East Turkistan Government In Exile

Restoring Freedom and Independence for East Turkistanis

شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۈركىيەدىكى خەلق نامايىشىغا دەستەك چاقىرىقى

تۆۋەندىكى بايانات جۇمھۇر رە’ئىس ئىشخانىسى مەنسۇپ

ئەسسالامۇ’ئەلەيكۇم ئەزىز شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار، ھەممىمىزگە ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى بولسۇن، جانابى ئاللاھ ئۆمرىمىزنى ئۆز بەختىمىز ئۈچۈن قوللىنىشقا نېسىپ قىلسۇن، ئامىن.

قېرىنداشلار، ھەممىمىزگە مەلۇم، بىز 71 يىلدىن بېرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىشغالى ئاستىدا ياشاپ كېلىۋاتىمىز ۋە بۇ جەرياندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىزچىل ۋە پىلانلىق زۇلۇملىرىغا، سۈيقەستلىرىگە، قەتلى’ئاملىرىغا ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىقلىرىغا ئۇچراپ كېلىۋاتىمىز. بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن ئېچىنىشلىق ئاقىۋەت تارىختا ئۆتكەن ئەمەس، بىز ئاق كۆڭۈل بىر مىللەت بولغاچقا بۇنداق ئاقىۋەتكە قېلىشىمىزنى كۆپۈنچىمىز ئويلاپ باقمىغان ئىدۇق، ئەمما خىتايلار تاجاۋۇزچى بولغاچقا بۇ ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى بىزگە راۋا كۆردى.

71 يىللىق ئىشغالىيەت تارىخىمىزدا بىز بېشىمىزغا كەلگەن ئادالەتسىزلىكلەر ھەققىدە خىتاي رەجىمىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ دېموكراتىك شەكىلدە نامايىش قىلىپ باقتۇق، تىنچلىق نامايىشىمىزنى باستۇردى ۋە قىرغىن قىلدى، بېشىمىزغا كەلگەن زۇلۇملارنى ئاددى پۇقرا شەكلىدە خىتاي رەجىمىغا ئەرز قىلىپ باقتۇق، يەنە ئوخشاش شەكىلدە بىزنى يوقاتتى، ئۆچ ئالدى، سۈيقەست قىلدى، ئوخشاش بولمىغان باھانە-سەۋەپلەر بىلەن يەنە بىزنى باستۇردى، چۈنكى ئۇ بىر دۈشمەن ئىدى ۋە شۇنداق قىلىشى تەبى’ئى ئىدى. دۈشمەن ھەر قاچان دۈشمەنلىكىنى قىلىدۇ، ئەمما بىز دۈشمەننى بەكلا كېچىكىپ تونۇدۇق، شۇنداق بولغاچقا چەتەلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارمۇ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى خىتاي كونسۇللىرى ئالدىدا قىلدۇق، بۇمۇ تەبى’ئىي ئىدى، چۈنكى خەلقارا سىياسەت ۋە خەلقارا مۇناسىۋەتلەر مەنپە’ئەت ئۈستىگىلا قۇرۇلغاچقا خەلقارا سىياسىي ساھەسىدە بىزنى قوللايدىغان دۆلەتلەر يوق ئىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ھەر جەھەتتىن كۈچلىنىپ دۇنيانى سۈمۈرۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ خىتايلىشىپ كەتكەن يۇمۇق ۋە جىتاق كۆزلىرى ئېچىلىپ، خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى كۆرۈشكە باشلىدى، خىتاي پۇلى بىلەن ئۇخلاپ قالغان ئىنسانىيلىق تۇيغۇلىرى ئويغۇنۇپ ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى، خىتاينىڭ كىرلىك پۇلى بىلەن كىرلىشىپ ھەقنى ئاڭلىماس بولۇپ قالغان قۇلاقلىرى ئازراق ئېچىلىپ چۈچۈشكە باشلىدى، شۇ جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىدىن ئىڭرىغان ئاۋازلىرىمۇ، قەتلى’ئاملار ئاستىدا چىرقىرىغان پىغانلىرىمۇ ئاڭلىنىشقا باشلىدى، بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەرتلىرىگە دەرمان بولۇش بەزى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتىگە ۋە مەنپە’ئەتىگە ئۇيغۇن كەلگەچكە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەردىنى ئاڭلاشقا باشلىدى ۋە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئاۋاز چىقىرىشقا باشلىدى، بۇ بىز ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەت، بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ھەممىمىز بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقاراغا تېز ئاڭلىتىشىمىز لازىم.

خەلقاراغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەسلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئىشلەۋاتقانلىقىنى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستان خەلقىنى تامامەن يوق قىلىۋېتىش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى، شەرقى تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ مۇستەقىللىقتىن باشقا يول بىلەن ھەل بولمايدىغانلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئاڭلىتىشىمىز لازىم. بۇ بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن پەرزى-ئەين بولغان ئىمانىي بۇرچىمىزدۇر، شۇنداقلا ۋىجدانى، ئەخلاقى ۋە ئىنسانى مەسۇلىيىتىمىزدۇر. بىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەمەلى ئەھۋالىنى مۇشۇ شەكىلدە ۋە مۇشۇ خاراكتېردە خەلقاراغا ئاڭلىتالىساق ۋە ئىشەندۈرەلىسەك، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ قانۇنىلىقىنى خەلقارادا قولغا كەلتۈرگەن بولىمىز. بۇنى قىلىش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىردەك ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم. ھەممىمىز ئۆزىمىز تۇرىۋاتقان دۆلەتلەردە ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز لازىم، ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى يوقۇرىدا دېيىلگەن شەكىلدە ئاڭلىتىشىمىز لازىم. غەرپ دۆلەتلىرىدە بۇنى قىلىش تامامەن مۇمكىن، چۈنكى غەرب دۆلەتلىرى كۈچلۈك ۋە ئەركىنلىك بار، ئەمما ئاسىيا دۆلەتلىرىدە بۇ ئىشنى قىلىش ئاسان ئەمەس، ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى قېرىنداشلار قولىدىن نىمە كەلسە شۇنى قىلسا بولۇۋېرىدۇ.

مەسەلەن، تۈركىيەدە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئەڭ كۆپ ياشايدۇ، تۈركىيە دېموكراتىك دۆلەت بولغاچقا ئەركىنلىك بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيە بىزنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنىمىز، تۈرك خەلقىمۇ بىزنىڭ قېرىندىشىمىز ۋە بىزنى قوللايدۇ، تۈركىيە بىزنىڭ دەردىمىزنى بىزدىن بەكرەك بىلىدۇ، ئەمما تۈركىيەنىڭ ھازىرقى شارا’ئىتتىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادى ۋەزىيىتىنى ھىساپقا ئالغاندا تۈركىيەدە مۇستەقىللىق خاراكتېرىدە ئىش قىلغىلى بولمايدۇ، تۈركىيەدە پەقەتلا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدىكى پا’ئالىيەتلەرنى قىلغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيەدە ياشايدىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن غەرپ دۆلەتلىرىدىكى پا’ئالىيەتلەرنى كۈتكىلى بولمايدۇ.

تۈركىيەدە ياشاۋاتقانلاردىن ۋە تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىنى ئالغانلاردىن خەلقارا سەھنىگە چىقىپ چەتەل كونسۇللىرى ئالدىدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى شىكايەت قىلىش ۋە ئەرز قىلىش خاراكتېرىدىكى پا’ئالىيەتلەرنى قىلالايدىغان قېرىنداشلار بولسا شۇنداق قىلىشى كېرەك، بۇ ئەڭ توغرىسى، چۈنكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خەلقارالىق مەسىلە بولغاچقا خەلقاراغا ئەرز قىلىنىشى كېرەك، ئەمما تۈركىيەنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادى شارا’ئىتىنى كۆزدە تۇتقاندا، تۈركىيەدىكى قېرىنداشلار كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدىكى پا’ئالىيەتلەرنى قىلسا بولىۋېرىدۇ، خىتاي كونسۇلى ئالدىغا بېرىپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى نارازىلىقىنى بىلدۈسە بولىدۇ؛ بۇنى خىتايغا ئەرز قىلىش دەپ قاراش ۋە تەشۋىق قىلىش توغرا ئەمەس، بۇنى خىتاي زۇلمىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈرۈش دەپ قاراش ۋە شۇنداق تەشۋىق قىلىش توغرا.

نورمالدا مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان يوقۇرى ئورۇندىكى شەخىس ياكى ئورگانلارغا قىلىنغان نارازىلىقلار ئېتىراز دېيىلىدۇ، ئەمما ئادالەت ئورگانلىرىغا قىلىنغان شىكايەتلەر ئەرز دەپ ئاتىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى چەتەل ئىشغالىيىتى مەسىلى بولغاچقا بۇ بىر خەلقارالىق مەسىلە، خىتاي رەجىمى بىزنىڭ ئادالەت تەلەپ قىلىدىغان مۇخاتەبىمىز ئەمەس چۈنكى ئۇ بىر ئىشغالىيەتچى، ئىشغالىيەتچىدە ئادالەت تۇيغۇسى بولغان بولسا ئىشغال قىلمايتتى، شۇڭا بىزنىڭ ئادالەت تەلەپ قىلىدىغان مۇخاتەبىمىز خەلقارا، شۇڭا غەرپ دۆلەتلىرىدىكى قېرىنداشلار خەلقاراغا مۇستەقىللىق داۋاسى قىلىشىمىز لازىم، ئەمما تۈركىيەدىكى قېرىنداشلارنىڭ سىياسىي شارا’ئىتى بولمىغاچقا ئۇلار خىتاي كونسۇلى ئالدىغا بېرىپ نامايىش قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ ۋە خىتاينىڭ زۇلۇملىرىنى خىتاينىڭ يۈزىگە سېلىپ ئېتىراز بىلدۈرسە بولىۋېرىدۇ، تۈركىيەدىكى قېرىنداشلاردىن قولىدىن كەلمەيدىغان نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىش بىھۇدە ئاۋارە بولغانلىقتۇر.

مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نامايىشقا قاتنىشىدىغانلىرى بىر پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدۇ، مۇنداق بىر ئەھۋالدا نامايىشقا چىققانلارنى تەنقىد قىلىش نامايىشقا چىقمىغانلارغا باھانە يارىتىپ بېرىدۇ-دە، نامايىشقا چىقىدىغانلارنىڭ سانى ئاشمايدۇ ۋە داۋايىمىزغا زەرەر ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە سوتقا بەرگەن چېغىمىزدا، خىتاينى سوتلاشنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىدىن بىرى ئىچكى يوللارنى تۈگەتكەن ۋە تۈگەتمىگەنلىكىمىزگە قارايدۇ، خىتاي كونسۇلى ئالدىغا بېرىپ قىلغان نامايىشلىرىمىز ۋە ئېتىرازلىرىمىز ۋە خىتاينىڭ بىز بىلەن كارى بولماسلىقى بىزنىڭ ئىچكى يوللارنى تۈگەتكەنلىكىمىزگە ئىسپات بولىدۇ.

بۇ نۇقتىدىن، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ خىتاي كونسۇلى ئالدىدىكى نامايىشىنى ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايدۇ، قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ ۋە تۈركىيەدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بۇ نامايىشقا قاتنىشىشقا ۋە دەستەكلەشكە چاقىرىق قىلىدۇ، شۇنداقلا بېشىمىزدىن ئۆتكەن، كۆرگەن، بىلگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئىسىم، پامىلە، ۋاقىت، ئورۇن، سەۋەپلەر ۋە جەريانلار نۇقتىسىدىن رەتلەپ يېزىپ، خەلقارالىق ئورگانلارغا، كۈچلۈك دۆلەتلەرگە، ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سىياسى ئورگانلىرىغا، خۇسۇسەن خەلقارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەۋەتىشكە چاقىرىق قىلىدۇ.
خەلقارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ ئېلخەت ئادرېسى تۆۋەندىكىچە: iccuyghur@protonmail.com

ھۆرمەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى جۇمھۇر رە’ئىس ئىشخانىسى
2021.يىلى، 1.ئاينىڭ 5.كۈنى

Share this: