شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ توققۇز ماددىلىق باياناتى -1945

President Alihan Tore (Center) and other ETR Government Officials - 1945

1945-يىل 5-يانۋاردا، ئىككىنجى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى (1944-يىلى 12-نويابىردا قۇرۇلغان) ھۆكۈمىتى توققۇز ماددىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قايتا مۇئەييەنلەشتۈردى.

1945-توققۇز ماددىلىق بايانات :

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تېررىتورىيىسىدىكى خەن [خىتاي] قاتىللار تەلتۆكۈس يوقىتىلىشى كىرەك .

ھەقىقى ئەركىن ۋە مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت-شەرقىي تۈركىستان چېگرىسى ئىچىدىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ باراۋەرلىكى ئاساسىدا گۈللىنىشى كىرەك.

خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسىشى ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادى- سانائەت، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، خۇسۇسىي ئىگىلىك، قاتناش ۋە باشقا ساھەلەر ئومۇميۈزلۈك تەرەققى قىلدۇرىلىشى كىرەك.

شەرقىي تۈركىستان خەلقلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ ئېتىقادى ئىسلام بولغانلىقى ئۈچۈن، دىن ئالاھىدە قوللاشقا ئېرىشىشى كىرەك. باشقا دىنلارغا ئېتىقات قىلىش ئەركىنلىكىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كىرەك.

كۈلتۈرەل مائارىپ، سەھىيە ۋە ساقلىق ساھەلىرى تەرەققى قىلدۇرىلىشى كىرەك.

دۇنيادىكى پۈتۈن دىموكراتىك دۆلەتلەر بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستانغا قوشنا دۆلەتلەر بىلەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادى باغلىنىش قۇرۇلىشى كىرەك.

شەرقىي تۈركىستاننى ۋە تېنچلىقنى قوغداش ئۈچۈن چوقۇم بارلىق مىللەتلەردىن قوبۇل قىلىپ كۈچلۈك بىر ئارمىيە قۇرىلىشى كىرەك.

بانكا، پوچتا مۇلازىمىتى، ئورمانچىلىق ۋە بارلىق يەر ئاستى مەدەنلىرى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدا بولىشى كىرەك.

دۆلەت ئىشلىرىدا شەخسى مەنپەئەتكە بىرىلىش، ھوقۇقپەرەستلىك، تار دائىرىدىكى مىللەتچىلىك، پارىخورلۇق ۋە باشقا يامان ئىشلار چەكلىنىشى كىرەك.

Scroll to Top