دۇنيا بانكىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا كامپلىرىغا مەبلەغ تەمنلەشنى توختىتىشىغا جىددى چاقىرىق

جۈمە ، 2019-يىل 20-دېكابىر

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە ۋەكالىتەن، بىز دۇنيا بانكىسىنى جىددى ھەرىكەتكە كىلىشكە ھەمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا كامپلىرىغا مەبلەغ تەمىنلەشنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىمىز.

دۇنيا بانكىسىنىڭ،خىتاي شىنجاڭ دەۋالغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش “ تەربىيلەش مەركەزلىرى“ دەپ ئاتايدىغان ئەمىلىيەتتە سىلىقلاشتۇرۇلۇپ ئېيتىلغان جازا كامپلىرىغا تۆۋەن ئۆسۈملۈك 50 مىليون دوللار قەرز بەرگىنى دىققىتىمىزنى تارتتى.

2016-يىلدىن بۇيان،خىتاي رادىكاللىق، ئەسەبىلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئىقتىسادى تەرەققىيات تونىدا مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز،ئۆزبەك ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى قالايمىقان تۇتقۇن قىلغان ۋە ئۇلارنى ئاتالمىش “قايتا تەربىيە مەركىزى“، “ ئەسەبىلىككە قارشى تۇرۇش مەركىزى“ قاتارلىقلارغا قامىدى. 2018-يىل ئاۋغۇستتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقى ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومتىتى تەخمىنەن بىر مىليونغا يېقىن ئادەمنىڭ ئاتالمىش“ ئەسەبىلىككە قارشى تۇرۇش“ مەركىزىگە قامالغانلىقىنى؛ ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى مىليون ئادەمنىڭ مەجبۇرى سىياسىي، كۈلتۈرەل مىڭە يۇيۇش ئۈچۈن ئاتالمىش “قايتا تەربىيە مەركەزلىرى“ گە قاماپ قويۇلغانلىقىنى ئېيتقان.

دەسلەپتە خىتاي بۇنى ئىنكار قىلدى، كىيىن ئۇ جايلارنىڭ، كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات مەقسىتىدە خالىغانچە بېرىپ كەسپى ماھارەت ئىگەللەيدىغان “ كەسپى تەربىيە مەركەزلىرى“ ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. رېئاللىقتا بولسا، ئۇ مەركەزلەر ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كىملىكىنى يوق قىلىدىغان جازا كامپلىرىدۇر. 2019-يىل مايدا، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىكى،خىتاينىڭ ئەڭ ئاز بىر مىليون زور ئىھتىماللىقتا ئۈچ مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ جازا كامپلىرىغا قامالغانلىقىنى كۆرسەتتى. يېقىندا،خىتاي ئىچكى ماتىرىيالىنىڭ سىرتقى دۇنياغا چىقىپ كىتىشى بىلەن خىتاينىڭ زادى نىمە قىلىۋاتقانلىقى تەپسىلى ئاشكارىلاندى. ئاشكارىلانغان ھۆججەتتە خىتاي ئەمەلدارلىرىغا “ھېچكىمنى قاچۇرۇپ قويماسلىق، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەت تۇتقۇنلىرىغا قەتئى رەھىمدىللىق قىلماسلىق“ ،“ سىرتقى تەنقىتلەرنى ھىساپقا تۇتماسلىق“ ھەمدە مەزكۇر قەبىھ باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرۇق قىلىنغان. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىنى سابىق تۇتقۇنلار ۋە تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى، ئاشكارىلىنىپ كەتكەن سىن كۆرىنىشلەر، باشقا ماتىرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا پاكىتلار بىلەن جەملىگەندە، بۇنىڭ ئالدىن پىلانلانغان قىرغىنچلىقتىن باشقا ئەمەسلىكىنى بىزگە نامايان قىلىپ بىرىدۇ.

بەزىلەر بەلكىم قىرغىنچلىق يۈز بىرىۋاتقانلىقىغا پاكىت يوق، ئېنىق مەقسەتنى دەلىللەش مۇمكىن ئەمەس ۋە ياكى قىرغىنچلىققا روشەن ئېنىقلىما يوق دەپ مۇنازىرە قىلىشى مۇمكىن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1948- يىل قوبۇل قىلغان ھەمدە 1952-يىلى كۈچكە ئىگە بولغان “ قىرغىنچلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش قائىدىسى“ دە ئوچۇق ئېنىقلىما بار.
قائىدىنىڭ ئىككىنجى ماددىسىدا قىرغىنچىلىقنىڭ ئېنىقلىمىسى مۇنداق بەلگىلەنگەن : …دۆلەتلىك،ئېتنىك، ئىرقىي،دىنىي گۇرۇپنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ۋەيران قىلىشنى مەقسەت قىلىپ سادىر قىلىنغان تۆۋەندىكى قىلمىشلار :
ئا. گۇرۇپنىڭ ئەزالىرىنى ئۆلتۈرۈش
ب. گۇرۇپنىڭ ئەزالىرىغا ئېغىر جىسمانىي ياكى روھىي زىيانكەشلىق قىلىش
س. گۇرۇپنىڭ پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن جىسمانىي ۋەيرانچىلىق پەيدا قىلىشنى پىلان قىلىپ، گۇرۇپنىڭ ھايات شەرتلىرىگە قەستەن زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈش
د. گۇرۇپ ئىچىدە تۇغۇتنى چەكلەش مەقسىتىدە تەدبىر تېڭىش
ئې. گۇرۇپنىڭ پەرزەنتلىرىنى مەجبۇرى باشقا گۇرۇپقا يۆتكەش

تۆۋەندىكىلەر پاكىت :
بىرىنجى. ئاتالمىش “ كەسپى تەربىيلەش مەركەزلىرى“ دە كىشىلەر ئۆلىۋاتىدۇ. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى بۇ ئۆكتەبىردە پەقەت بىر مەركەزدە، ئالتە ئاي ئىچىدە 150 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. سابىق تۇتقۇنلار جازا كامپلىرى ياكى ئاتالمىش “ كەسپى تەربىيە مەركەزلىرى“ نىڭ ئىچىدە تۇتۇپ تۇرىلىش جەريانىدا نۇرغۇن تۇتقۇنلارنىڭ ئۆلۈمىگە شاھىت بولغانلىقى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بىرىشتى.

ئىككىنجى. مەركەزلەردىكى تۇتقۇنلار ئۆز رايىغا قارشى تۇتقۇن قىلىنىپ، مەجبۇرى سىياسىي ۋە كۈلتۈرەل كاللا يۇيۇش، ئاچ قويۇش، دورا يىدۈرۈش، قىيىن-قىستاق، باسقۇنچىلىق، ئورگانلىرىنى تىرىك سۇغۇرۇش ھەتتا رەھىمسىز ئۆلتۈرۈلۈش قاتارلىقلارجازا كامپلىرىدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە ئېغىر جىسمانىي ۋە روھىي زىيانكەشلىك پەيدا قىلىۋاتىدۇ. جازا كامپلىرىنىڭ سىرتىدا، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدەك، تۈركىيە،ئاۋستىرالىيە، ياپونىيە ۋە باشقا جايلاردا ياشاۋاتقان، جازا كامپلىرىغا قامىلىپ كىتىلگەن كىشىلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى پۈتۈن خەلقنىڭ پىسخىلوگىيىسىنى بۇزىۋاتقان جىسماني ۋە روھىي يارىغا مۇپتىلا بولىۋاتىدۇ. مەزكۇر ئېغىر روھى بېسىم شەرقىي تۈركستان ئىچى ۋە سىرتىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈملەرگە سەۋەپ بولماقتا، مەسىلەن گوللاندىيەدە قازا قىلغان ياش. نىيۇ يورك ۋاقىت گىزىتى ئېلان قىلغان خىتاينىڭ ئىچكى قىسىم ماتىرىيالى شۇنى كۆرسەتتى: خىتاي قەستەن مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى ۋەھشى قاماپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جىسمانىي، روھىي، كۈلتۈرەل جەھەتلەردىن ۋەيران قىلىش مەقسىتىدە ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا.

ئۈچىنجى. خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان، بېسىۋالغاندىن بۇيان بولۇپمۇ 1970-يىللارنىڭ ئالدىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى “ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى“ نى چىڭىتىپ شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تۇغۇتىنى چەكلەپ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 1989-يىل بىلەن 2009-يىل ئارىسىدا،شەرقىي تۈركىستاندا 3.7 مىليون “ قانۇنسىز تۇغۇت“ نى توسۇپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. تېخىمۇ يېقىندا، ئائىلىلەرنى مەجبۇرى ئايرىۋېتىش، زور كۆلەمدە قامىۋېتىشنىڭ نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇس جىددى تۆۋەنلەپ كەتتى. تۇتقۇنلار گۇرۇپنىڭ ئىچىدە تۇغۇتنى چەكلىۋېتىش مەقسىتىدە مەجبۇرى تۇغماس قىلىۋېتىلمەكتە. كەلگۈسى ئاسمىلاتسىيە، تۈركىي خەلقلەرنى يوق قىلىش مەقسىتىدە تۈركىي مىللەت ئاياللىرى مەجبۇرى ھالدا خىتايلارغا ياتلىق قىلىنماقتا.

تۆتىنجى. خىتاي ھۆكۈمىتى، يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەت پەرزەنتلىرىنى گەرچە باقىدىغان ئۇرۇق-تۇققانلىرى بولسىمۇ مەجبۇرى ھالدا ئائىلىسىدىن پۈتۈنلەي ئايرىپ دۆلەت سالغان يىتىمخانە ۋە ياتاقلىق مەكتەپلەرگە يۆتكىۋەتتى. مەقسەت ئاتالمىش“ تەرەققىيات ۋە مائارىپ“ نىقابى ئاستىدا، پەرزەنتلەرنى ئېتنىك ۋە دىنىي كىملىكىدىن يۇلىۋېتىش ھەمدە سادىق خىتايلارغا ئايلاندۇرۇش.

بەشىنجى. مەركەزلەرنىڭ ئاتالمىش “ تەربىيلەش مەركىزى“ ئەمەس بەلكى جازا كامپلىرى ئىكەنلىكىگە روشەن كۆرۈنمە دەلىل بار. تەربىيلەش مەركەزلىرىدە ئىگىز تام، سىم تور،باقاۋۇل مۇنارى بولمايدۇ. تۇيۇقسىز ھۇجۇم مىلتىقى، توكلىغۇچ، توك كالتەك ۋە باشقا تۈرمىدە ئىشلىتىلىدىغان بىخەتەرلىك ئەسۋاپلىرى بىلەن قوراللانغان بىخەتەرلىك خادىملىرى بولمايدۇ. كوممىنىزىم زىيانلانغۇچىلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالى تەتقىقاتچىسى ئادىرىيان زېنز خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا 1300 دىن ئارتۇق جازا كامپلىرى بارلىقىنى ئېيتتى. شەرقىي تۈركىستان مىللى ئويغىنىش ھەرىكىتى تەشكىلاتى، رايوندىكى 182 گۇماندار جازا كامپلىرى، 209 تۈرمە ۋە 74 ئەمگەك كامپلىرىنىڭ كوئوردىناتىنى ئاممىغا ئاشكارىلىدى.

دۇنيا بانكىسى ئەسلىدە تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە،ئىھتىياجلىق تۈرلەر تەرەققىياتى ۋەجىدىن تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بىرىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئىدى. خىتاي تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەت ئەمەس بەلكى ئۇ ئەنئەنىۋى چېگرادىن بەكمۇ يىراق ئاتلاپ كەتكەن مۇستەملىكىچى ئىمپىرىيە. خىتايغا زور مىقداردا، بولۇپمۇ “ تەربىيلەش مەركىزى“ قاتارلىق نامۇۋاپىق تۈرلەرگە قەرز تەمىنلەش ئارقىلىق، دۇنيا بانكىسى مۇستەملىكىچىلىكنى كۈچلەندۈرۈپلا قالماي يەنە ئىرقى قىرغىنچلىقنىڭ شېرىكى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. شۇ ۋەجىدىن بىز دۇنيا بانكىسىنى ئاساسى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش؛ خەلقئارا قانۇنلارغا رىئايە قىلىش؛ ئەخلاقى نۇقتىدىن خىتاينىڭ قەرز ئىلتىماسنى رەت قىلىش؛خىتايغا قەرز بىرىشنى دەرھال توختىتىش؛ جازا كامپلىرى قۇرۇلىشى،مەشغۇلاتىغا ئىشلىتىلىۋاتقان ۋە ئىرقى قىرغىنچلىق، مۇستەملىكىگە چېتىشلىق بارلىق قەرز تۈرلىرىنى توختىتىشقا جىددى چاقىرىق قىلىمىز.

ئىمزا

كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى
شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزى-كانادا
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى
شەرقىي تۈركىستان مىللى ئويغىنىش تەشكىلاتى
فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى
ئەركىن قازاق ھەرىكىتى تەشكىلاتى
ياپونىيە زىيالىلار بىرلىكى
ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى