شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى 8-نۆۋەتلىك سايلىمى ۋە ئالىي قۇرۇلتاي

شەرقي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى 2019-يىل 10-نويابىردىن 12-نويابىرغىچىلىك 8-نۆۋەتلىك سايلام ئالىي قۇرۇلتاينى ئۆتكۈزىدۇ. قوشۇمچە، 9-نويابىر يەكشەنبە كۈنى سائەت ئالتىدە قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىلىدۇ. پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ۋاشىڭگىتوننىڭ سىرتىدا ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ ئادرىس

شەرقىي تۈركىستان پارلامىنتى-شەرقىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ئەڭ ياخشى خىزمەت قىلىدىغان  ۋە ۋەكىللىك قىلىدىغان يېڭى بىر ئىدارە قۇرۇلمىسى سايلاپ چىقىدۇ. 8-نۆۋەتلىك ئالىي قۇرۇلتاينىڭ تېمىسى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۆرىشىنىڭ يەتمىش يىللىقى.  8-نۆۋەتلىك ئالىي قۇرۇلتاي كۈنتەرتىپىگە بولغان ئۈمىدىمىز شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى مۇھاجىرەتتىكى خەلق،تەشكىلاتلار،ۋە ئەركىن دۇنيادىكى ھۆكۈمەتلەر  بىلەن ئۇيۇشۇپ بىرلىكتە خىزمەت قىلىش، شۇنداقلا خىتاي كومنىست پارتىيىسى ۋە مۇستەملىكە كۈچلەر شەرقىي تۈركىستانغا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى يۈرگۈزىۋاتقان مىسلى كۆرۈلمىگەن باستۇرۇش ۋە قىرغىنچلىقىغا قارشىلىق بىلدۈرۈش. بۇ نىشان زۇلۇم ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ جانلىرىنى،روھىنى قۇتقۇزۇشتەك ئورتاق ئەھدە بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ

ئانا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم شەك شۈبھىسىز قىرغىنچلىك دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلگۈسىدە، ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك تۈركىي مىللەتلەر جازا لاگىرىدا ئەڭ ئاساسى دىنىي ئەركىنلىكى ۋە ئىنسانىي ھەقلىرىدىنمۇ مەھرۇم قالدى. خىتاينىڭ دۆلەتلىك تاراتقۇسى شىنخۇا نىڭ خەۋەر بىرىشىچە شەرقى تۈركىستاندا 2016-يىلدىن 2018-يىلغىچىلىك 36 مىليوندەك ئادەمنىڭ د ن ئا ئەۋرىشكىسى، ئاۋاز نۇسخىسى، كۆرۈش پەردىسى تەسۋىرى يىغىلغان. خىتاي ئازاتلىق ئارمىيىسى بىئو قۇراللار سىتراتىگىيىسى ئېتنىك گېن ھۇجۇمى قىلىشىدىن يوشۇرۇن بىشارەت بەردى. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق زۇلۇم چىكىۋاتقان خەلق. 8 -نۆۋەتلىك سايلام ۋە ئالىي قۇرۇلتاينىڭ نىشانى-ئاساسى غايىمىز دىموكراتىيە،ئەركىنلىك،مۇستەقىللىقنى چۆرىدىگەن ئاساستا شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىلىۋاتقان سىياسىي ۋە ئىنسان ھەقلىرى كىرىزىسىگە تېنچ ۋە زوراۋانسىز قۇتقۇزۇش ئامالى تەشەببۇس قىلىش. ھەر نۆۋەتلىك ئالىي قۇرۇلتايدا، دىموكراتىيە،پۇقراۋى ۋە سىياسىي پائالىيەتچانلىقنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىشنى نىشان قىلىمىز. توقۇنۇشنى ھەل قىلىش چارىسى سىتراتىگىيىسى تۈزەيمىز. ئىزچىل خەلقىمىزنىڭ مۇستەقىلىققە ئېرىشىش ھەق-ھوقۇقىنى ياقىلايمىز ۋە تېنچلىق بىلەن قوللاشغا چاقىرىق قىلىمىز. ئەركىن دۇنيانىڭ ياردىمى ئارقىسىدا خەلقىمىزنىڭ مائارىپى ۋە باشقا تەرەققىياتلىرىنى رىغبەتلەندۈرىمىز. شەرقي تۈركىستان خەلقىگە يەتكۈزمەكچى بولغان ئۇچۇر بولسا، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئاجىز ياكى ئىقتىدارسىز ئەمەس، بەلكى بىز دۇنيانىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى ئارقىسىدا تېنچ ۋە دىموكراتىك ئۇسۇل بىلەن شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىمىزنىڭ قولدىن كەتكەن مۇستەقىللىقىنى قازىنىشنى نىشان قىلغان.  سۇئال-تەكلىپلەر ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى ئىشخانىمىز بىلەن ئالاقە قىلىڭ.

ئېلىكتىرونلۇق خەت          USOffice@EastTurkistan.Net

Scroll to Top