ئاداققى نىشانىمىز، ئەركىن دۇنيانىڭ قوللىشى بىلەن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى رەھىمسىز ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئىشغالىيىتى ۋە مۇستەملىكىسىگە خاتىمە بىرىش

ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسى

ئىككىنجى ماددا

مەزكۇر ئەھدىنامىدە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق-پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ھالدا دۆلەتلىك، ئېتنىك، ئىرقىي ياكى دىنىي گۇرۇپپىلارنى ۋەيران قىلىشنى نىشان قىلغان تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ ھەر قاندىقىنى كۆرسىتىدۇ

ئا. گۇرۇپپىغا تەۋە كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈش
ب. گۇرۇپپىغا تەۋە كىشىلەرگە جىسمانىي ياكى روھىي جەھەتتىن ئېغىر زىيانكەشلىك قىلىش
س. گۇرۇپپىنىڭ ياشاش شارا’ئىتىغا قەستەن تەسىر پەيدا قىلىش نەتىجىسىدە پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ھالدا جىسمانى ۋەيرانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش
د. گۇرۇپپا ئىچىدە تۇغۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىش
ئې. گۇرۇپتىكى بالىلارنى مەجبۇرى باشقا گۇرۇپقا يۆتكىۋېتىش

خىتاي 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋېلىپ مۇستەملىكە قىلغاندىن بۇيان، خىتاي كومپارتىيىسى ۋەھشى مۇستەملىكە ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، مىليونلىغان بىگۇناھ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆلۈشىگە، شەرقىي تۈركىستان مۇھىتىنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا، تىلكۈلتۈرھىندۇ ياۋروپا تۈركىي كىملىكىنىڭ تەدرىجى يوقىلىشىغا سەۋەپچى بولدى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق مۇستەملىكە سىياسىتى شەرقىي تۈركىستان نوپۇسى قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگەرتتى، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى ئۆز ۋەتىنىدە ئاز سانلىق مىللەت قىلىپ قويدى. ئەگەر نۆۋەتتىكى ھالەت داۋاملاشسا، شەرقىي تۈركىستانلىقلار (خىتايغا )ئوخشىمايدىغان كىشىلەر تەرىقىسىدە يوقىتىۋېتىلىدۇ. بۈگۈن، مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار تۈرمىلەرگە، جازا لاگىرلىرىغا، ئەمگەك لاگىرلىرىغا تاشلاندى. بالىلار مەجبۇرى ھالدا ئا’ئىلىسىدىن ئايرىۋېتىلىپ خىتاي دۆلىتىنىڭ دارىلتاملىرى ياكى ياتاقلىق مەكتەپلىرىدە چوڭ بولىۋاتىدۇ. مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قىز- ئاياللار خىتايلارغا تىگىشكە مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ

خىتاي 1949-يىلى بېسىۋالغاندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ 90 پىرسەنتىدىن ئارتۇق نوپۇسىنى تۈركىي مىللەتلەر تەشكىل قىلاتتى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇسى تۆت پىرسەنتكە يەتمەيتتى. بۈگۈن، 70 يىللىق قىرغىنچىلىق ۋە مۇستەملىكىدىن كىيىن، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئومۇمى نوپۇسنىڭ 55 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدىغان، خىتاينىڭ نوپۇسى 45 پىرسەنتكە يەتتى

ئېنىقكى، خىتاي كومنىست ھاكىمىيىتىنىڭ نىشانى تۇغۇتنى چەكلەش تەدبىرلىرى، ئىشغالىيەت، زور كۆلەملىك قاماش، مەجبۇرى كۆچمەن يۆتكەش، داۋالاش ھادىسىلىرى ( ئۆلۈم نىسبىتىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان) ۋە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق، رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئوڭشىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بۇزۇۋېتىش. بۇ قەستەن يۈرگۈزۈلگەن قىرغىنچىلىقنىڭ ئۆزى

خىتاي كومنىست دا’ئىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاننى ئىگىلەش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھاشار (مەجبۇرى ئەمگەك ) قىلدۇرۇش ئۈچۈن، 1954-يىلىدا ئۈچ يۈز مىڭ خىتاي ئەسكىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئا’ئىلىسى بىلەن بىڭتۇ’ئەن (ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ھەربىي گەۋدىسى) نى قۇرۇپ چىقتى. 2019-يىلىدا، بىڭتۇ’ئەننىڭ ئۈچ مىليونلۇق زور كۈچى بار دەپ تەخمىن قىلىنىۋاتىدۇ

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى 1964-يىلى شەرقىي تۈركىستان لوپنۇر كۆلىدە تۇنجى ئاتوم سىنىقىنى قىلدى، ئۇ 46 قېتىملىق سىناقنىڭ تۇنجىسى ئىدى. ئەڭ ئاخىرقى سىناق 1996-يىلى قىلىنغان (خىتاي داۋاملىق يوشۇرۇن سىناق قىلىۋاتىدۇ دىگەن خەۋەرلەر بار). 46 ئاتوم سىنىقى سەككىز يۈز مىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆلۈشىنى ۋە مىليون كىشىنىڭ راك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى رادى’ئاتسىيەگە ئۇچرىشىغا سەۋەپ بولدى. شەرقىي تۈركىستان ئىزچىل خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك قورال-ياراق سىناق قىلىش بازىسى بولۇپ كەلدى. شەرقىي تۈركىستاندا خەلقارا يىتەكچىلىك قىلغان رادى’ئاتسىيىگە مۇناسىۋەتلىك كىسەللىكلەر تەتقىقاتى قىلىشقا جىددى ئىھتىياجلىق، ۋەھالەنكى خىتاينىڭ قاتتىق چەكلىمىلىك بىخەتەرلىك سىياسىتى بۇنىڭغا يول قويمايدۇ

خىتاي مەدەنىيەت ئىنقىلابى (1966-1976) مەزگىلىدە، يۈز مىڭلىغان كىشىلەر ئاچارچىلىقتىن ئۆلتۈرۈلدى. ئون مىڭلىغان كىشىلەرگە ”ئىنقىلاپقا قارشى“، ”كاپىتالىست“ ، ”مىللەتچى“، ”چەتەل ئالۋاستىلىرى“ بەتناملىرى بىلەن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلدى

شەرقىي تۈركىستاندا كەلگۈسى تۈركىي خەلق مەۋجۇتلىقىنى يوق قىلىش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى نوپۇس كونتىرول سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەت بوۋاقلىرىنى مەجبۇرى ئۆلتۈرىۋەتتى (چۈشۈرىۋەتتى) . 30 يىللىق مەزگىلدە(1969-2009) ، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا 3.7 مىليون بوۋاقنىڭ تۇغۇلىشىنى چەكلىدى. مەجبۇرى بوۋاق چۈشۈرۈش سىياسىتى شەرقىي تۈركىستاندا بۈگۈنمۇ يۈرگۈزىلىۋاتىدۇ

سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ گۇمران بولىشى ۋە غەربىي تۈركىستان(بۈگۈنكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبەكىستان، تۈركمەنىستان ۋە تاجىكىستان )نىڭ مۇستەقىللىقىدىن كىيىن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قايتا ئورنىتىشقا ئۇرىنىشىدىن قورققان خىتاي ھۆكۈمىتى “ تۇنجى قاتتىق زەربە بىرىش ھەرىكىتى(1996-2004)“ نى قوزغاپ، شەرقىي تۈركىستان دۆلەت كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن، خىتاي دەۋالغان ”ئۈچ ئالۋاستى كۈچ- بۆلگۈنچىلىك، تېرورىزىم، رادىكاللىق“ قا زەربە بەردى. بۇ مەزگىلدە ئىككى يۈز مىڭچە شەرقىي تۈركىستانلىق تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى

ئا ق ش ۋە ئەركىن دۇنياغا قارىتىلغان 2001-يىلى 11-سېنتەبىردىكى تېرورلۇق ھۇجۇمىدىن كىيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى ”تېررورىزىمغا قارشى“ دىگەن باھانىدا نىشانغا ئالدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا 2014-يىلدىن بۇيان، ”قايتا تەربىيە ۋە بىخەتەرلىك ھەرىكىتى“ باشلاپ، زور كۆلەملىك قاماش، دىنىي ۋە مىللى ئۆرپ-ئادەتلەرنى چەكلەش ۋە ئورۋېل شەكلىدىكى ساقچى دۆلىتى قۇرىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي دۆلىتىگە سادىقلىقىنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن، 2018-يىلى 1.12 مىليون خىتاي كادىرنى ”تۇغقان“ دەپ ئاتاپ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئەۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئۇندىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-2017-يىلىدا، شەرقىي تۈركىستاندا 36 مىليون ئادەمنىڭ د ئېن ئا ئەۋرىشكىسى، ئاۋاز نۇسخىسى، كۆرۈش پەردىسى تەسۋىرىنى مەجبۇرى يىغقان

2017-يىلى خىتاي خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ بى’ئولوگىيىلىك ئۇرۇش سىتراتىگىيىسى خىتاينىڭ دۈشمەنلىرىگە ”ئېتنىك گېن ھۇجۇمى“ قىلىش مۇمكىنچىلىقى شەپىسىنى بىرىشى خىتاي بەلكىم شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى بى’ئولوگىيىلىك قورال تەييارلاۋاتقان بولىشى مۇمكىن دىگەن ئەنسىرەشنى كۈچەيتىۋەتتى

ئا قا ش مۇداپى’ئە مىنىستىرىنىڭ ھىندۇ-تېنچ ئوكيانغا مەسۇل ياردەمچى مىنىستىرى راندال.گ. شىرىۋېر 2019-يىل ماي ئېيىدا خىتاينىڭ ئۈچ مىليون ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ تۈركىي مىللەتلەرنى جازا لاگىرىغا قامىغانلىقىنى كۆرسەتتى. جازا لاگىرىدىكىلەر سىياسى ۋە كۈلتۈرەل مىڭە يۇيۇش، ئاچ قويۇش، مەجبۇرى دورا يىگۈزۈش، ئورگان سۇغۇرۇش، باسقۇنچىلىق، قىيناق، ھەتتا (ئۆلۈم ) ئىجرا قىلىشنىڭ نىشانى بولىۋاتىدۇ

‘ۋاشىڭگىتون ئەركىن ماياك’ 2019-يىل ئىيۇلدا، غايەت كۆلەملىك جازا لاگىرى، تۈرمە، ئەمگەك لاگىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. شەرقىي تۈركىستان مىللى ئويغىنىش ھەرىكىتى ئەڭ ئاز 124 جازا لاگىرى، 193 تۈرمە، 66 بىڭتۇ’ئەن ئەمگەك لاگىرىدا تەخمىنەن 3.68 مىليون مەھبۇس قامالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى

بەش يۈز مىڭدەك ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي پەرزەنتلەرگە ئۆز ئىرقىنى ئىنكار قىلدۇرۇش ۋە خىتاي مەدەنىيىتى، خىتاي كىملىكىنى ئۆزىنىڭ دەپ تونۇتۇش ئۈچۈن، مەجبۇرى ئا’ئىلىسىدىن ئايرىۋېتىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرغان دارىلتام ۋە ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلگەن