سكوتت گىببونس ئەپەندىم، ئامېرىكالىق جېئوپولىتىكا مۇتەخەسىسى، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكىمىتىنىڭ 8- ئالىي قۇرۇلتىيىدە دۆلەتچىلىك ۋە شەرقىي تۇركىستان دۆلىتىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىگى ھەققىدە سۆز قىلدى.
خەيرلىك ئەتىگەن، مەرھابا، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
مەزكۇر خەيرلىك پۇرسەتتە باھا سۆزى قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكىنىم ھەمدە مۇھىم داۋانى بىز بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىڭلار ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغۇچى كومتىتقا رەھمەت ئېيتىمەن.
مېنىڭ ئسمىم سكوت گىببونس،دۇك ئۇنىۋېرستىتى ۋە پېنسىلىنىۋانىيە ئۇنىۋرستىتىنىڭ دۆلەتلىك بايلىق تەتقىقاتىنى،كالىفورنىيە بېركلېي ئۇنىۋېرستىتىنى تاماملىدىم. نۆۋەتتە مەن ۋېلوسىتى ئىنىستىتۇتىنىڭ سىياسى ئىقتىسات، جېئوپولىتىكا ئانالىزچىسى. ئالدىنقى ئەسىردە كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزالىرى تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان خانلىق جەمئىيەت ئاسىيا ئىشلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەزاسى. ھىمالايا رايونىدىكى ھىندىستان تۆمۈر يول قىدىرىش ۋەچېرتىيوژ ساھەسىدىكى ئاۋانگارت-ھىندىستان كارتوگىرافىكى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
رايونغا بولغان سۆيگۈم، دۆلەت كىملىكى بىلەن ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش ساھەسىدىكى تېمىلارغا چوڭقۇر قىزىقىشىم سەۋەبلىك بۈگۈن بىر قانچە باھا ۋە ئىزاھات بىرىپ ئۆتمەكچىمەن. 1986-يىلى پاكىستاندىن شەرقىي تۈركىستانغا چېگرا باشقا دۆلەت خەلقلىرىگە ئېچىۋېتىلگەن ئىدى. تەۋەككۈلچى، ھەۋەسكارلار بىلەن بىللە چېگرىدىن ئۆتۈپ تاشقورغان، قەشقەر، تۇرپان، ئۈرۈمچىگە بارغان ئىدۇق. شۇ چاغدا تاغلاردىن ئېشىپ،ناھايىتى مۈشكۈل شارائىتتا ۋەتىنىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان دوستۇم داۋىد ئوسماننى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ شۇنىڭدىن [چېگرىنى ئېچىۋېتىشتىن] ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى ئەسلىگەن ئىدىم. 1986-يىلى شەرقىي تۈركىستان دۇنياغا ئېچىۋېتىلسە، [بىزگە] دۇنيا جامائەتلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىدىغان پۇرسەت بىرىلسە دىگەن ئۈمىت ئىچىدە ھەممىلا يەردە بەك ھاياجانلىق،كۆتۈرەڭگۈ كەيپىيات پەيدا بولغان ئىدى…ھەممىڭلارغا تونۇش بەك كۆپ ئىش-ۋەقەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىن لېكىن ئۇلارنى تەكرارلىماي. ئۇلارنى [ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى] بۈگۈن ئەتىگەن بۇ يەردە كۆرگىنىمىزدەك مۇھىم ۋە نوپۇزلۇق شەخسلەر تېخىمۇ ئىنچىكە تەتقىق قىلالايدۇ. مەن بەلكىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ، بولۇپمۇ ئەڭ مۇھىمى رايونغا، قانۇنى دۆلەتكە يەرلىك بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەھۋالىنى يېڭىدىن كۆرىلىۋاتقان مۇھىت [كونتېكىستنىڭ ] ئىچىگە قويۇپ كۆرسىتىپ بىرىشىم مۇمكىن. شەرقىي تۈركىستان، دوغۇ تۈركىستان دەپ ئاتالغان رايوننىڭ ئۆزگىچە كۈلتۈرى ۋە تارىخىنى ياخشى بىلىمىز. شەرقىي تۈركىستان، تىبەت،كۈردىستان،شۇنداقلا باشقا زىمىنلارنىڭ مەسلىسى- دۆلەتلىك سالاھىيىتى شۇنداقلا ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش جەھەتتىن ھەقىقى مەنىدىكى، يىتەرلىك خەلقئارالىق ياردەمگە ئېرىشەلمەگلىك. نىمە ئۈچۈن دىگەن سۇئالنى قويىمىز، ئەگەر شەرتلەر ئۆزگەرسە بەلكىم باشقا سىتراتىگىيە يولغا قويۇلسا غەلىبە قازىنىش مۇمكىن.
خەلقئارادا ئورتاقلىققا كىلىنگەن، زامانىۋى ھادىسە- تەبىئى ھالدا ياكى ئاسانلا قۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان نەيشىن [ خەلق ياكى ئۇلۇسنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلىدىغان] دۆلەتلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتەي. خەلقئارالىق قانۇن ئەمەس لېكىن خەلقئارالىق ئەمىلىلەشتۈرۈش جەھەتتىن خەلق [ئۇلۇس] دۆلىتىنىڭ چۈشەندۈرىشى ۋە چېگراسىنىڭ قانۇنىيلىقى ناھايىتى كونسىرۋاتىۋ ھەمدە ئۇلۇس دۆلىتىنىڭ قانۇنىيلىقى 300 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ۋېستفالىيە شەرتنامىسىنىڭ يىتەكلىشىگە بويسۇنۇپ كىلىگلىك. مەۋجۇت بولغان دۆلەتلەردىن باشقىلىرىغا نىسبەتەن زادى نىمە [يېڭى] دۆلەتلەرنى، دۆلەت چېگرالىرىنى قۇرىدۇ دىگەن مەسىلە ئۈستىدە رېئال خەلقئارالىق قانۇن ياكى خەلقئارالىق قائىدە مەۋجۇت ئەمەس. بۇنداق دىگەنلىك يېڭى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئىنسان ھەقلىرى، تارىخىي ياكى فۇنكىسىيىلىك مۇنازىرىلەر ئەمەس، پەقەت ئۇلار [يېڭى قۇرۇلماقچى بولغان دۆلەتلەر] رېئاللىققا ئايلانغاندىن كىيىن ئاندىن [باشقا دۆلەتلەردىن] قوللاش بولىدۇ. ئومۇمەن، ھەتتا بۇ يەردە ئامېرىكىدىمۇ ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش ھوقۇقى پەقەت نەزىرىيە. بىز ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنىڭ پەقەت كۈچ ۋە قوللاش ئېلمىنتلىرى ئارقىسىدا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى تونۇپ يىتىشىمىز لازىم. ئۇلۇس دۆلىتى- ئوخشاش كىملىككە ئىگە ئوخشاش مەنپەئەتلەرنى ئورتاقلاشقان خەلق [ئۇلۇس] قا ئىگە بولغان، چېگرىسى بولغان قانۇنلۇق رايون دەپ چۈشىنىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇنىڭ مۇشۇنداق دۆلەت [خەلق دۆلىتى] قۇرۇش جەھەتتە نەچچە ئون يىللار مابەينىدە تەرەققى قىلغان تارىخى جەريانى بار ئەمما ئۇ [خەلق دۆلىتى قۇرۇش] بارا-بارا توسقۇنلۇققا ئۇچراپ مانا ئەمدى جىددى بىر شەكىلدە نوپۇس جېڭى، ئەركىنلىكى چەكلىنىش، باستۇرۇش خاراكتىرلىك قاباھەتلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا دۇچار بولىۋاتماقتا. مۇشۇنداق تاشقى ۋەزىيەت [زۇلۇم] ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك خەلقلىرىنىڭ خەلق [ئۇلۇس] دۆلىتى قۇرۇلۇپ، دۇنيادىن ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلالمايدۇ.
شەرتلەر ئۆزگىرەمدۇ دەپ سورىساق، شۇنداق، ئالدىدا نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر ئېيتقاندەك شەرتلەر ئۆزگىرىۋاتىدۇ، دۇنيا ئاستاغىنە ئۇيغىنىۋاتىدۇ. گېنرال سىپالدىڭغا، ئاندېرس كوررغا، جوسېف بوسكوغا ۋە باشقىلارغا رەھمەت، لېكىن ئاخىرىدا خىتاي كومنىست پارتىيىسىنىڭ تەبىئىتى ۋە پىلانى شۇنداقلا دۇنياۋى كۈچ بولغان خىتاي خەلق دۆلىتىگە كۆرە، بىزنىڭ جىددىي ھالدا شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىكى تېخىمۇ چوڭ قاباھەتلەرنى توختىتىۋېلىشىمىز لازىم چۈنكى خەلق بولمىسا خەلق [ئۇلۇس ] دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغىلى، ئېتراپ قىلغىلى بولمايدۇ. نۆۋەتتىكى [خىتاينىڭ] سىياسەت ۋە جىنايەتلەر سەۋەپلىك ھەتتاكى يەرلىك شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئىنسان ھەقلىرىگىمۇ چاقىرىق قىلىش مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ. خىتاي خەلق دۆلىتىنىڭ ئادەت خاراكتىرلىق سىياسەتلىرى ۋە تارىخى سەۋەپلىك ئىنسانلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە بولالىشىدا ئۈمىت ئاز. دۇنيانىڭ جېئوپولىتىكىلىق شەرتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى بىزنى شۇنداق ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ: شەرقىي تۈركىستاننى شۇنداقلا ئۇنىڭ يەرلىك خەلقلىرىنى قۇتقۇزۇشتىكى پىراگماتىك [ئەمىلىي] سىتراتىگىيە- ئەڭ باشتا مۇستەقىللىق ئارقىلىق دۆلەت جاكارلاش ئەمەس بەلكى ئاندېرس كورر تەۋسىيە قىلغىنىدەك تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك پىلان يەنى خىتاي خەلق دۆلىتىنىڭ- ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىدىغان تېنچلىقپەرۋەر دۆلەتلەرگە پارچىلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پىلان ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. مەزكۇر سىتراتىگىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ پىلان ئىنسانپەرۋەرلىك مەقسىدى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلمايدۇ بەلكى دۇنيادىكى ئەركىن دۆلەتلەرنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھەقىقەتتە بولسا دۇنيا قۇتقۇزۇپ قېلىنىدۇ [يەنى شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئايلاندۇرۇش سىتراتىگىيىسى]. رەھمەت.