شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

ئانىلار بايرىمى مۇبارەك بولسۇن!

ۋاشىڭگىتون، 2020- يىل 10- ماي

پىرىزىدىنت ئىشخانىسىنىڭ تەبرىكنامىسى

بۈگۈنكى ئانىلار كۈنىدە،ھەتتا بىز ئانا رەھمىدىن يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىشتىن بۇرۇن بىزگە تۇنجى بولۇپ مېھىر-مۇھەببەت بېغىشلىغان ئانىلارنى يۈكسەك ھۆرمەت بىلەن تەبرىكلەيمىز.

ئالەم بىنا بولغاندىن بۇيان،ئانىلار پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئۆرنەك،ئۇستاز ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ كەلمەكتە. ئا’ئىلىلەردە ئانىلار بىزگە كۆيۈمچانلىق، مۇھەببەت ۋە مېھىر-شەپقەتنى ئۆگەتتى. جەمىيەت قاتلىمىدا،ئانىلار كىلەچەكنىڭ ئىگىلىرىنى تەربىيلەش ئارقىلىق جاما’ئەتلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ ئومۇمى قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈردى.

ئانىلار مىللەتنىڭ تۈۋرۈكىدۇر. شۇ سەۋەپتىن،خىتاي ۋە ئۇنىڭ ئىشغالىيەتچى كۈچلىرى نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئانىلارغا قارىتا روھى ۋە جىسمانى ھۇجۇملىرىنى توختىتىپ قويمىدى.

بۈگۈن،شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان ئانىلار ھەر تۈرلۈك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ نىشانى قىلىنماقتا. شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان ئانىلار ئا’ئىلىسدىن ۋە پەرزەنتلىرىدىن ئايرىۋېتىلىپ جازا لاگىرلىرىغا،تۈرمىلەرگە،ھاشار زاۋۇتلىرىغا قاماپ قويۇلدى. مەجبۇرى تۇغماس قىلدۇرىلىش،ھامىلىسى مەجبۇرى ئۆلتۈرۈلۈش،ئەۋلاتلىرى خىتاي ئىشغالىيەتچى كۈچلىرى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنىشلار ئارقىسىدا مىليونلىغان ئانىلار ئەقەللى ئانىلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىندى.

دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە بەخت- سا’ئادىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان بارلىق ئانىلارنى خاتىرىلەيمىز ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. تارىخىمىز بويىچە،ۋەتىنىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن جانلىرىنى تەقدىم قىلغان قەھرىمان ئوغۇل- قىزلارنى قاتارغا قوشقان سانسىز ئانىلارغا رەھمەت ئېيتىمىز.

پۇرسىتى بارلارنىڭ ئانىلىرىنى ھەر دەقىقە ئىززەت- ئىكرام قىلىپ ئاسرىشىنى سورايمىز. ئانىلىرىدىن ئەبەدى ئايرىلغانلارنىڭ دۇ’ئا قىلىپ ئاللاھتىن ئانىلىرى ئۈچۈن ئاخىرەت يۇرتىدىكى ئەڭ ئالى جەننەتلەرنى تىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن ئورتاق كۈلپەت سەۋەپلىك ئانىلىرىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىپ تۇرىۋاتقانلارنىڭ سەبىر قىلىشىنى ۋە ئانىلىرىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن دۇ’ئا قىلىشىنى چاقىرىق قىلىمىز.

ئاللاھنىڭ بىزگە رەھىم قىلىشىنى،ئا’ئىلىسىدىن ۋە ئانىلىرىدىن ئايرىلغانلارنى پات ئارىدا قايتا جەم قىلىشىنى تىلەيمىز. ئانىلىرىمىزنى،ئا’ئىلىرىمىزنى،مۇقەددەس تۇپراقلىمىزنى خىتاي زالىملىرى ۋە خىتاي ئىشغالىيەتچى كۈچلىرىدىن ئازات قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ خەلقىمىزگە ئۆز ئارا مېھىر-مۇھەببەت،ھەق يولدا بىرلىك،كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىشىنى سورايمىز. مىللىتمىزنىڭ قەد كۆتىرىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بىزگە تېخىمۇ كۆپ پىداكار ئانىلارنى ئاتا قىلىشىنى تىلەيمىز. ئامىن !

شەرقىي تۈركىستانلىق بارلىق ئانىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن !

Scroll to Top