شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

بارىن ئىنقىلاۋىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە ئۆرنەك ئېلىش چاقىرىقى

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم شەرقىي تۈركىستان خەلقى، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئەزىز قېرىنداشلار، ھەممىمىزنىڭ ھەممە ۋاقتىمىز خەيرلىك بولسۇن.


قېرىنداشلار، بۈگۈن 2020- يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك كۈنلەرنىڭ بىرى، چۈنكى 30 يىل بۇرۇن نەخ بۈگۈنكى كۈندە ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا بارىن ئىنقىلابى پارتلىغان كۈن، بۇ كۈندە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمىغا چىداپ بولالمىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئاستىغا يۇشۇرۇنغان بۇۋاق قەتلىئامىغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغان كۈن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن كۈندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىست خەلقىگە چىدىغۇسىز زۇلۇملارنى قىلىپ كەلمەكتە، پۇرسەت تاپسىلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قەتلىئام قىلىپ كەلمەكتە، سىياسى رەھبەرلىرىمىزنى ئۆلتۈرۈپ ئورنىغا ئۇيغۇرسىمان خىتاي روھلۇق جانىۋارلارنى تىكلەپ قويماقتا، يەنە ئاڭ سەۋىيىسى يوقۇرى دىنى زاتلىرىمىزنى، زىيالىلىرىمىزنى، بايلىرىمىزنى ۋە سەنئەتچىلىمىزنى، شۇنداقلا خەلقىمىز ئىچىدىكى ھەر سىنىپتىن كېرەكلىك ئىنسانلىرىمىزنى ھەر تۈرلۈك تۆھمەتلەر بىلەن قارىلاپ ئۆلتۈرۈپ كەلمەكتە، بۇ ئارقىلىق خەلقىمىز ئارىسىدا قورقۇنچ پەيدا قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆلتۈرۈپ يەنە بىر تەرەپتىن ئالداپ خەلقىمىزنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇپ خىتايلارغا خاس دىكتاتورلۇق تۈزۈمى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ۋىجدان ئاۋازىنى بوغۇپ كەلمەكتە. مۇشۇنداق بىر قىيىن شارائىتتا مىللى قەھرىمانىمىز، قەدىرلىك شەھىدىمىز مەرھۇم زەيدىن يۇسۇپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ بارىن ئىنقىلابىنى باشلاتقان ئىدى، ئەپسۇسكى بۇ ھەققانى ئىنقىلاپ 2 ھەپتە ئىچىدە توختاپ قالدى چۈنكى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ھاۋا ئارمىيىسى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن باستۇردى، بىچارە مەزلۇم خەلقىمىز ئۆزلىرى ياساپ چىققان ئاددى قۇراللار ۋە بومبىلار بىلەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا تاقابىل تۇرالماسلىقى تەبىئى ئىدى، خەلقىمىز قۇرال-ياراقتا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىدىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسىمۇ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن بېشىغا كەلگەن زۇلۇملارغا ۋە قەتلىئاملارغا چىداپ بولالماي، «يېتىپ ئۆلگىچە ئېتىپ ئۆل» دىگەن پەلسەپە بويىچە بۇ ئىنقىلاپنى باشلىغان ئىدى، خەلقىمىز بۇ ئىنقىلاپنى باشلاشتا سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىش يولىغا كېتىپ بارغانلىقىنى سېزىپ، كوممۇنىزىم دۇنياسى يوقۇلۇىشقا يۈز تۇتتى، ھازىر ئىنقىلاپ باشلىساق خەلقارادىن ياردەم كېلىپ قېلىشى مۇمكىن دېگەن ئۈمۈت بىلەن باشلىغان ۋە شۇ ئاساستا پاكىستانغا يېقىن تاغلاردا 2 ھەپتىگىچە بەرداشلىق بەرگەن بولسىمۇ ھېچ بىر دۆلەتتىن ياردەمگە ئېرىشەلمىگەن چۈنكى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى پۈتۈن خەۋەرلەرنى قامال قىلىۋالغاچقا باشقا دۆلەتلەر خەۋەر تېپىپ ياردەم بېرىشكە ئۈلگۈرەلمىگەن.
بارىن ئىنقىلابى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئويغۇنۇشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى، پۇرسەت تاپسىلا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.
مىللى قەھرىمانىمىز ۋە قەدىرلىك شەھىدىمىز مەرھۇم زەيدىن يۇسۇپ بۇ ئىنقىلاپ ئارقىلىق خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مەيدان ئوقۇغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئەكسىلئىنقىلاۋى تەشۋىقاتىدىن زەھەرلىنىپ ئۆز مىللى مەدىنىيىتىگە تىل ئۇزاتقان، ئۆزىنىڭ دىنى ئەنئەنىلىرىنى تۆۋەن كۆرۈدىغان بەزى ماڭقۇرت شائىرلارغىمۇ مەيدان ئوقۇغان ئىدى.
مەسەلەن: خىتاي تەسىرىگە ئۇچرىغان مەلۇم بىر شائىر مىللى ئەنئەنىلىرىمىزنى ۋە دىنى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى قامچىلاپ «بولماس» ناملىق بىر غەزەل يازغان ۋە ئۆزىنى جۇڭخۇا ئېلىگە مەنسۇپ ھىس قىلىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى خۇراپى دەپ ياراتماي، «بولماس» ناملىق غەزىلىدە كۆپىنچە ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى يەرگە ئۇرغان، بۇنى ئوقۇغان مەرھۇم زەيدىن يۇسۇپ دەرھال قولىغا قەلەم ئېلىپ بۇ «بولماس» ناملىق غەزەلگە قارشى «بولماس» ناملىق بىر مۇخەممەس يازغان، مەرھۇم زەيدىن يۇسۇپ بۇ مۇخەممەستە غەزەلدىكى پۈتۈن بۇزۇق ئىدىيىلەرگە رەددىيە بەرگەن.
ئوقۇپ بېقىشىڭلار ئۈچۈن، شۇنداقلا مەرھۇم زەيدىن يۇسۇپنىڭ ئىنقىلاۋى رۇھتا قانچىلىق يۈكسەك ئىكەنلىكىنى، دىندا ۋە پەندە قانچىلىك يوقۇرى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن مەرھۇم زەيدىن يۇسۇپ يازغان «بولماس» دېگەن مۇخەممەسنى تەقدىم قىلىمەن:

بولماس

خىتاي زالىم، خىتاي دۈشمەن، ئۇنىڭلە ئۆزلۈشۈپ بولماس،
خىتاي مەككار، خىتاي خائىن، يولىدا يول يۈرۈپ بولماس،
خىتاي ئىنساپى يوق مەخلۇق، گۈزەل كۈنلەر كۆرۈپ بولماس،
خىتاي مەلئۇن، خىتاي ئارسىز، ئۇرۇشماي قۇرتۇلۇپ بولماس،
يوقاتماي ياۋنى بۇ ئەلدىن سائادەتنى كۆرۈپ بولماس.

بۇ دۆلەتنىڭ ئەسىل ئىسمى ئەزەلدىن شەرقىي تۈركىستان،
ئەمەس جۇڭخۇا ئېلى ھەرگىز، تىلىڭنى تارت رەزىل شەيتان،
ئەگەر سەندە ۋاپا بولسا بۇ دۆلەت بىر گۈزەل جانان،
ۋەتەنچۈن ئەرزىگەى ھەتتا پىدا بولسا تۈمەن مىڭ جان،
شەرەپ-ئىززەت يېتىپ كەلمەس ۋەتەنچۈن بەرمىسەڭ ھېچ قان،
جېنىڭدىن كەچمىسەڭ ھەرگىز جانان كۆڭلىن ئۇتۇپ بولماس.

خىتاي ئارسىز، بۇ دۈشمەننى يېڭىشچۈن ئىتتىپاق لازىم،
بۇنىڭچۈن ھەر ۋاقىت قۇرئان ۋە سۈننەت تىڭشىماق لازىم،
بۇ مىللەتنىڭ دىنىنى ۋە تىلىنى قوللىماق لازىم،
خىتاي مەلئۇنىنىڭ تاڭغان دىنىنى تىللىماق لازىم،
ئىناقلىقنى ئاساس قىلماي خىتاينى يوقۇتۇپ بولماس.

مۇسۇلماننى خۇراپى دەپ ياراتماي كۆزگە ئىلمايمىز،
يالاڭباشلارنى دىنسىز دەپ چۈشەنمەستىنلا تىللايمىز،
ئۇ يەرلىك ئۇ، بۇ يەرلىك بۇ دېبان ئادەمنى خىللايمىز،
رەزىل ھۇقۇشقا قۇل بولغاچ رەزىل ھۇقۇشچە چىللايمىز،
يوقاتماي ئۇشبۇ ئىللەتنى سائادەتنى كۆرۈپ بولماس.

ئەزىز شەرقىي تۈركىستان خەلقى، بۇ ئەھمىيەتلىك كۈننى خاتىرلەيلى، مەرھۇم شەھىدىمىز زەيدىن يۇسۇپتىن ئۆرنەك ئالايلى، قەھرىمانلىرىمىزغا ئىگە چىقايلى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بەلگىلەپ بەرگەن «قەھرىمانلار»غا ئەمەس ئۆز ۋىجدانىمىز ۋە ئۆز ئەقلىمىز بەلگىلىگەن قەھرىمانلارغا ئىگە چىقايلى، بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن پۈتۈن بالايى ئاپەتلەرنىڭ كېلىش سەۋەبى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىشغالى ئاستىدا بولۇپ قېلىشىدۇر، بۇ سەۋەپتىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەممىمىزنىڭ ئۈستىگە پەرزدۇر، ئىگىمىز ئاللاھنى رازى قىلالىشىمىزمۇ بۇنىڭغا باغلىق، رەسۇلۇللاھقا ئۈممەت بولۇپ شاپائەتىگە ئېرىشەلىشىمىزمۇ بۇنىڭغا باغلىق، بۇ دۇنيادا ئىنساندەك ياشىيالىشىمىزمۇ ۋە ئىنساندەك يۈزىمىزنى كۆتۈرۈپ يۈرەلىشىمىزمۇ بۇنىڭغا باغلىق.
ئەزىز قېرىنداشلار، بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقى، شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە چىقايلى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىغا ئىگە چىقايلى، كۆرۈنۈشتە ئۇيغۇر داۋاگەرلىرى كۆرۈنۈپ، ماھىيەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى قىلىپ كۆرسۈتۈشكە ماتىرىيال توپلايدىغان، ئۇيغۇرلارغا بىر خىل، چەتئەللىكلەرگە باشقا خىل سۆزلەيدىغان ئۇيغۇرسىمان ۋىرۇسلاردىن ئۇزاق تۇرايلى! ئۆرنەك ئېلىش ئۈچۈن بىزگە رەسۇلۇللاھ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئىزباسارلىرى يېتىپ ئاشىدۇ، ئەگىشىش ئۈچۈنمۇ شۇ ئىزباسارلار يېتىپ ئاشىدۇ، سابىت داموللامدىن، ئابدىقادىر داموللامدىن، ئېلىخان تۆرەمدىن ۋە زەيدىن يۇسۇپلەردىن ئۆرنەك ئالايلى، ئىنقىلاپچىلىرىمىزنى، قەھرىمانلىرىمىزنى ۋە مىللى رەھبەرلىرىمىزنى قەدىرلەيلى، ۋاپادار بولايلى، سادىق بولايلى، پىداكار بولايلى، ھۇشيار بولايلى، ئاللاھتىن بەسىرەت ۋە پاراسەت تىلەيلى، ئىمان ۋە ھىدايەت تىلەيلى.
ئىگىمىز ئاللاھ خەلقىمىزنى خىتاي ۋىروسىدىن ۋە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بۈتۈن سۈيقەستىدىن ساقلىسۇن، خەلقىمىزگە ئازاتلىق ۋە شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق ئاتا قىلسۇن ۋە بىزنى ئىككىلى ئالەمدە ئەزىز ۋە بەخىتلىك قىلسۇن! ئامىن.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى جۇمھۇر رەئىس ئىشخانىسى
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى

Scroll to Top