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدىكى 1934-يىلىغا ئائىت دوكلاتىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ئەپسۇس بىز دوكلاتنىڭ تولۇق نۇسخىسىغا ئېرىشەلمىدۇق، شۇنداقتىمۇ بىرىنجى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن، قولىمىزدا بار قىسىملىرىنى خەلقىمىزگە سۇنۇشنى قارار قىلدۇق.

239

قولدىن كەتكەن ئاپتونومىيىنى قايتۇرىۋېلىش ئۈچۈن، ماجۇڭيىڭ شەرقىي تۈركىستان تېرىتورىيىسىگە قانۇنلۇق كىرىش ئۈچۈن كۈچىنى قوللىنىشقا باشلىغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارلىق تۈرك مۇسۇلمان ئاھالىسى، دەسلەپتە ماجۇڭيىڭنى ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتى ۋالىسىنىڭ دۈشمىنى دەپ قاراپ ياخشى تەسىراتتا بولغان ئىدى، ھازىر ئۇنىڭغا ئوچۇق قارشى چىقتى. ئۆزىنىڭ يەرلىك ئاپتونومىيىسىنى قوغداش ئۈچۈن كۆتۈرۈلگەن قۇمۇل قوزغىلىڭى- شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى مۇستەقىللىق ئىنقىلابىغا ئايلاندى. تىپىك خىتاي مەنزىرىسى ئالدىمىزدا يېيىلدى. مۇسۇلمان بۆلگۈنچىلەر ئۈرۈمچى كۈچلىرى بىلەن بىرلىكتە ماجۇڭيىڭغا قارشى ئۇرىشىۋاتىدۇ. كىيىن ماجۇڭيىڭ ئۈرۈمچى كۈچلىرى بىلەن كىلىشىم تۈزدى ۋە بىرلىكتە مۇسۇلمان بۆلگۈنچىلەرگە قارشى جەڭ قىلدى. تۇڭگانلار ماجۇڭيىڭغا ياردەم بىرىش ئۈچۈن كۆپ ئولتۇراقلاشقان، ماجۇڭيىڭنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسى كەڭ بولغان گەنسۇ ۋە سىچۇەندىن كەلدى. نۆۋەتتىكى شەرقى تۈركىستاندا بولىۋاتقان جەڭنى تۆۋەندىكىدەك تەسۋىرلەشكە بولىدۇ : ھازىر ئۈچ تەرەپ كۈچلىرى ئېلىشىۋاتىدۇ : (ئا) خىتاي كۈچلىرى – شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئېلىش ۋە شەرقىي تۈركىستاندا سەن جۇڭشەننىڭ پىلانىغا ئۇيغۇن- ” ياتلارغا ئۆچمەنلىك ئىسلاھاتى” دەپ ئاتاشقا بولىدىغان بىر تۈزۈلمىنى ئورنىتىش ئۈچۈن. (ب) ماجۇڭيىڭنىڭ لىدىرلىقىدا تۇڭگانلار ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن (س) تۈرك مۇسۇلمانلار – شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن. ئەڭ ئاخىرقى غەلىبە ئىنتايىن روشەن بولغان ئىدى، بىر يىل ئاۋال ئۇلار مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى، ۋەھالەنكى، كۆرەش تېخى ئاخىرلاشمىدى. دۆلىتى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ماجۇڭيىڭ ۋە تۇڭگانلار، سىرتىدا بولشىۋىكلار. ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان مۇقىم بولمىغان نەنجىڭ ھۆكۈمىتى-شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بىرىۋاتقان ۋەقەلەرگە قارىتا پاسسىپ ھالەتتە قاراپ تۇرماقتا.

240

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاخىرى خىتايغا ئېلىپ كىلىدىغان خەتەرلىك ئاقىۋەتلىرىنى چۈشەندى ۋە بەزى تەدبىرلەرنى كۆرۈشكە قارار قىلدى. ئەدلىيە مىنىستىرى لۇ يىڭ كەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاھىدە كومتىتنى ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتتى، نەنجىڭ ھۆكۈمىتى ئىنقىلاپنىڭ يىلتىزى خىتايلارنىڭ رەھىمسىزلىكىدە ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەندىن باشقا ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. ئۈرۈنچى دۇبەنى جىڭ شۇرىن ئۈرۈمچىدىن قاچقاندىن كىيىن ھېچقانداق يېڭى دۇبەن ئۇ يەرگە ئەۋەتىلمىدى. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت دۆلەتلىك كومتىت رەئىسى-ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇبەن ۋاقتىدا مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان لۇ يىڭ لۇڭنىڭ قولىغا قالدى. ئۇ كومتىتتا گېنرال شىڭ شىسەي ھەربى ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى. [ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت دەپ ئاتالغان] دۆلەت كومتىتى بىلەن بىرگە 34 ھەيئەتتىن تەركىپ تاپقان يەنە بىر كېڭەش بولۇپ، كېڭەش ئەزالىرى 24 خىتاي، بەش مۇسۇلمان تۈرك، ئۈچ تۇڭگان، بىر موڭغۇل، بىر ئاق ئورۇس ئىدى. رەسمى پىروگراممىغا ئاساسەن كېڭەشنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى كونتىرول قىلىش ھوقۇقى بار ئىدى. ھەيئەت قۇرۇش ئارقىلىق- تولۇق ھوقۇقلۇق، ھەتتا يەرلىك ئاھالە سايلام ئارقىلىق ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرالايدىغان يەرلىك ئاپتونوم ھۆكۈمەت قۇرۇشنى كۆزلىگەن ئىدى. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ناھايىتى ئاجىز ئىدى ھەمدە ئۈرۈمچى ئەتراپىدىلا ئېتراپقا ئېرىشىلگەن ئىدى. نەنجىڭ ھۆكۈمىتى بىۋاستە ھالدا توپىلاڭچىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت قىلىش ئارقىلىق بىر كىلىشىمگە ئېرىشمەكچى بولغان، بىراق ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتايلارنىڭ قايتىپ كىلىشىنى خالىمايتتى ۋە ئاخىرغىچە كۆرەش قىلىش ئىرادىسىگە كەلگەن ئىدى. نەنجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانى ۋە ئويلىمىغان يەردىن سوۋىت ھۆكۈمىتىدىن كەلگەن ئويلىمىغان ياردەمگە ئېىرىشىشى ھەققىدە يىغىنچاقلاپ خۇلاسە قىلىش زۆرۈر.

241

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلغان پەيتتىن باشلاپ، بولشىۋىكلار دۆلەتلىك ھەرىكەتكە قارىتا دۈشمەنلىك تەشۋىقاتى قىلىشقا باشلىدى. بولشىۋىكلارنىڭ ئۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەپلەر دەسلەپتە جاۋاپسىز قالغان ئىدى. سوۋىت مەتبۇئاتى سېستىماتىك ھالدا يېڭى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ياكى ئىنگىلىز ئىمپىرىيالىزىمىنىڭ خىيالى مەھسۇلاتى ياكى ياپون ئىستىلاچىلىرىنىڭ يېڭى مانجۇرىيىسى ۋە ياكى كامالىزىمغا قارشى، ئاسىيادىكى پان-ئىسلامىست دەپ ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈشكە باشلىدى. بولشىۋىكلار كاجلىق بىلەن مۇھەممەدىزىمغا ئىېتىقات قىلىشنى باشلىغان ئىنگىلىز، ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستان پادىشاھى دەۋالغان كىشى بىرىتانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن دىگەن قاراشتا چىڭ تۇردى، شۇڭا شەرقىي تۈركىستاننى ئىسلامىستان دەپ ئاتاشقا باشلىدى. سوۋىت مەتبۇئاتى يەنە شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقىدا پادىشاھلىققا يەنە بىر كاندىدات چىقتى دەپ سۆز-چۆچەك تارقاتتى، يەنى ئابدۇلھەمىتنىڭ نەۋرىسى ئابدۇلكەرىم شاھزادە. سوۋىتقا كۆرە، ئابدۇلكەرىم ياپون غالىپلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. شۇنى خاتىرىلەش كىرەككى، شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقىدا ئابدۇلكەرىم دەپ شاھزادە بولمىغان.

242
ئىسلامىستان يەنى ئىنگىلىز پادىشاھى بولغان ۋە ياپونىيە مەيدانغا كەلتۈرگەن تۈرك شاھزادە ئابدۇلكەرىم قاتارلىقلاردىن بولشىۋىكلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە خىتاينىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغىماقچى بولغىنى ئېنىق. نەنجىڭنىڭ گىزىتى [ چىنى تۈركىستان ئاۋازى] دىن نەنجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ- خىتاي خەلقىنىڭ ئۆچمەنلىكىنى ئەنگىلىيە ۋە ياپونىيىگە يۆنلەندۈرمەكچى بولغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. نەنجىڭ ھۆكۈمىتى، ” شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىىي مۇسۇلمانلارنىڭ خىتايلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى- شەرقىي تۈركىستاننىڭ سابىق دۇبىنىنى ئۆزىنىڭ مۇئاشلىق خادىمى قىلىۋالغان بولشىۋىك سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان” دەپ بىلگەن. ۋەھالەنكى، نەنجىڭ ھۆكۈمىتى ئەنگىلىيە ۋە ياپونىيىنى بولۇپمۇ ئەنگىلىيىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەيدانى ھەققىدە قارىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا روس سوۋىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغان، ” خىتاي مۇھەممەدىلەرنىڭ ئاق خىرىستىيان ئالۋاستىلارغا بولغان دىنى ۋە ئىرقى ئۆچمەنلىكىنى قوزغاش بىلەن بىرگە، روس سوۋىتى ئىنگىلىزلار بىلەن بىر سەپتە ئەيىپلەندى. ئەگەر [ چىنى تۈركىستان ئاۋازى ] غا ئىشىنىشكە بولسا، ئۇ ھالدا نەنجىڭ ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننى قەستەن ياۋروپا ئىمپىرىيالىزىمىغا قارشى كۆرەشنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرماقچى بولغان، يەنى خىتاي خەلقىنىڭلا كۆرىشى بولۇپ قالماي ئاسىيادىكى بارلىق ئىزىلگەن خەلقلەر شۇنداقلا پۈتۈن مۇھەممىدى دۇنياسىدىكى خەلقنىڭ كۆرىشىگە ئايلاندۇرماقچى بولغان.
بولشىۋىك تەشۋىقاتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كامالىزىمغا قارشى يۈزلىنىشىنىڭ مەقسىتىنى كۆزىتەيلى.

243
شۇنىڭغا چوقۇم دىققەت قىلىش كىرەككى، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇھەممىدىيە خەلقى قان، دىنى ۋە تىل جەھەتتىن ئاناتولىيە تۈركلىرىگە ئوخشايدۇ، شۇڭا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈركىيىدىن ھېچ بولمىسا روھى مەدەتكە ئېرىشىش ئارزۇسى بولىشى تەبى’ئى. بولشىۋىكلار بۇنىڭدىن ھەزەر قىلاتتى ۋە تۈركلەرنى قورقۇتىۋېتىشتىن ۋە ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي ئازاتلىق ھەرىكىتىگە بولغان گۇمانىنى قوزغاپ قويۇشتىن قورقاتتى. بولشىۋىكلار – شەرقىي تۈركىستان مىللى ھەرىكىتى ھەققىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇھەممىدىيە لىدىرلىرى كامالىزىمغا قارشى شۇنداقلا ئەنگىلىيىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا دىگەن سەپسەتىنى تارقاتقان. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ گەرچە جاما’ئەت پىكرىدە شەكسىز تەسىر قوزغىغان شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللى ئازاتلىق ھەرىكىتىگە ھېسداشلىقى بولسىمۇ، بولشىۋىك تەشۋىقاتنىڭ تەسىرى ئاستىدا، دۈشمەنلىك قىلمىغان بولسىلا ئەڭ ئاز شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە پايدىسىز پوزىتسىيە تۇتتى. بۇ ئەسنادا، تۈرك تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دوكتور تەۋفىق رۇشت بەينىڭ ئاناتولىيە ئاگنېتلىقىغا بەرگەن باياناتى ئىنتايىن ئۆزگىچە : ئۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي مۇھەممەدىيە خەلقىنى- تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا كۆرە بارلىق قوشنىلىرىنىڭ كۈلتۈرەل ۋە دۆلەتلىك قەد كۆتۈرۈشكە ياردەمدە بولغان روس سوۋىتى بىلەن دوست بولۇشقا چاقىرىق قىلدى.
سوۋىت مەتبۇ’ئاتى تارقاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى پان ئىسلامىزىم، پان تۈركىزىم پىلانلىرىغا ئا’ئىت سەپسەتىلەرگە باغلىنىشلىق پىلانلار ھەققىدە شۇ ئېنىقكى ، ئۇنداق پىلانلار نە ئىنقىلاپچىلارنىڭ كاللىسىدا نە لىدىرلاردا مەۋجۇت بولمىغان.

244
شەرقىي تۈركىستان تۈرك خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا مۇراجىئەت قىلغىنى راست. [ شەرقىي تۈركىستان قانۇنلۇق ۋەكىلىنىڭ- ياش تۈركىستان گىزىتىنىڭ باش تەھرىرىگە يازغان خېتىگە قارالسۇن، 51-سان. ] تۈركىي خەلقلەرنىڭ مۇھىم بىر گۇرۇپى روس سوۋىتىنىڭ سىرتمىقىدا قالغان ۋەيران بولۇشنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان،بولشىۋىزىم شەرقىي تۈركىستانغا تەھدىت بولۇپ قالغان ئەھۋالدا،بۇ مۇراجىئەتنىڭ سەۋەبى ئىرقى تۇغقاندارچىلىقتىن ئەمەس بەلكى دۆلەتلىك، كۈلتۈرەل ۋە دىنى نۇقتىنەزەردىن.
شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللى ھەرىكەتنىڭ لىدىرلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئوخشىمىغان تۈركىي گۇرۇپلارنىڭ تەقدىرى- ئۇلارنىڭ ئۆز ئارىسىدىكى بىرلىكى نەزەردىن ساقىت قىلىنمىغان ھالدا، ئايرىم- ئايرىم قارار قىلىنىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. بولشىۋىكلار پەيدا قىلغان ۋە بەزى مەقسەتلەرنى نەزەردە تۇتقان ھالدا نەنجىڭ ھۆكۈمىتى ھىمايە قىلغان ” شەرقىي تۈركىستاندىكى پان ئىسلامىزىم ” سەپسەتىسىگە كەلسەك، ئۇ بىمەنىلىكتۇر.
شەرقىي تۈركىستاندىكى دۆلەتلىك ئازاتلىق كۆرىشىنىڭ لىدىرلىرى روشەن ۋە ئېنىق ھالدا، ۋەتىنىنىڭ تۇپرىقىنى- ئۇ يەرگە باش تىقىۋېلىشقا ۋە بارلىق قوشنا مۇھەممىدىيە رايونلىرىغا تارقىتىشقا ئۇرىنىۋاتقان، شۇ ئارقىلىق ئاسىيا قىتئەسىنىڭ بۇ بۆلىكىدە كىيىنكى زەپەرگە ئاساس سېلىۋاتقان بولشىۋىزىمنىڭ خەتىرىدىن ساقلاش ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.
شەرقىي تۈركىستان ھازىر بولشىۋىزىمنىڭ ئاسىياغا تارقىلىشىغا قارشى كۆرەش رايونىغا ئايلاندى. خىتاي بولشىۋىزىمنىڭ بۇ تەرەققىياتىنى توسۇيالمايتتى. بىز خىتاي ھاكىمىيتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى رولىنى كۆردۇق.

245
ھېچكىم سوۋىت مۇ’ئاش بىرىدىغان خىتاي گېنرالنىڭ پەيدا بولۇپ ۋە ئۆزىنىڭ ” ئىنقىلابى تۈزىمى” نى ئورنىتىۋالمايدىغانلىقىغا كاپالەت بىرەلمەيدۇ.
ئوخشاش تۇڭگان گېنرال ماجۇڭيىڭ- ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆكۈمرانى دەپ تونۇش شەرتى ئاستىدا سوۋىتلەر بىلەن دوست بولۇشقا ئۇرۇنمىغانمىدى؟
شەرقىي تۈركىستان خەلقى جۇمھۇرىيىتىنى مۇستەھكەملىيەلەمدۇ؟ ئۇلارنىڭ خادىملىرى دۆلەت باشقۇرۇشقا قابىلمۇ؟
بۇ سۇ’ئاللار گاھىدا سۇرىلاتتى.
بىزگە نىسبەتەن، ھەرقانداق خەلق مەيلى كۈلتۈر دەرىجىسىدىن قەتىنەزەر،نۆۋەتتىكى خىتايدىن ناچار ئىدارە قىلىنمايدۇ. ياۋروپا ئۆلچەملىرى بويىچە؛ ئىراق، سۈرىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر ئۆزىنى ئىدارە قىلىشقا قابىل ئەمەس ئىدى. بۇ دۆلەتلەر ھەممىس ئوخشاش ھۆكۈمرانلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى ۋە بەزىلىرى[ ياۋروپا كېڭەش ئەزالىرى ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ ياردىمىدە] ئۆزىنى ئىدارە قىلىشنى باشلىدى. بەزى دۆلەتلەر يەنىلا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ۋەلىلىقىدا، بەزىلىرى مۇستەقىللىققە ئېرىشتى ۋە ياكى ئېرىشىش يولىدا.
شەرقىي تۈركىستانمۇ ئوخشاش ۋەزىيەتتە بولىشى مۇمكىن. ئۆزىنى ئىدارە قىلىشقا تەييارمۇ دىگەن سۇ’ئالنى پەقەت خىتاينىڭ ئۆز ھالىغا قارىتا بىكىتىش لازىم. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشلارغا مەسۇل بولالايدىغان ئىنسانلار بارمۇ

246
ئەڭ باشتا، نۆۋەتتىكى ھەرىكەتنىڭ باشلامچىىسى، ناھايىتى تونۇلغان ۋە كۈچلۈك ئىرادىلىك خوجا نىياز ھاجى. ئۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى بولۇپ تاللاندى.
مىللى مۇداخىلە پۈتكۈل خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا باغلىق. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى شەرقىي تۈركىستان مەسلىسىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان بىر خاتىمە ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن.
ئەلۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ غەيرەت-شىجائىتى ۋە مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلىقىنى نامايەن قىلغان باشقا ئىنسانلارمۇ بار.
سەردارلارنىڭ ئارىسدا شەرقىي تۈركىستان مىللى مۇداخىلىسىنىڭ پىلانلىرى ۋە ئىمكانىيەتلەرگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا بۈيۈك خىزمەت كۆرسىتەلەيدىغان بىر كىشى بار،ئۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ قانۇنلۇق ۋەكىلى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن، سىمىرنىيىلىك تۈرك دوكتور مۇستافا ئەلى، ناھايىتى تەربىيە كۆرگەن ۋە تالانتلىق ئادەم. ئۇ تۈركىيىدە قىسقا ئۆمۈر سۈرگەن لىبرال پارتىيىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى [ پارتىيىنىڭ باش قۇرغۇچىسى نۆۋەتتە لوندوندىكى ئەلچى فەچى بەي] ئىدى. دوكتور مۇستافا ئەلى كابۇلدا ياشايدۇ، سوۋىت تۈركىستانىدا قۇرۇلغان تەشكىلات بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستانغا قوشنا ھىندىستان رايونىدا سوۋىتقا قارشى تەشۋىقات قىلىۋاتىدۇ.
سوۋىت ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنىڭ ۋەزنىنى ھېس قىلدى ۋە بارلىق ۋاستىلارنى قوللىنىپ ھەرىكەتنىڭ لىدىرى بىلەن ئالاقە قۇرۇشقا ئۇرۇندى، ياردىمىنى تەكلىپ قىلدى. ھازىرغىچىلىك بۇ ئۇرۇنۇشلار نەتىجىسىز بولدى.

مەزكۇر تارىخى ماتىرىيالنىڭ ئەسلى نۇسخىسى تۆۋەندىكى PDF ھۆججىتىدە.

Scroll to Top