شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ فۇنكسىيەسىنى باشقۇرىدىغان ئەڭ ئالىي قانۇن. ئۇ سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلى ئەزالىرى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان پارلامېنتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلغان. پارلامېنت 2004-يىلى 22-نويابىر ئاساسىي قانۇننى ماقۇللىدى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن ، ئاساسىي قانۇن بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەرلىك ۋە ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھەمدە، ئەدلىيە ، قانۇن چىقىرىش ئورگىنى ۋە ھۆكۈمەتتىن ئىبارەت ئۈچ ئورگاننىڭ مۇستەقىل ۋە ئايرىم بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.
كۆپ يىللاردىن بۇيان ، ئاساسىي قانۇنغا قەرەللىك تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. ئاساسىي قانۇن 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئالاھىدە يىغىندا پارلامېنت تەرىپىدىن يېڭىلاندى ۋە تەستىقلاندى.