كۆك بايراق – شەرقىي تۇركىستان دۆلەت بايرىقى

تارىخى ئارقا كۆرىنىشى
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى قايتا قازىنىش ۋە خىتاي مۇستەملىكىسىدىن ئازات قىلىشنى نىشان قىلغان مىللى ئويغىنىش ھەرىكىتى شەكىللىنىشكە باشلىدى. بىر نەچچە يىللىق مىللى ئازاتلىق ئۇرۇشىدىن كىيىن، 1933-يىلى 12-نويابىر قەشقەردە بىرىنجى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ (1933.11.12-1934.4.16) قۇرۇلىشى بىلەن نىشان ئەمەلگە ئاشتى

1933-يىل11-نويابىرنىڭ ھارپىسىدا، ئۇندىن بىر قانچە ئاي بۇرۇن شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق جەمئىيىتى لاھىيلىگەن كۆك بايراقنى، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 16 مىنىستىرى شەرقى تۈركىستاننىڭ دۆلەت بايرىقى دەپ بىردەك قوبۇل قىلدى. كۆك بايراق ئىككىنجى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ (1944.11.12-1949.12.22) بايرىقى قىلىپ بەلگىلەندى. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى شەرقى تۈركىستاننى بېسىۋالغان 1949-يىلدىن بۇيان كۆك بايراق خىتاي تاجاۋۇزچى كۈچلىرى تەرىپىدىن چەكلەندى

شەرقى تۈركىستان دۆلەت بايرىقى سىمۋولىنىڭ چۈشەندۈرىلىشى
ئاساسى كۆك رەڭ ئاسماننىڭ رەڭگىدىن ئېلىنغان بولۇپ، تۈركى خەلقلەر مەدەنىيىتىدىكى مۇھىم رەڭ، كۆك ئاسمانغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، كۆك تۈركى خەلقلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ

كۆك رەڭ يەنە كۆك تۈرك خانلىقى( ئىمپىرىيىسى)نىڭ بايرىقىدىن كەلگەن بولۇپ، كۆك رەڭ يەنە نۇرغۇن تۈرك ئىمپېرىيىلىرى بىلەن دۆلەتلىرىنىڭ بايرىقىدا تېپىلىدۇ

ھىلال ئاي زەپەر (يېڭىلمەس) ئۇقۇمىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، چوقۇم ئىسلامنىڭ سىمۋولى دىيىشكىمۇ بولمايدۇ، ئەسلى ھىلال ئاينى تۈركلەر ئىسلام دۇنياسىغا ئەكىرگەن

يۇلتۇز تۈركى خەلقلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇ يەنە ئاق ھون(ئەفتالىت)ئىمپىرىيىسى شۇنداقلا باشقا كۆپلىگەن تۈركى ئىمپىرىيىلەر بىلەن دۆلەتلەرنىڭ بايرىقىدىمۇ تېپىلىدۇ

شۇنىمۇ خاتىرىلەش كىرەككى، بۇ كۆك بايراق، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقى ۋە خىتاي مۇستەملىكىسىدىن ئازات قىلىنىشى ئۈچۈن، 250 مىڭ شېھىدنىڭ قېنى بىلەن تىكلەنگەن

كۆك بايراق شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللى مۇستەقىللىقى ۋە ھۆرلىكىنىڭ سىمۋولى