ئەدمونتون، كانادا – 5_ فەۋرال 2020
تۇۋەندىكى يەزىق شەرقىي تۇركىستان سۇرگۇندى ھوكىمەتنىڭ دو’لەت رەئىسى غۇلام ئوسمان ياغما تەرپىدىن يەزىلغان:
تراگېدىيەگە تولغان ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ بىر كۈنى
بۈگۈن 5-فىۋرال، بۇ كۈننى قەتلىئاملار يۈزبەرگەن، تراگېدىيەلىك بىر كۈن سۈپىتىدە ىاتىرىلەپ كېلىۋاتىمىز. بۇ كۈندە تېنچ ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاياللارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە بۇنىڭغا قارشى ئەرلىرىنىڭ تېنچلىق تەلەپلىرى بىلەن كوچىغا چىقىشى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بۇرۇندىن ئادەت قىلىپ كېلىۋاتقان قانلىق باستۇرۇشى تۈپەيلىدىن بۇ ترادېگىيە كېلىپ چىققانىدى. تاجاۋۇزچى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئىستىلاغا ئۇچرىغۇچى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قېلىپلاشقان بىر فورمىسى مانا شۇ ئىدى: بىز دوستلۇق، قېرىنداشلىق نىيىتىدە بولۇدۇغان، خىتايلار دۈشمەنلىكلىرىنى ئاشكارە ياكى يوشۇرۇن ئېلىپ بارىدىغان؛ بىز تېنچلىق ئۇسۇلىدا تەلەپ سۇنۇدۇغان، خىتايلار دۆلەت تېرورى يۈرگۈزۈدىغان مۇناسىۋەت بولۇپ كەلدى.
بۈگۈن خەلقىمىز قانلىق غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەۋاتقان بۇ كۈندە مەن شۇنداق سوئالنى ئەقلىمگە كەلتۈرۈپ تۇرۇپتىمەن: بىز بىر ترادېگىيەنىڭ خاتىرە كۈنى دەپ 5-فىۋرالنى خاتىرىلەۋېتىپتۇق، ئەمدى ماڭا ئېيتىڭلار، قايسى كۈنىمىز ترادېگىيەسىز ئۆتكەن؟
بۈگۈن فاشىستىك قىيىن قىستاقلار بىلەن خەلقىمىز ئۈستىدىن پىسخىكىلىق قايتا شەكىللەندۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كامپلارنىڭ رەسمىي تۈردە بىلىنگىنىگە 3 يىل بولۇۋاتىدۇ. بۇ كامپلار ناتسىست كامپلىرى دەپمۇ سۈپەتلىنىۋاتىدۇ. ئەمما ھايات شاھىتلارنىڭ دېگەنلىرى بىلەن تارىخىي ئۇچۇرلار سېلىشتۇرۇپ كۆرۈلسە خىتايلارنىڭ ناتسىستلاردىن ئاللىقاچان ئېشىپ چۈشكەنلىكى كۆرۈلمەكتە. بىلىنگەن پاكىتلاردىن شۇنى دېيەلەيمىزكى، بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ھەركۈن 5-فىۋرال بولماقتا؛ ھەتتا ھەركۈندە ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان خەلقىمىز 5-فىۋرالدىكىدىن ھەسسىلەپ كۆپ بولماقتا. بەلكى بۈگۈن خەلقىمىز 5-فىۋرال كۈنلىرىنى بىر بايرام، بىر ئارامچىلىق، بىر كەڭرىچىلىك كۈنلەر سۈپىتىدە سېغىنىدىغان دەرىجىدىكى زۇلۇم ۋەتىنىمىزنى قاپلاپ كەتتى.
بۈگۈن غەرپتە ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەھەتتىن كىشىلىك ھوقۇقتىن ئۆتۈپ، ھايۋان ھەقلىرى چوقانلىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقان؛ پەن-تېخنىكا جەھەتتىن سىبەر ئېلىكترونىك دەۋرى ئىكەن، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتى ئاستىدا ياشىماقتا. خىتايلار بۈگۈن نەچچە مىڭ يىللار ئاۋالقى — ئىپتىدائىي دەۋرلەردىمۇ ئىنسان بالىسىنىڭ قىلىشى تەسەۋۋۇر قىلىنمايدىغان زۇلۇملارنى قىلماقتا. دۇنياغا خوجا بولۇش قارا نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىنسانىيەتنى قىرغىن قىلىش، باشقا ئىرقلارغا قارشى تازىلاش ئېلىپ بېرىش مەخسىدىدە بىئولوگىيىلىك قورال تەتقىقاتىنى داۋاملاشۇرۇپ كەلمەكتە ۋە بۇ بىئولوگىيەلىك قوراللارنى خەلقىمىز ئۈستىدە سىناق قىلماقتا.
خۇددى گارسىيا ماركيۇسنىڭ: «لاتىن ئامېرىكىنىڭ رىياللىقىنى ھەرقانداق تەسەۋۋۇر كۈچى كۈچلۈك، فانتازىيە يازغۇچىسىمۇ توقۇپ چىقىرالمايدۇ» دېگەندەك، بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى شۇ دەرىجىدىكى، بۇ رىياللىققا تاشقى دۇنيادا كىشىلەرنى ئىشەندۈرۈش مۈمكىنسىز بولماقتا. يەنى، زۇلۇم ھەققىدە چەكتىن ئاشقان فانتازىيە يازغۇچىلارمۇ توقۇپ چىقىرالمايدىغان دەرىجىدىكى زۇلۇملار خەلقىمىز ئۈچۈن كۈندۈلۈك ھاياتنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ قالماقتا.
بۈگۈنكى ھەربىر ئادەتتىكى كۈننىڭ 5-فىۋرالنى نەچچە قاتلايدىغانلىقى تۈپەيلىدىن بۇ كۈننى خاتىرە كۈن قىلىۋېلىشنىڭ ئەھمىيىتى تۈگىدىمۇ؟ ھەر گىز ئۇنداق ئەمەس! خەلقىمىز، مەنپەئەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تورىغا چىرمىلىپ قالغان دۇنيا تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە، تاشلىۋېتىلگەن بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۆزىمىزمۇ بۇ كۈننى خاتىرلەش كۈنلىرى تىزىمىدىن ئۆچۈرۈۋەتسەك، شېھىتلەرنىڭ روھلىرى ئالدىدا يۈزىمىز قارا بولمامدۇ؟ بىز ئەسلەيمىز، خاتىرىلەيمىز. شۇنداقلا مەنپەئەتنى دەپ بۇ قەدەر ئىنسانىيەتسىزلىككە، ئىنسان ترادېگىيىسىگە سەيرچى بولۇپ تۇرۇۋاتقان دۇنياغىمۇ بۇلارنى خاتىرلىتىشقا تىرىشىمىز. ئەي، دۇنيا خەلقى، دېموكراتىيىنىڭ ھامىيسى ئاتالمىش غەرپ دۇنياسى، ئۆتمۈشتە سىلەر يەرلىك ئامېرىكىلىقلارغا قىلىپ، بۈگۈن پۇشايمان قىلىۋاتقان، ھەتتا ئىزا-ئاھانەت چېكىۋاتقان ئىشلارنى بۈگۈن خىتايلار بىزگە نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇپ قىلماقتا. بۈگۈن بۇ ئىشلارغا سۈكۈت قىلسىڭىز تاڭلا ئەتە ئىنسانلىق غورۇرىڭىز سىزنى لەنەتلەيدۇ، ۋىجدان سوتىدا ئازاپلىنىسىز. مەن بۇ ترادېگىيىنىڭ خاتىرە كۈنىدە ئادالەت تۇيغۇلىرىنى مەنپەئەت ئۈچۈن تېگىشىۋەتمىگەن غەرپلىكلەرنى، پۈتۈن دۇنيادا شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ھىسسىداشلىق قىلىدىغان ئاقكۆڭۈل ئىنسانلارنى بىزنىڭ قايغۇمىزغا، ئازابىمىزغا، ھازىمىزغا، پاجىئەلىرىمىزگە سەيرچى بولۇپ تۇرۇۋەرمەسلىككە، زۇلۇمغا تۇر! دەپ ۋارقىراشقا چاقىرىمەن!