شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنى ئۇيغۇر قانۇنىنى دەرھال ماقۇللاشقا چاقىردى

Rally in front of the US Capitol led by the ETGE & ETNAM - November 2018

ۋاشىڭىتون
2020-يىلى 8-ماي

بايانات باش مىنىستىر ئىشخانىسىغا مەنسۇپ

تۈنۈگۈن ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى رەھبەرلىرى پات يېقىندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى (S.178) نى بېلەت تاشلاشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتتاينىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرك خەلقلىرىگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ھەل قىلىشقا يېتەكلەيدىغان بىر قانۇندۇر.

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى (ش ت م ئو ھ) ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى 2018-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر قانۇنى ئۈچۈن ئاكتىپ پا’ئالىيەت ئېلىپ باردى ، ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندە ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى باش مىنىستىرى سالىھ خۇدايار شەرقىي تۈركىستان / ئۇيغۇر قانۇنىنى 2016-يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ش ت م ئو ھ «ئۇيغۇر قانۇنى» نى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئۇيغۇر قانۇنىنىڭ ئەسلىدە 2009-يىلى پارلامېنت ئەزاسى روس لېختىنېن ۋە پارلامېنت ئەزاسى دانا روھراكباچېر تەرپىدىن ئوتۇرغا قويغانلىقنى ۋە ئاخىرىدا خىتتاي ۋە ئۇنىڭ غالچىلىرى تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بايقىدى.

گەرچە بۇ قانۇن لايىھىسى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئويلىغاندەك ئۇنچە كۈچلۈك بولمىسىمۇ ، ئەمما بۇ قانۇن چوقۇم ئامېرىكا پارلامېنتى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشكە بۇرۇلۇشىنى ۋە كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇنلار ماقۇللۇشىنىڭ يولىنى ئاچىدۇ.

بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا ، بولۇپمۇ كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىئونىڭ ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقا تۈرك خەلقلىرىگە بېغىشلىغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز.

بىز بۇ قانۇن لايىھىسىنى پەردە ئارقىسىدا ئاكتىپلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن بارلىق دوستلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىمىز.

بىز پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ قانۇن لايىھىسىنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ماقۇللىغان ھامان دەرھال ئىمزا قويۇشىنى تەلەپ قىلىمىز ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەھشىيلىكىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

بىز بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ ئامېرىكا پارلامېنتى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش ۋە خىتتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى رەھىمسىز ئىشغالىيىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن قوللانىشىنى ۋە تېخىمۇ كۆپ قانۇن لايىھىسى ۋە ھەرىكەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئەركىن دۇنيانىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قولدىن كەتكەن مۇستەقىللىقى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈرەشىنى ھۆرمەت قىلىشىنى ۋە بىزگە ھىسداشلىق بىلدىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بىز دۇنيادىكى بارلىق دوستلىرىمىز ۋە قوللىغۇچىلىرىمىزنى ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ، تەشكىلات ۋە جائە’مەت رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە پارلامېنت ئەزالىرىغا خەت يېزىش ۋە تېلېفون قىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانغا ۋاكالىتەن داۋاملىق تەشۋىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز.

Scroll to Top