شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

نىشانىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

ئاساسىي قانۇن

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى  شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ فۇنكسىيەسىنى باشقۇرىدىغان ئەڭ ئالىي قانۇن. ئۇ سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلى ئەزالىرى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ،  شەرقىي تۈركىستان پارلامېنتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلغان. پارلامېنت 2004-يىلى 22-نويابىر ئاساسىي قانۇننى ماقۇللىدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن ، ئاساسىي قانۇن بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەرلىك ۋە ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھەمدە، ئەدلىيە ، قانۇن چىقىرىش ئورگىنى ۋە ھۆكۈمەتتىن ئىبارەت ئۈچ ئورگاننىڭ مۇستەقىل ۋە ئايرىم بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

كۆپ يىللاردىن بۇيان ، ئاساسىي قانۇنغا قەرەللىك تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. ئاساسىي قانۇن 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئالاھىدە يىغىندا پارلامېنت تەرىپىدىن يېڭىلاندى ۋە تەستىقلاندى.