ۋاڭ گاڭنىڭ تەيىنلىنىشى داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ
2026-يىل، 16-فېۋرال
ئاخبارات دوكىلاتى – دەرھال تارقىتىلسۇن
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى (ETGE)
ۋاشىنگتون – شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ۋاڭ گاڭنىڭ ئىشغال قىلىنغان شەرقىي تۈركىستانغا بېيجىڭنىڭ يېڭى بىخەتەرلىك باشلىقى، يەنى سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارلىقىغا تەيىنلىنىشىنى قەتئىي ئەيىبلەيدۇ. بۇ تەيىنلەش خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى نىشان قىلغان ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ۋە مۇستەملىكىچىلىك ئىشغالىيەت پائالىيەتلىرىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل سىياسىي-قانۇن ۋە بىخەتەرلىك قۇرۇلمىلىرى ئۈستىدىكى ھوقۇقنىڭ تېخىمۇ مەركەزلەشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
سىياسىي-قانۇن كومىتېتى ئىشغالىيەت رېجىمىنىڭ مەركىزىي قوماندانلىق قۇرۇلمىسى بولۇپ، مۇستەملىكىچى ساقچى، سوت، ئاخبارات ۋە بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىگە بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ ھوقۇق دائىرىسى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك، نازارەت قىلىش ۋە بېيجىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىگە تىرەك بولۇۋاتقان مەجبۇرىي سىياسىي كونترول مېخانىزملىرىغىچە كېڭەيگەن.
مەزكۇر كومىتېت دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى ۋە بىرلىك سەپ خىزمەت بۆلۈمى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرى بىلەن قويۇق ماسلىشىپ خىزمەت قىلىدۇ. بۇ ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى خەلقئارا قانۇنغا ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا خىلاپ ھالدا، نازارەت قىلىش، سىڭىپ كىرىش، مەجبۇرلاش ۋە ئائىلە ئەزالىرىغا تەھدىت سېلىش ئارقىلىق سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان جەمئىيەتلىرىنى نىشان قىلغان «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش»نى تېخىمۇ سىستېمىلاشتۇرىدۇ. بۇ مەشغۇلاتلار جاۋابكارلىققا تارتىش، مۇستەملىكىچىلىكنى تۈگىتىش ۋە مىللىي مۇستەقىللىق يولىدىكى تەشۋىقاتلارنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن.
ۋاڭ گاڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن 2021-يىلى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن چېن مىڭگونىڭ ئورنىغا تەيىنلەندى. ئۇنىڭ تەيىنلىنىشى شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ھەربىي، سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك رەھبەرلىكىدىكى ھوقۇقىنى مەركەزلەشتۈرۈشى جەريانىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، بۇ مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلەر، ھۆكۈمەتلەر ۋە قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئېتىراپ قىلىنغان سىياسەتلەرنىڭ ئىزچىللىقى ۋە نورماللىشىشىنى كۆرسىتىدۇ.
2026-يىلى ماي ئېيى، بېيجىڭ شەرقىي تۈركىستاندا زور تۇتقۇن، مەجبۇرىي ئەمگەك، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ۋە سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى رەسمىي يولغا قويغان «زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش قاتتىق قول ھەرىكىتى» نى باشلىغانلىقىنىڭ 12 يىللىقىدۇر.
ۋاڭ گاڭ ئىلگىرى ئاقسۇدىكى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى»نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن بولۇپ، بۇ يېرىم ھەربىي مۇستەملىكىچى ئورگان يەرلەرنى تارتىۋېلىش، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە باستۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. ئۇ يەنە لاگېر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىغا چېتىشلىق دۆلەت كارخانىلىرىنى باشقۇرىدىغان «دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى»دىمۇ مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ قۇرۇلمىلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك تۈركىي خەلقلەرنى نىشانلىغان زور تۇتقۇن ۋە ئەمگەككە يۆتكەش پروگراممىلىرىغا زىچ چېتىشلىق ئىكەنلىكى ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن.
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ پىرىزېدېنتى دوكتور مەمتىمىن ئەلا مۇنداق دېدى: «ۋاڭنىڭ تەيىنلىنىشى بېيجىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مۇستەملىكىچى ئىشغالىيىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە سىستېمىلاشتۇرۇش قارارىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ».
2026-يىلى 22-يانۋار، بېرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي جەمئىيەتلەرگە تېڭىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىلىرىنىڭ «قۇل قىلىش» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» قاتارىغا كىرىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك مىنىستىرى سالىھ خۇدايار مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەتلەر ۋاڭ گاڭ ۋە خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھەم ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىگە مەسئۇل باشقا ئەمەلدارلارغا نىشانلىق جازا يۈرگۈزۈشى، خەلقئارا قانۇن بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھۆكۈمەتلەر يەنە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىغا تاقابىل تۇرۇشى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەملىكىچىلىكنى تۈگىتىش، مىللىي ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت ئەزەلىي ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىشى كېرەك.»
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، كانادا ۋە باشقا دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەرنى «دۇنياۋى ماگنىتسكىي جازاسى» نى يۈرگۈزۈشكە، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارغا قارشى قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىشكە، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ۋە تەسىر كۆرسىتىش مەشغۇلاتلىرىغا تاقابىل تۇرۇشقا ھەمدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان جاۋابكارلىق مېخانىزملىرىنى كۈچەيتىشكە چاقىرىدۇ.
ھۆكۈمەتلەر خىتاينىڭ مۇستەملىكىچى ئىشغالىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە مىللىي مۇستەقىللىقى ھەم ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھوقۇقىنى قوللاش ئارقىلىق، بۇ ۋەھشىيانە قىلمىشلارنىڭ تۈپ يىلتىزىنى ھەل قىلىشى كېرەك.
شەرقىي تۈركىستان ئىشغال قىلىنغان بىر دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ خەلقى خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە مۇستەقىللىق ۋە تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشتەك دەخلى-تەرۇز قىلىشقا بولمايدىغان ھوقۇققا ئىگە.