شەرقىي تۇركىستان دۆلەت گېربى

شەرقى تۈركىستان دۆلەت گىربى 1933-يىل 12-نويابىردا، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا مەيدانغا چىقتى

ھىلال ئاينىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە توققۇزدىن مارجان بولغان ۋە مارجانلارنىڭ يىپى ھىلالنىڭ ئاستىدا باغلانغان؛ ھىلالنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆسنىخەت بىلەن يېزىلغان «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم»، ھىلالنىڭ ئىككى ئۇچى ئارىسىدىكى بوشلۇق ئۈچ يۇلتۇز بىلەن تۇتۇشۇپ گويا بىر چەمبەر ھاسىل قىلغان بىر شەكىلدىن ئىبارەتتۇر. دۆلەت گېربىدىكى ئون سەككىز مارجان — شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغان ئون سەككىز تۈرك قەبىلىسىنىڭ سىمۋولىدۇر. ئۈچ يۇلتۇز بولسا تارىختا شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان كۆك تۈرك، ئۇيغۇر ۋە قاراخانىلار دۆلەتلىرىنىڭ سىمۋولىدۇر