پىراكتىكا پۇرسىتى
پىراكتىكا پۇرسىتى
سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى (ETGE) دە پراكتىكانت بولۇپ ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇققا بولغان مەسئۇلىيەت ۋە بېغىشلىشىڭىزنى روياپقا چىقىرىڭ. پراكتىكانتلار سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىمىزنىڭ فۇنكسىيەسىنى قوللاشتا تۈرتكىلىك رول ئويناپلا قالماي، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. بۇ ئۆزگىچە پۇرسەت ھۆكۈمىتىمىزنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئادالەت ۋە تاشقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشكە بەل باغلىغانلارنىڭ چېنىقىشىقا قىممەتلىك پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.
ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى:
- ئەتىيازلىق پراكتىكا (1-فېۋرالدىن 30-ئاپرېلغىچە): 1-يانۋارغىچە ئىلتىماس قىلىنىدۇ؛
- يازلىق پراكتىكا (1-مايدىن 31-ئىيۇلغىچە): 1-ئاپرىلغىچە ئىلتىماس قىلىنىدۇ؛
- كۈزلۈك پىراكتىكا (1-ئاۋغۇستتىن 31-ئۆكتەبىرگىچە): 1-ئىيۇلغىچە ئىلتىماس قىلىنىدۇ؛
- قىشلىق پراكتىكا (1-نويابىردىن 31-يانۋارغىچە): 1-ئۆكتەبىرگىچە ئىلتىماس قىلىنىدۇ.
ۋەدە: ئىلتىماس قىلغۇچىلار 12 ھەپتە ئىچىدە كەم دېگەندە 180 پىراكتىكا سائىتى (ھەپتىسىگە 15 سائەت) بېغىشلاشقا ۋەدە بېرىدۇ.
تۆلەم: بۇ پراكتىكا ھەقسىز بولسىمۇ، بىز سىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىزمەت تەجرىبىڭىزنى ئاشۇرىمىز. ئۇ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەت دائىرىسىدە ماھارەت يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىي تەجرىبە ئۈچۈن قىممەتلىك پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. پراكتىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش سىزگە يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەتچىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ۋە سىياسىي ئاكتىپلىق ۋە باشقۇرۇش ساھەسىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئورۇنلارنىڭ بىرىدە ئۆزگىچە ئۆگىنىش خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە قىلىدۇ.
ئالاقە ۋە تەشۋىقات پراكتىكانتى
- چۈشەندۈرۈش: گۇرۇپپىمىزغا ئالاقە ۋە تەشۋىقات پراكتىكانتى سۈپىتىدە قاتنىشىڭ ۋە مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئاممىغا تارقىتىش، ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ۋە قوللىغۇچىلار ۋە شېرىكلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىلەردە ياردەملىشىڭ.
- تەلەپ قىلىنىدىغان سالاھىيىتى: كۈچلۈك ئالاقە ئىقتىدارى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى پىششىق بىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلىش قىزغىنلىقى بولۇشى كېرەك.
كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي تەشۋىقات پراكتىكانتى
- چۈشەندۈرۈش: بۇ گورۇپپىدا تەشۋىقات ئىشلىرىمىزغا قاتنىشىپ، تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئىشلەيسىز، تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر، ھۆكۈمەتلەر ۋە تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىلىشىسىز ھەمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرىسىز. بۇ رول شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىنى تۈگىتىشنى تەشەببۇس قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
- تەلەپ قىلىنىدىغان سالاھىيىتى: تەشۋىقات ماھارىتى كۈچلۈك بولۇش، جۇغراپىيىلىك سىياسەتكە پىششىق، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قانۇنىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلالايدىغان بولۇش، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشقا ماھىر ۋە دىپلوماتىيەنى چۈشىنىدىغان، سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتكە بولغان ئىشتىياقى كۈچلۈك بولۇش.
پائالىيەتنى ماسلاشتۇرۇش ۋە قوللاش پراكتىكانتى
- چۈشەندۈرۈش: پائالىيەت، توريىغىنى ۋە ئۇچرىشىشلارنى پىلانلاش ۋە ئىجرا قىلىشقا تۆھپە قوشۇڭ. پائالىيەتلىرىمىزنىڭ تەرتىپلىك ۋە ئۈنۈملۈك داۋاملىشىشىغا، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى ۋە ساپاسىنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
- تەلەپ قىلىنىدىغان سالاھىيىتى: تەشكىللەش ماھارىتى كۈچلۈك بولۇش، ئىنچىكە نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە پائالىيەت پىلانلاشقا قىزىقىدىغان، ۋاقىتقا رىئايە قىلىدىغان بولۇش.
گرافىك لايىھىلەش پراكتىكانتى (سىن مەزمۇنى قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
- چۈشەندۈرۈش: گرافىك لايىھىلەش پراكتىكانتى سۈپىتىدە گۇرۇپپىمىزغا قوشۇلۇڭ ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىمىز ۋە باشقا ئالاقە قاناللىرىمىز ئۈچۈن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مەزمۇنلارنى يارىتىشتا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇڭ. سىز ئۇچۇرلىرىمىزنى يەتكۈزۈشكە ۋە شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان گرافىك، ئۇچۇر ۋە سىنلارنى لايىھەلەيسىز.
- تەلەپ قىلىنىدىغان سالاھىيىتى: گرافىك لايىھىلەش يۇمشاق دېتالىغا پىششىق بولۇش مەسىلەن، (Adobe Creative Suite) ، سىن تەھرىرلەش ماھارىتى ياخشى بولۇش، ئىجادچانلىققا ماھىر بولۇش ۋە كۆرۈنۈش ئارقىلىق مەنا ئىپادىلەشكە ماھىر بولۇش. قوشۇمچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى جانلىق باشقۇرالايدىغان، مەزمۇنىنى يارىتىش تەجرىبىسى بولۇش.
تەتقىقات پراكتىكانتى
- چۈشەندۈرۈش: گۇرۇپپىمىزغا تەتقىقات پراكتىكانتى سۈپىتىدە قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە جۇغراپىيىلىك سىياسىي ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىڭ. بۇ بايقاشلىرىڭىز بىزنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزدە تەشۋىقات تىرىشچانلىقىمىز ۋە سىياسەت تەۋسىيەلىرىمىزگە تۆھپە قوشىدۇ.
- تەلەپ قىلىنىدىغان سالاھىيىتى: كۈچلۈك تەتقىقات ماھارىتى بولۇش، ئىنچىكە نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، مۇرەككەپ ئۇچۇرلارنى تەھلىل قىلالايدىغان ئىقتىدارى بولۇش ۋە ئىلمىي ياكى سىياسەت تەتقىقاتقا قاتنىشىپ باققان تەجرىبىسى بولۇش.
شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى ، بۇ پراكتىكىلار ھەقسىز، ئەمما قىممەتلىك تەجرىبە ۋە سىياسىي پائالىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ئەھمىيەتلىك تەسىر كۆرسىتىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ يىل ھەر پەسىلدە ئىلتىماسلار قوبۇل قىلىنىدۇ، بىز ئاكتىپ كىشىلەرنى ئىلتىماس قىلىشقا ۋە ئادالەت ۋە مۇستەقىللىق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇرىمىز.
قانداق ئىلتىماس قىلىسىز؟
ش ت ج س ھ دە پىراكتىكا قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى «ھازىر ئىلتىماس قىلىمەن» كۇنۇپكىسىنى چېكىپ ، پراكتىكا ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرۇڭ.