رەھمەت، سىلەر بىلەن بىللە بولغىنىمدىن ئىپتىخارلاندىم. مەن سىلەرنىڭ-شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ۋە ئاخىرقى ھېساپتا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى بىلەن دۇنياغا مۇناسىۋەتلىك- بۈيۈك خىزمىتىڭلارنى كۈچلۈك تەقدىرلەيمەن.
بۇ ھەپتە بىز بېرلىن تېمى ئۆرىۋېتىلگەنلىكىنىڭ خاتىرىسىنى تەبرىكلىدۇق. بېرلىن تېمى بولسا مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ شەرقىي ياۋروپا ۋە سوۋېتنى نەچچە ئون يىل بېسىۋېلىشى ئىدى. ئۇ [مۇستەبىتلىك] غەرپ دۇنياسىدا بەك ئۇزۇن قوبۇل قىلىنغان، سەل قارالغان ھەتتا ئەپۇ قىلىنغان ئىدى. ئىنسان ھەقلىرى مەسلىسىدە ۋە باشقا مەسلىلەردە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن قارشىلىشىش قولايسىز ھالغا يەتكەن ئىدى. ئاخىرى، ئامېرىكىدا پىرىزىدىنت رونالد رېگان ھوقۇققا ئولتۇردى ۋە ئوچۇق شەكىلدە، سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئەخلاقى ۋە ئىنسان ھەقلىرى قىسىملىرىنى بايانات قىلدى، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنى رەزىل ئىمپىرىيە دىدى، ئۇ[ پىرىزىدىنت رونالد رېگان] باش مىنىستىر گورباچېۋنى تامنى ئۆرۈۋېتىشكە چاقىرىق قىلدى. بۈگۈنىمىزدە، شۇنچە يىللاردىن بۇيان بىز دىققەت قىلمىغاندا چوڭلىغان، تەرەققى قىلغان يەنە بىر رەزىل ئىمپىرىيە بار. ھازىر شەرقىي تۈركىستان، خوڭكوڭ ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بۇ رەزىل ئىمپىرىيىنىڭ نىمىلەرنى قىلىشقا قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرىۋاتىمىز. يېڭى پىرىزىدىنتىمىزنىڭ خۇددى رونالد رېگان دىگەندەك: شىجىنپىڭ ئەپەندى، جازا لاگىرلىرىنى تاقاڭ! دەيدىغان غەيرەت ۋە پاراسەتكە ئىگە بولىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ھەمدە ئاخىرقى بىر ئويلىنىشىم، بەلكىم بۇ زالدىكى نۇرغۇن كىشىلەرگە بىئارامچىلىق بولىشى مۇمكىن، مەن مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدە مۇسۇلمانلار تەرەققىيات مەسلىلىرى ئۈستىدە خىزمەت قىلغان بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ بىز كۆرۈپ تۇرغان سۈكۈتى مېنى پەرىشان قىلىۋاتىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ سۈكۈتىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمىدىم. كۆپ رەھمەت.