شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

نورۇز تەبرىكنامىسى

قەدىرلىك شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار، 22-مارت بىزنىڭ نورۇز بايرىمىمىز. بۇ كۈن ئاسترونومىيىلىك بايقاشقا تايىنىپ، ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلەشكەن كۈنگە بېكىتىلگەن بولۇپ، قەدىمقى ئەجداتلىرىمىز مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈدۇ. نورۇز بايرىمى ئەنئەنىلەرگە كۆرە يېڭى يىلنىڭ باشلىنىش كۈنى بولغاچقا فارسچە «يېڭى كۈن» مەنىسىنى بېرىدىغان نەۋ رۇز سۆزىدىن تۈلەنگەن بىر ئاتالغۇ ئىدى.

بۇ كۈندە ئالتاي ۋە تەڭرىتاغلىرىدا ياشىغان قەدىمقى ئەجداتلىرىمىز ئىنتايىن كاتتا تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزەتتى. يايلاقلاردا بەيگە مۇسابىقىلىرى، ئوغلاق تارتىش، ناخشا-ئۇسۇل، چېلىش، شۇنداقلا ئىلىمدارلار مۇشائىرە قىزىتىپ، نورۇزلۇق قوشاق-بىيىت ئوقۇش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزەتتى. نورۇز ئەزەلدىن پۈتۈن يۇرت خەلقى بىر يەرگە توپلۇنۇپ تەبرىكلەيدىغان كوللىكتىپ بايرام بولۇش ئالاھىدىلىكى بولغاچقا، شىڭ شىسەي دەۋرىدە بۇ بايرام ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، چەكلەنگەن. سەۋەبى پۈتۈن يۇرتنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشىدىن ئىسيان چىقىدۇ دەپ قورققان ئىدى. مۇستەبىتلىك تۈزۈم بىلەن سىغىشالمايدىغان بۇ بايرام خەلقىمىزگە يېڭى يىلنىڭ ەختىيارلىققا تولىشى ئۈمىدى بىلەن، خوشال بىر باشلانغۇچ سۈپىتىدە تەبرىكلىنىپ، پۈتۈن مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جانلىقلىقى بىلەن ھاياتىي كۈچ، خۇشاللىق بەخش ئەتكەن بولسا، مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئۈچۈن قورقۇنچ ئاتا قىلغىنى ئۈچۈن چەكلەنگەنىدى.

بۇ بايرام 1980-يىللاردا قايتىدىن ئەسكە ئېلىنىپ، تەبرىكلىنىدىغان بولغاندەك قىلسىمۇ، مۇستەبىت كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بۇ بايرامنىڭ ئەسلىدىكى — ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن قىلىنغاندەك — ھالىتىنى بۇرمىلاپ، سەھنىلەرگىلا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر توپ ئارتىس سەھنىدە ئوينايدىغان، باشقىلار تاماشابىن بولۇدۇغان شەكىلگە كەلتۈرۈپ، بۇ پائالىيەتتىنمۇ كوممۇنىست پارتىيەنى، سوتسىيالىزمنىڭ دوزىقىنى مەدھىيلەش ماشىنسى سۈپىتىدە پايدىلاندى.

كېيىنكى چاغلاردا بولسا ۋەتىنىمىزدىمۇ بۇ بايرام يەنىلا چەكلىمىلىككە ئۇچراپ، مەدەنىيەت—كۈلتۈر تىزىملىكىمىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىغان قىسمەتكە دۇچار بولماقتا. مەن بۈگۈن ىەلقىمىزنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پۇرسىتىدە نورۇزنىڭ كېيىنكى ئاچچىق قىسمەتلىرىنى ئاز-تولا ئەسلىتىپ ئۆتتۈم. شۇڭا قېرىنداشلار نورۇزنىڭ ئىلمىي ئاسترونومىيە بىلىمىگە تايانغان ھالدا مەيدانغا چىققان بىر بايرام ئىكەنلىكىنى بىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ باشقا ھەرقانداق بايرامغا ئوخشىمايدىغان كوللىكتىۋىزىملىق خۇسۇسىيىتىنىمۇ ئېسىدە ساقلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئىنشائاللاھ، ۋەتىنىمىزدىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى قوغلاپ چىقىرىلسا بىز بۇ بايرامنى خۇددى قەدىمقى ئەجداتلىرىمىزدەك — ئوچۇقچۇلۇقتا، پۈتۈن بىر يۇرت جەم بولغان ھالدا ۋە بارلىق تەنتەربىيە تۈرلىرى، مۇسابىقىلەر، مۇشائىرىلەر، مۇتائىلەلەر بىلەن، ئەسلى مەزمۇنى، ئەسلى رېڭى، ئەسلى پۇرىقى بىلەن ئېلىپ بارىمىز. ئاللاھ بۇ ئارزۇلىرىمىزغا يەتكۈزسۇن.

نورۇز بايرىمىڭلار قۇتلۇق بولسۇن!

Scroll to Top