باش
مىنىستىر ئىشخانىسى، بايانات
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى باش مىنىستىر ئىشخانىسى رەسمىي باياناتى
بۈگۈن يەنى 2025-يىلى 12-ئۆكتەبىر، تاجاۋۇزچى خىتاي خەلق
جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا 76 يىل
بولدى. 1949-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، يەنى ئاتالمىش «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلۇپ 11
كۈندىلا خىتاي كوممۇنىست ئارمىيىسى قۇراللىق كۈچلىرى مۇقەددەس زىمىنىمىزغا، مۇستەقىل
دۆلىتىمىزگە، بىگۇناھ مىللىتىمىزگە ھەربىي ھۇجۇم قوزغىدى. 1949-يىلى 12-ئاينىڭ
22-كۈنى ئۇلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى مەجبۇرىي ئاغدۇرۇپ تاشلاپ،
مۇستەقىللىقىمىز ۋە مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى قورال كۈچى ۋە زوراۋانلىق بىلەن
ئەسىرگە ئالدى، ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىۋېلىشتى.
بۇ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى ئاددى بىر ۋەقە بولماستىن، بەلكى
مۇستەملىكىچىلىك، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىشغال قىلىش ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى ئىدى.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇستەملىكە
ھۆكۈمرانلىقى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تۈپ
سەۋەبىدۇر. ئۆتكەن 76 يىلدا نەچچە مىليونلىغان خەلقىمىز ئۆلتۈرۈلدى، سانسىزلىغان
كىشىلەر كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، مەجبۇرىي ئەمگەك، قىيناش، ئۆلۈم جازاسى، مەجبۇرىي
تۇغماس قىلىش قاتارلىق پاجىئەلەرگە دۇچ كەلدى ھەمدە دىنىي، مەدەنىي ۋە مىللىي
كىملىكىمىز سىستېمىلىق يوقىتىشقا ئۇچرىدى.
12-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستان پۇقرالىرىنىڭ
دۆلەت ماتەم كۈنى دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ قايغۇلۇق كۈندە، بىز
خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدا قۇربان بولغان بارلىق شېھىدلىرىمىزنى ۋە زۇلۇمغا
ئۇچراۋاتقان بارلىق ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتىنى خاتىرىلەيمىز. بۇ كۈن خاتىرلەش
كۈنىلا ئەمەس بەلكى قارشىلىق كۆرسىتىش كۈنىدۇر، مىللىتىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىنى
ئەسلىگە كەلتۈرۈش، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، مۇستەملىكىچىلىكى ۋە
ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش، شېھىت قىلىنغان قۇربانلارنىڭ
قىساسىنى ئېلىپ، ئادالەتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىرادىمىزنى قايتا
مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان، چىڭىتىدىغان كۈن.
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى جۈملىدىن دۆلەت ئىچى ۋە
سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاينىڭ قانۇنسىز ھۆكۈمرانلىقىنى ھەرگىز
ئېتىراپ قىلمايدۇ ۋە ئىشغال قىلىشنى قوبۇل قىلمايدۇ. بىز خەلقئارا جەمئىيەتنى
شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىقا، خىتاي
خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مۇستەملىكىچىلىك
جىنايىتى ئۈچۈن ئۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىرىمىز. بىز يەنە بارلىق
ھۆكۈمەتلەر، تەشكىلاتلار ۋە ۋىجدان ئىگىلىرىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز
تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى، مۇستەقىللىق ۋە مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە
كەلتۈرۈشنى قوللاشقا چاقىرىمىز.
دۇنيا شۇنى بىلىشى كېرەككى، شەرقىي تۈركىستاندىكى زوراۋانلىق
نوقۇل كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئەمەس. ئۇلار مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى، ئىرقىي
قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر بولۇپ، خىتاينىڭ قانۇنسىز تاجاۋۇز
قىلىشى ۋە داۋاملىق ئىشغال قىلىشىنىڭ بىۋاسىتە ۋە مۇقەررەر ئاقىۋىتىدۇر.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش
خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى
ئاسىيا ئەللىرى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن
ئىنتايىن مۇھىم. ئەركىن ۋە مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان يەر شارى بىخەتەرلىكىگە
تۆھپە قوشىدۇ، ئالەمشۇمۇل قىممەت قارىشىنى قوغدايدۇ، زوراۋانلىق ۋە تاجاۋۇزچىلىققا
قارشى يىمىرىلمەس قورغان بولىدۇ.
ھەممىگە قادىر ئاللاھ مىللىتىمىزگە تەۋپىق ۋە توغرا يول ئاتا
قىلغاي. ۋەتىنىمىزنى قوغداپ، خەلقىمىزنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرگەي، بىزنىڭ قانۇنلۇق
مۇستەقىللىقىمىزنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىزنى تېزلىتىشىپ بەرگەي، ئامىن.
— باش مىنىستىر
ئابدۇلئەھەد نۇر
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى