شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

نىشانىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان بەھرەيىنگە رەھمەت ئېيتىدۇ

2020-يىل 3-يانۋار، ۋاشىڭگىتون

شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ۋەكالىتەن، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى پارلامىنتى-بەھرەيىن خانلىقى ۋەكىللىرى كونسۇلىنىڭ خەلقئارالىق جەمئىيەتنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى قوغداشقا چاقىرىق قىلغانلىقى ئۈچۈن- چوڭقۇر مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى پارلامىنتى، بەھرەيىن خانلىقىنى-خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلىش مەسلىسىنى ئەرەپ قولتۇق دۆلەتلىرى ھەمكارلىق شۇراسىدىكى باشقا دۆلەتلەردە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى چاقىرىق قىلىدۇ ھەمدە چارە-تەدبىر، قانۇن چىقىرىش ۋە باشقا قانۇنىي يوللار ئارقىلىق-خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى قىرغىنچىلىق ۋە شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەملىكە دۆلەت دەپ تونۇشقا چاقىرىق قىلىشىنى دەلالەت قىلىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى پارلامىنتى-بەھرەيىن خانلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ئارىسىدا دوستلۇق ئالاقىسى قۇرۇش ئارزۇسىنى بىلدۈرىدۇ.

Share this: