شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

نىشانىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە

شەرقىي تۈركىستان – تارىم ئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە خىتاينىڭ كەڭسۇ ۋە چىڭخەي ئۆلكىلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان بىر دۆلەتنىڭ نامى. شەرقىي تۈركىستان شەرقىي تۈرك قەۋملىرىنىڭ ئانا يۇرتى ۋە دۆلىتىدۇر. 

1949 – يىلى خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەملىكە قىلدى ۋە ئۆزىگە قوشۇۋالدى ۋە شۇندىن بۇيان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار قوبۇل قىلمايدىغان « شىنجاڭ (يېڭى تېرىتورىيە)» نامى بىلەن ئاتاپ كەلدى. ۋەھالەنكى، شەرقىي تۈركىستان تارىخنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقىنى ساقلاپ كەلگەن ۋە بۈگۈنگىچە شەرقىي تۈركىستان خەلقى مۇستەقىللىق مۇجادىلىسىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

شەرقىي تۈركىستان

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئورنى

يەر كۆلىمى: 1 مېلىيون 288 مىڭ 418 كۋادرات كىلومېتىر، بۇ تارىم ئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە كەڭسۇنى ئۆز ئىچىگە ئالۇدۇ. تارىم ئويمانلىقى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقىدىن تەركىب تاپقان ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 1 مېلىيون 644 مىڭ 845 كۋادرات كىلومېتر. كەڭسۇ رايونى 1940 – يىللاردا خىتاي ئىشغالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن خىتاينىڭ گەنسۇ ۋە چىڭخەي ئۆلكىسىگە قوشۇۋېتىلگەن بولۇپ، 163 مىڭ 573 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى ئامېرىكا تېكساس شىتاتى يەر كۆلىمىنىڭ 2.65 ھەسسىسىگە، فرانسىيە يەر كۆلىمىنىڭ 3 ھەسسىسىگە ۋە شىمالىي سۇداننىڭ يەر كۆلىمىگە باراۋەر كېلىدۇ.

سىياسىي ئورنى: ئىشغال قىلىنغان دۆلەت (1949 – يىلى 12 – ئاينىڭ 22 – كۈنىدىن ئېتىبارەن). بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ۋەكىلى يوق.

مەمۇرىي ھالىتى: خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدا، شەرقىي تۈركىستان تۆۋەندىكى مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىۋېتىلدى: 

  • ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»
  • خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسى تەۋەسىدىكى: سۇبېي موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، ئاقساي قازاق ناھىيىسى، دۇنخۇاڭ شەھىرى ۋە گۇاجوۋ ناھىيىسى.
  • خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسى تەۋەسىدىكى: لېڭخۇ مەمۇرىي رايونى ۋە ماگناي مەمۇرىي رايونىنىڭ غەربىي قىسمى.

نوپۇسى: خىتاي ئىشغالىيەتچى دائىرىلىرى 2015 – يىلىغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي قەۋملەرنىڭ نوپۇسىنىڭ 13 مېلىيون 500 مىڭ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما، باشقا مەنبەلەردە مۆلچەرلىنىشىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئومۇمىي تۈرك نوپۇسى 35 مېلىيوندىن 40 مېلىيونغىچە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى  30 مېلىيون ۋە باشقا قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، سالار، تاجىك، تاتار – ۋە ئۆزبېكلەر 5 مېلىيون ئەتراپىدا دەپ مۆلچەرلەنمەكتە. شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئىشغالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن يەرلەشتۈرۈلگەن خىتاي نوپۇسى 12 مېلىيون ئەتراپىدا.

مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار نوپۇسى: مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نوپۇسى بىر مېلىيون ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپچىللىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبىكىستاندىن ئىبارەت ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ياۋوپا، شىمالىي ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيەلەردە مۇھىم دېئاسپورا جەمئىيەتلىرى بار.

مۇھىم دەريا – ئېقىنلار:  تارىم دەرياسى، ئېرتىش دەرياسى، ئىلى دەرياسى، ئۇلۇنغۇر دەرياسى، قاراقاش دەرياسى، ياركەنت ( زەرەپشان ) دەرياسى ۋە ماناس دەرياسى قاتارلىقلار.

ئىقتىسادى: زىرائەت، باقمىچىلىق، يېنىڭ سانائەت ۋە تىجارەتكە تايىنىدۇ.

تەبىئىي بايلىقى: يەر بايلىقى، بىئولوگىيىلىك بايلىق ، نېفىت ، تەبىئىي گاز ، ئالتۇن ، كۈمۈش ، كۆمۈر ، ئۇران ، مىس ، نىكېل ، قوغۇشۇن ، سىنىك ، ئاسبېستوس ، سىلۋىت ، ھاك تېشى ، گۆھەر ۋە قاشتېشى قاتارلىقلار.