شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۈركىيەدىكى خەلق نامايىشىغا دەستەك چاقىرىقى
تۆۋەندىكى بايانات جۇمھۇر رە’ئىس ئىشخانىسى مەنسۇپ ئەسسالامۇ’ئەلەيكۇم ئەزىز شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار، ھەممىمىزگە ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى بولسۇن، جانابى ئاللاھ ئۆمرىمىزنى ئۆز بەختىمىز ئۈچۈن قوللىنىشقا نېسىپ قىلسۇن، ئامىن. قېرىنداشلار، ھەممىمىزگە مەلۇم، بىز 71 يىلدىن بېرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىشغالى ئاستىدا ياشاپ كېلىۋاتىمىز ۋە بۇ جەرياندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىزچىل ۋە پىلانلىق زۇلۇملىرىغا، سۈيقەستلىرىگە، قەتلى’ئاملىرىغا ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىقلىرىغا …