ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقى، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىنداشلار، ھەممىمىزنىڭ رامىزان ئېيىمىز مۇبارەك بولسۇن، جانابى ئاللاھ بۇ ئۇلۇغ ئايدا ھەممىمىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلسۇن، دۇئالىرىمىزنى ۋە قىلغان ئىبادەتلىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن، نەتىجىدە بىزنى مەنىۋى كېسەللىكلىرىمىزدىن ساقايتىپ ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ۋەتەن-مىللەتكە جانلىق خىزمەت قىلالىغۇدەك رۇھى كۈچ، ساغلام ئىرادە، شەرەپلىك ئىنسانلارغا خاس پىداكارلىق ۋە قەدىردان ئىنسانلارغا خاس ۋاپا ئاتا قىلسۇن، ئامىن.
قېرىنداشلار، ئۇلۇغ رامىزان ئېيىدا رۇزا تۇتۇش ئىسلامدىكى ئەڭ ئاساسلىق بەش پەرزنىڭ بىرىدۇر، رامىزاندىكى بۇ رۇزىنى پەقەتلا ئاللاھ بۇيرىغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھنى رازى قىلىش ئۈچۈنلا تۇتىمىز، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننى بېسىۋېلىشى نەتىجىسىدە ۋە بىزنى مەنىۋى تۈۋرۈكىمىز ئىسلامىيەتتىن ئايرىۋېتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان زۇلۇملىرى نەتىجىسىدە بىز ئۆز دىنىمىزنىڭ ئەمرى-پەرمانلىرىنى ئۆگىنىشتىن مەھرۇم قالدۇق، ئىگىمىز ئاللاھ بىزنى ئەپۇ قىلسۇن!
ش ت ج س ھ ئۇلۇغ دىنىمىز ئىسلامنىڭ ئاساسلىق بەش پەرزلىرىدىن بىرى بولغان رۇزا تۇتۇش ئىبادىتىنىڭ ھىكمەتلىرىدىن بەزىسىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى.
رامىزان رۇزىسىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن بۇ ئىبادەتنىڭ ھىكمەتلىرىگە نەزەر سېلىشىمىز لازىم.
1.جانابى ئاللاھ رامىزان رۇزىسىنى بىزگە پەرز قىلىش ئارقىلىق ئۆز رۇبۇبىيىتىنى (يەنى كائىناتتىكى ھەممە مەۋجۇداتنى ۋە ھادىسىلەرنى بىۋاستە ئۆز كونتۇرۇللىقىدا تۇتۇۋاتقانلىقىنى) بىزگە ئىزھار قىلىشنى خالىغان.
يەنى جانابى ئاللاھ يەر يۈزىنى بۈيۈك بىر دوسقان ماھىيىتىدە يارىتىپ، پۈتۈن نېمەتلىرىنى ئۇ دوسقانغا تىزىپ ئۆزىنىڭ بىزگە نەقەدەر مىھرىبان ئىكىنلىكىنى، رەھىم-شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى، نەقەدەر ياخشى بىر تەربىلىگۈچى ۋە پەرۋىش قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلماقچى بولغان، ئەمما ئىنسانلار غەپلەت پەردىسى ئاستىدا ۋە ياشاش ھەلەكچىلىكىدە ئاللاھنىڭ بۇ مۇرادىنى ھەقىقى رەۋىشتە كۆرەلمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ رامىزان رۇزىسىنى پەرز قىلغان چۈنكى ئىنسانلار رۇزا تۇتۇش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى تونۇيدۇ، قەدرىگە يېتىدۇ، ۋە بۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بىزنى نەقەدەر سۆيىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ شۈكۈر قىلىدۇ، نەتىجىدە ئاللاھنى سۆيۈشكە باشلايدۇ ۋە ئاللاھ بۇيرىغان سالىھ ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخىتلىك ياشايدۇ.
2. جانابى ئاللاھ رامىزان رۇزىسىنى بىزگە پەرز قىلىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي ھاياتىمىزنىڭ گۈزەل بولۇشىنى خالىغان.
ئىنسانلار ھايات كەچۈرۈش نۇقتىسىدا ناھايىتى پەرقلىق يارىتىلغان، جانابى ئاللاھ بۇ پەرق تۈپەيلى بايلارنى پەقىرلارغا يارىدەم قىلىشقا بۇيرىغان، ھالبۇكى بايلار پېقىرلارنىڭ ئاچارچىلىق ۋە يوقسۇللۇق دەردىنى پەقەتلا رامىزان رۇزىسىنى ئادا قىلىش جەريانىدىلا تولۇق ھېس قىلالايدۇ، ئەگەر رامىزان رۇزىسى بولمىسا ئىدى بايلار پېقىرلارنىڭ ھالىنى ھەقىقى تۈردە بىلەلمەس ئىدى.
جانابى ئاللاھ رامىزان رۇزىسى ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ يارىتىلىشتا، ئاجىزلىقتا ۋە مۇھتاجلىقتا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانىيەتنىڭ بىر بىرىگە يارىدەملىشىشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلغان.
3.جانابى ئاللاھ رامىزان رۇزىسىنى بىزگە پەرز قىلىش ئارقىلىق ئەڭ ئىچكى دۈشمىنىمىز بولغان نەپسىمىزنى تەربىلەپ كونتۇرۇلىمىز ئاستىدا تۇتۇشىمىزنى خالىغان، چۈنكى ئىنساننىڭ نەپسى ئۆزىنى ئەركىن، ئۆزىنى ئۆزىگە خوجا دەپ قارايدۇ ۋە شۇنداق بولىشىنى خالايدۇ، ھەتتا ئۆزىنى مەۋھۇم بىر شەكىلدە ئىلاھلىق ماقامىغا لايىق كۆرىدۇ، شۇ سەۋەپتىن بۇ قەدەر كۆپ نېمەتلەرنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكىنى ئويلاشنى خالىمايدۇ، خۇسۇسەن دۇنيالىق سەرۋىتى كۆپ، ماددى كۈچى ئارتۇق ۋە ئاللاھتىن غاپىل كىشىلەر پۈتۈنلەي كۆڭلى قارىلىشىپ، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئوغرى ۋە بۇلاڭچىلار كېبى ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدۇ ۋە ھايۋانلار كېبى پەرۋاسىز يەپ ئىچىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ رامىزان رۇزىسىنى بىزگە پەرز قىلىپ بىزگە رۇزا قۇتقۇزۇش ئارقىلىق باي بولسۇن ياكى پەقىر بولسۇن ھەممىمىزنىڭ گوش، سۆڭەك ۋە قاندىن يارىتىلغان ئوخشاش ئاجىز، پەقىر، مۇھتاج بەندىلەر ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزىمىزگە ھېس قىلدۇرۇشنى خالىغان، ۋە بۇ ئارقىلىق نەپسىمىزدىن ئىبارەت مەۋھۇم ئىلاھنى يوق قىلىپ، بىزنى كىبىر ۋە شىركتىن قۇتقۇزۇپ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخىتلىك ياشىشىمىزنى خالىغان.
ئىنسان ئاللاھتىن ئۇزاقلاشقانسىرى ئىنساننىڭ نەپسى ئۇ نىسبەتتە كۈچلىنىدۇ، يوغۇنىدۇ، ياۋۇزلىشىدۇ ۋە كىرلىنىدۇ، ئىنسان ئاللاھقا يېقىنلاشقانسىرى ئىنساننىڭ نەپسى ئۇ نىسبەتتە ئاجىزلايدۇ، كېچىكلەيدۇ ۋە پاكىزلىنىدۇ.
ئىنسان نەپسى پاكىزلاشقانسىرى ئىنساننىڭ رۇھى كۈچلىنىدۇ، ئىرادىسى جانلىنىدۇ، غەيرەت-جاسارىتى ئاشىدۇ، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن قورقماس ھالەتكە كېلىدۇ، ياخشى كۆرسىمۇ ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ياخشى كۆرىدۇ، يامان كۆرسىمۇ ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن يامان كۆرىدۇ، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىنى ئاللاھ ياراتقانلىقى ئۈچۈن سۆيىدۇ، بۇنداق كىشىنىڭ دوست ۋە دۈشمىنى ئېنىق بولىدۇ، بۇنداق كىشىنىڭ ئىنقىلاپ غايىسى ئېنىق، مەيدانى ئېنىق ۋە بايرىقى روشەن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ رامىزان رۇزىسىنى نەپسىمىزنى تەربىلەپ ياراملىق ئىنسانلارنىن بولۇشىمىز ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى ۋە باشقىلارنى زەرەرلەردىن قوغدىشىمىز ئۈچۈن ۋە بىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخىتلىك ياشىشىمىز ئۈچۈن پەرز قىلدى.
قېرىنداشلار، رامىزان رۇزىسىنىڭ ماھىيىتىنى ۋە ھىكمەتلىرىنى بىر چاقىرىقتا سۆزلەپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس، رامىزاننىڭ ھىكمەتلىرىنى كېيىن يەنە داۋام قىلىمىز ئىنشائاللاھ، ئەمما مېنىڭ رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن سىلەرگە دەيدىغىنىم شۇلاردىن ئىبارەت:
قېرىنداشلار، ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىشغالى ئاستىدا يەنچىلىۋاتىدۇ، ئەر-ئايال پۈتۈن مىللىتىمىز خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن خارلىنىۋاتىدۇ، ئىپپەت نومۇسىمىز چەيلىنىۋاتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە ۋەتىنىمىزنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىدىن قايتۇرۇپ ئېلىش پەرز، ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىز پەرز، بۇ پەرزنى ئادا قىلىشىمىز ئۈچۈن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مۇجادىلە قىلىشىمىز پەرز، مۇجادىلە قىلىش ئۈچۈن كۈچ توپلاش ۋە چېنىقىش لازىم، كۈچ توپلاش ئۈچۈن ھەقىقەت ئۈستىدە ئىتتىپاقلىشىش ۋە بىرلىشىش لازىم، بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن بىرلا ھەقىقەت بار، ئۇ بولسىمۇ مۇستەقىللىق. مۇستەقىللىقتىن باشقا يول قۇتۇلۇش يولى ئەمەس، بەلكى يوقۇلۇش يولىدۇر.
مۇستەقىللىق يولىدا بىرلىشەيلى، خىتاي تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ئىنسانلارنى ئۆزىمىزگە رەھبەر قىلايلى، ئىنقىلاپ سېپىگە كىرىۋالغان يۈزسىز خائىنلەردىن ھەزەر ئەيلەيلى، بۇ ئۇلۇغ رامىزان ئېيىدا رۇزا تۇتۇش ئارقىلىق رۇھىمىزنى پاكىزلايلى، ئاللاھقا دۇئا قىلايلى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى چىقماي شەرمەندىلەرچە ياتقان گۇناھىمىزغا ئىستىغپار ئەيتايلى، تۆۋبە قىلايلى، ئاللاھنىڭ كائىناتنىڭ ۋە پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ پاترونى ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتمايلى، رۇزا تۇتۇش ئارقىلىق ئاچلىققا چىداشنى، ئۇسسۇزلۇققا چىداشنى مەشق قىلايلى، غەيۋەت-شىكايەت قىلماسلىقنى، پىتنە-پاسات چىقارماسلىقىنى مەشق قىلايلى، ئۆز خەلقىمىزگە يامانلىق قىلماسلىقنى مەشق قىلايلى، بىر بىرىمىزگە يارىدەم قىلىشنى، بىر بىرىمىزنى سۆيۈشنى، بىر بىرىمىزنى توغرا چۈشىنىشىنى، سەمىمىي بولۇشنى مەشىق قىلايلى، ئىگىمىز ئاللاھ رامىزان ئېيىدا قىلغان ئىبادەتلىرىمىزنى قوبۇل قىلىپ مىللىتىمىزنى ئەپۇ قىلسۇن، مىللىتىمىزگە ئەڭ قىسقا زاماندا ئىتتىپاقلىق ۋە غەلىبە ئاتا قىلسۇن، ئەڭ قىسقا زاماندا شەرقىي تۈركىستاندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى بىللە تەبرىكلەشكە نېسىپ قىلسۇن، ئامىن.
ش ت ج س ھ باش مېنىستىر ئىشخانىسى سالىھ خۇدايار.
2020.يىلى 4.ئاينىڭ 23.كۈنى