شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقى تۈركىستان ۋە شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ رەسمى ۋەكىللىرى

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى شۇنىڭغا قەتئى ئىشىنىدۇكى، شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قايتا قازانماي، شەرقىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەۋجۇتلىقى،ئاساسىي ئىنسان ھەقلىرى ۋە دىنى ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە بولالمايدۇ

شۇڭلاشقا، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى، ئالدىنقى ئەسىردە ئىككى نۆۋەت مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىزىنى بويلاپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قايتا ئورنىتىش ئۈچۈن كۆرەشنى داۋاملاشتۇرىمىز

1933-يىل 12-نويابىردا، يەتتە مىڭ ئەسكەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىگىرمە مىڭ ئادەم قەشقەر تۈمەن دەريا بويىغا يىغىلىپ مۇستەقىللىق جاكارلاش ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا گۇۋاھ بولغان ئىدى


بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇستەملىكە دۆلەت ۋە خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئىمتىيازى ھەققىدىكى خىتاپنامىسى

بارلىق خەلقلەرنىڭ ئۆزى قارار چىقىرىش ھوقۇقى بار. مۇشۇ ھوقۇققا ئاساسەن ئۇلار ئەركىن ھالدا ئۆزىنىڭ سىياسى ئورنىنى بەلگىلەيدۇ ۋە ئەركىن ھالدا ئىقتىسات، جەمىيەتنى تەرەققى قىلدۇرالايدۇ

ياتلارنىڭ خەلقلەرنى بويسۇندۇرىشى، ئىدارە قىلىشى، ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىشى بولسا ئاساسى ئىنسان ھەقلىرىنى ئىنكار قىلىشنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ تۈزۈمىگە خىلاپ ۋە دۇنيا تېنچلىقى بىلەن ھەمكارلىققا توسقۇنلۇق قىلىشتۇر

بارلىق خەلقلەرنىڭ ئۆزى قارار چىقىرىش ھوقۇقى بار. مۇشۇ ھوقۇققا ئاساسەن ئۇلار ئەركىن ھالدا ئۆزىنىڭ سىياسى ئورنىنى بەلگىلەيدۇ ۋە ئەركىن ھالدا ئىقتىسات، جەمىيەتنى تەرەققى قىلدۇرالايدۇ

سىياسى، ئىقتىسات، جەمىيەت، ما’ئارىپ تەييارلىقىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى سەۋەپلىك مۇستەقىللىقنى كىچىكتۈرۈشكە قەتى بولمايدۇ

خەلقلەرنىڭ تېنچلىق يولىدا ۋە ئەركىن ھالدا مۇستەقىللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىشى ئۈچۈن، ئىشغال خەلققە قارىتىلغان بارلىق قوراللىق ھەرىكەتلەر ياكى باستۇرۇش ئۇسۇللىرى توختىتىلىشى كىرەك ۋە ئۇلارنىڭ دۆلەت زىمىن پۈتۈنلىكى ھۆرمەت قىلىنىشى كىرەك


خىتاي كومنىست كۈچلىرى تەرىپىدىن 1949-يىل بېسىۋېلىنغاندىن كىيىن، بۇرۇن ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ۋە مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى مۇستەملىكە قىلىندى. ھۆكۈمىتى يىقىتىلىپ، خەلقى بويسۇندۇرۇلدى. ساناقسىز ئادەم ئۆلدى. خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشغا ئەگىشىپ، ئومۇمى ئەركىنلىك يوقىلىشقا باشلىدى

يەتمىش يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان خەلقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار، ناھەق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خەلقىنىڭ دۈشمىنى سانالدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ خاس دۆلەت كىملىكى، مىللى-مەدەنىيەت كىملىكى ۋە دىنى كىملىكلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق تەھدىتىگە ئۇچرىدى. ئەگەر نۆۋەتتىكى ھالەت داۋاملاشسا، ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمى كىملىكلەر يوقىلىشقا باشلايدۇ

خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتى ۋە زۇلىمى-شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت مۇستەقىللىقى، مەدىنيىتى، دىن، مۇھىت ۋە خەلقىنىڭ ئومۇمى ھەقلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. تەكرار تەكرار بۇزغۇنچىلىقلاردا، خىتاي خەلقارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلدى بىراق جازالانمىدى. بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئىشغالىيىتى ۋە مۇستەملىكىسىدىن كۆپ بۇرۇنلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆزگىچە ۋە خاس مەدەنىيىتى بولغان، تارىخنى 6000 يىلغا قەدەر سۈرۈشكە بولىدۇ. نوپۇزلۇق ئۇيغۇر/تۈرك ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە ئۇيغۇر/تۈرك مەدەنىيىتى خىتاينىڭ مەدەنىلىشىشىدىن بۇرۇن ئىكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ۋەكىلى بولمىغانلىقتىن، دۇنيا خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ۋە كەڭ كۆلەملىك بۇزغۇنچىلىقىغا يول قويماقتا

خىتاينىڭ تارىخى ھۆججەتلىرى ۋە خانىدانلار تارىخى شۇنداقلا مانجۇ ۋە موڭغۇللار ئىدارە قىلغان دەۋرلەرگە ئا’ئىت تارىخلار ئەزەلدىن شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ پارچىسى دەپ كۆرسەتمىگەن

موڭغۇلىيە، بىرىتانىيە ھىندىستانى، ئوسمانلى ئىمپىرىيىسى، ئافغانىستان خانلىقى، تىبەت، چارروسىيە، سوۋىت روسىيىسى ۋە ياپون ئېمپىرىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى دۆلەتلەر، شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل دۆلەت دەپ تونىغان ياكى ھەرقانداق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدارىسىدىن خالى شەرقىي تۈركىستان بىلەن مۇ’ئامىلە ئورناتقان

شەرقىي تۈركىستان خەلقى 20-ئەسىردە ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى
(1933-1934/1944-1949) نامىدا مۇستەقىللىق جاكارلىدى، كىيىنكىسى جۇڭخۇ’ئا مىنگو تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلدى

خىتاي مۇستەملىكىسى مەزگىلىدە، شەرقىي تۈركىستان خەلقارا قانۇنلار بەلگىلىگەن دۆلەتلەرنىڭ بارلىق خاسلىقلىرىغا ئىگە ئىدى : ئېنىق چېگرا ۋە نوپۇس، مۇستەقىل ھۆكۈمەت، مۇستەقىل ئىچكى ئىشلار بىلەن خەلقارا مۇناسىۋەت يۈرگۈزۈش

شەرقىي تۈركىستان دۆلەت ئارمىيىسى 1949-يىل 22-دېكابىردا، خىتاي ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ بەشىنجى كورپۇسى قىلىۋېتىلگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەتى رەسمى ئاياغلاشتى

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى 1952-يىلدا، سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق زىيالىلار، ئالىملار، لىدىرلارنى تازىلاشقا باشلىدى

خىتاي كومنىست دا’ئىرىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھاشار( مەجبۇرى ئەمگەك )ئارقىلىق مۇستەملىكە قىلىش ئۈچۈن، 1954-يىلى بىڭتۇ’ئەن(ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئەسكەر گەۋدىسى ) نى قۇرۇپ چىقتى

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە قايمۇقتۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرى، كومنىست خىتايلارنىڭ “ شەرقىي تۈركىستانغا ياردەملىشىپ تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئۈش-بەش يىلغىچىلىك چىقىپ كىتىمىز“ دىگەن ۋەدىسىگە قاتتىق ئىشەنگەن ئىدى

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى 1955-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى رەسمى ھالدا “ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى“ ئېلان قىلدى

بىر دۆلەتنىڭ زوراۋانلىق ۋە باشقا قانۇنسىز كۈچ قوللىنىش ئارقىلىق تۇپرىقىنى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن، باشقا دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىشىغا قارشى تۇرۇش، باشقا دۆلەتنى مۇستەملىكە قىلىۋېلىشتەك خەلقارا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئەيىپلەش 1959 يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى. بىرلەشمە قاراردا (ئامېرىكا ئاممىۋى قانۇنى 86-90)، سوۋىت ئىمپىرىيالىزىمى سەۋەپلىك دۆلەت مۇستەقىللىقىنى يوقاتقان دىگەن تۈركىستان(شەرقي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان)، تىبەت، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنى تۇتقۇن دۆلەتلەر تىزىملىكىگە تىزغان