شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقى تۈركىستان ۋە شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ رەسمى ۋەكىللىرى

(1901-1937) مەمتىلى تەۋفىق ئەپەندى

دۆلەتنىڭ ئىستىقلال مارشى 1933-يىلى مەمتىلى ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلىپ، ئاھاڭغا سېلىنغان، شەرقىي تۈركىستانلىقلار تەرىپىدىن ئوقۇلغان «قۇرتۇلۇش يولىدا» ناملىق شې’ئىردۇر. دۆلەتنىڭ مىللىي مارشى — مەمتىلى ئەپەندىنىڭ «تارىختىن ئەۋۋەل بىز ئىدۇق، تارىختىن سوڭرە يەنە بىز» دېگەن شې’ئىرىدۇر

قۇرتۇلۇش يولىدا

قۇرتۇلۇش يولىدا سۇدەك ئاقتى بىزنىڭ قانىمىز
سەن ئۈچۈن ئەي يۇرتىمىز بولسۇن پىدا بۇ جانىمىز.
قان كىچىپ ھەم جان بىرىپ ئاخىر قۇتۇلدۇردۇق سىنى،
قەلبىمىزدە قۇتۇلۇشقا بار ئىدى ئىمانىمىز.

يۇرتۇمۇز بىز يۈز-كۆزۈڭنى قان بىلەن پاكىزلىدۇق،
ئۆرلىگەن يالقۇن بىلەن پاقلاندى بەلكى نامىمىز
يار ھەمدەم بولدى بىزنىڭ ھىممىتىمىز سەن ئۈچۈن،
شاۋنۇ شۆخرەتلىك ئىدى ھىممەت بىلەن ئەجدادىمىز

ئاتىلارنىڭ جەڭلىرى ئۆچمەيدۇ تارىخ بەتىدىن
نەسلى قالدى جەڭگىۋار بىز ئۇنىڭ ئەۋلادى بىز
چىقتى جان ھەم ئاقتى قان دۈشمەندىن بولدى ئەل ئامان
ياشىسۇن، مىڭ ياشىسۇن، پارلانسۇن ئەي ئىستىكبالىمىز

تارىختىن ئەۋۋەل بىز ئىدۇق، تارىختىن كىيىن يەنە بىز

تارىختىن ئەۋۋەل بىز ئىدۇق، تارىختىن كىيىن يەنە بىز،
قەلبىمىزدە ۋىجدانىمىز، بۇ بىزنىڭ ئىمانىمىز
تۈرك بىز، ئانا يۇرتىمىزنىڭ كۆكسى بىز تۇنچ سۇفەرى،
باش كەسىلسە قايتماس باسقان ئىزىدىن تۈرك ئەرلىرى
يۇرتىمىزنىڭ ئالتۇنىدۇر تاغى بىرلە تاشلىرى،
ھەر بىرىمىز بىر ئارسلاندۇر، بۇ ۋەتەننىڭ ياشلىرى
يۇرتىمىز ئۈچۈن قۇرباندۇر ياشلىرىمىزنىڭ باشلىرى،
ئىمانى ئىسسىق قانى، ئۇلارنىڭ يولداشلىرى
ئوردىمىز ھەم يۇرتىمىز، مەسخۇر تۈركدۇر نامىمىز،
دىنىمىز، ئىمانىمىز، بۇ بىزنىڭ ۋىجدانىمىز
يۇرتىمىز تۈركنىڭ يۇرتى، بىز ئۇنىڭ قۇربانىمىز،
بايرىقىمىز كۆك بايراق ئوتتۇرىسىدا ئاي-يۇلتۇز