شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ھەققىدە

سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى (ش ت س ھ) دېموكراتىك سايلانغان رەسمىي ئورگان بولۇپ ، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ش ت س ھ 2004-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ۋاشىنگىتوندا شەرقىي تۈركىستان / ئۇيغۇر دى’ئاسپوراسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق رەھبەرلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان.

ش ت س ھ ۋەكىللىك پارلامېنت بىلەن بىر دېموكراتىك ئورگاندۇر. ش ت س ھ نىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى: باش مىنىستىر ، پرېزىدېنت ، مۇ’ئاۋىن پرېزىدېنت ، پارلامېنت باشلىقى (رە’ئىس) ۋە پارلامېنتنىڭ مۇ’ئاۋىن باشلىقى (رە’ئىس) ئومۇمىي مەجلىستە شەرقىي تۈركىستان دى’ئاسپوراسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن دېموكراتىك سايلىنىدۇ. باش مىنىستىر پارلامېنتنىڭ رە’ئىسى ۋە مۇ’ئاۋىن رە’ئىسى نىڭ تەستىقى بىلەن ھۆكۈمەت كابىنېتىنى تەشكىل قىلىدۇ. پارلامېنت ئەزالىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ساھىبخان دۆلەتلىرىدىكى دى’ئاسپورا جەمىيىتى سايلايدۇ. سايلام ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم يۈز بېرىدۇ ، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى تۆت يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ ، قايتا سايلانسا بولىدۇ.

ش ت س ھ دۇنيادىكى كۆپ قىسىم شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر مۇستەقىللىق تەشكىلاتلىرى بىلەن قويۇق ئالاقە ۋە خىزمەت مۇناسىۋىتى بار بولۇپ ، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ بارلىق خەلقى ئۈچۈن مۇستەقىللىق ، كىشىلىك ھوقۇق ، دىنىي ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ھۆكۈمەت سىياسىتى

ش ت س ھ نىڭ ئومۇمىي ۋەزىپىسى خىتتاي نىڭ ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىشى ۋە مۇستەملىكىسىگە خاتىمە بېرىش ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنىۋە خەلىقىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىككە كاپالەتلىك قىلدىغان لايىك ۋە دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت سۈپىتىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈشتۇر.

ش ت س ھ خەلقارا قانۇنلاردا رۇخسەت قىلىنغان بارلىق مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ ، شەرقىي تۈركىستان ۋە خەلقنىڭ مەنپە’ئەتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. ش ت س ھ خىتتاي ۋە ئۇنىڭ تاجاۋۇچى كۈچلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە خەلقىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت تېرورلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل شەكىلدىكى تېرورلۇققا ئېنىق قارشى تۇرىدۇ.

ش ت س ھ شەرقىي تۈركىستان ۋە خەلقىنىڭ قىيىنچىلىقىغا ھېسداشلىق قىلىدىغان بارلىق ھۆكۈمەتلەر ، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ش ت س ھ بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى ئاكتىپ قوللايدىغان ئاشۇ ھۆكۈمەتلەر ، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ش ت س ھ بارلىق ھۆكۈمەتلەرنى ، تەشكىلاتلارنى ۋە رەھبەرلەرنى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىنغان دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىللە ، خىتتاينىڭ ۋەھشىيلىكىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى.

ش ت س ھ نىڭ ھەر قانداق جىھادچى ياكى باشقا قوراللىق گۇرۇپپىلار ۋە تەشكىلاتلار بىلەن ھىچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق. ش ت س ھ خىتتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ كۈچلىرىدىن باشقا ھېچقانداق دۆلەت ، ھۆكۈمەت ياكى خەلقنى شەرقىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دۈشمىنى دەپ قارىمايدۇ.