بېيجىڭ ئىشغال قىلىنغان شەرقىي تۈركىستاندا «ئاپتونومىيە»،
«ئىتتىپاقلىق»، «مۇقىملىق» ۋە «زامانىۋىلىشىش» دېگەن (يامان غەرىزى يوشۇرۇنغان) شوئارلاردا
داۋاملىق جار سېلىۋاتىدۇ. ئەركىن دۆلەتلەر ئالدىنىپ كەتمىسۇن. بۇلار پەقەت
ئىشغالىيەتنى يوشۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاقلاش ۋە بىر مىللەتنى يوقىتىشنى
مەقسەت قىلغان مۇستەملىكە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىجاد قىلىنغان پەردازلانغان
تەشۋىقات قوراللىرىدۇر.
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى خىتاي دىكتاتورى شى جىنپىڭ
ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە قورچاق ۋەكىللەر
ئۆمىكىنىڭ نازارەتچىلىكىدە خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نى
يولغا قويغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشغال قىلىنغان
شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن «كاتتا يىغىلىش» نى قەتئىي ئەيىبلەيدۇ.
تەبرىكلەشكە ئەرزىگۈدەك ھېچ ئىش يوق. 1955-يىلى بېيجىڭ مىللىتىمىزنى پارچىلاش
مەقسىتىدە ھەربىي ئىشغال قىلىش ۋە مۇستەملىكە قىلىشتەك تاجاۋۇزچىلىقىنى يوشۇرۇش
ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا قانۇنسىز ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نامىنى ئۆزگەرتىۋېلىشتى.
شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ھاكىمىيىتىنى ھەر
قانداق شەكىلدە قوبۇل قىلىپ باقمىغان ۋە ئۇنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. مىللىتىمىز
20-ئەسىردە ئىككى قېتىم دۆلىتىمىز مۇستەقىللىقىنى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» سۈپىتىدە
قايتىدىن تىكلەپ، ئىگىلىك ھوقۇق ئىرادىسى ۋە مىللىي ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنى
نامايان قىلدى. بىزنىڭ قانۇنلۇق دۆلىتىمىز «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى»
1949-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى تاجاۋۇزچى خىتاي ئىشغالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ
تاشلاندى. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە مىللىتىمىز ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىدىن
قىلچە ۋاز كەچمىدى (ھەم قەتئىي ۋاز كەچمەيدۇ). شەرقىي تۈركىستان خەلقى چەتئەل
ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ھەرقانداق «ئاپتونومىيە»نى خالىمايدۇ، تەلەپقۇ قىلمايدۇ ۋە
قوبۇلمۇ قىلمايدۇ. بىزنىڭ بىردىنبىر نىشانىمىز مۇستەقىللىق ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى
تەلتۆكۈس ئەسلىگە كەلتۈرۈش.
خىتاينىڭ «ئىتتىپاقلىق»، «مۇقىملىق» ۋە «زامانىۋىلىشىش» دېگەن
تەشۋىقات شوئارى خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىشغالىيەت
ھەرىكىتىنى ئاقلاش ۋە يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نىقابلانغان تەشۋىقات
ئاتالغۇلىرىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەرلىك نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى چەكلەپ،
تاجاۋۇزچى خىتايلارنى ھە دەپ شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش يەنىلا مۇستەملىكە
قىلىشتا مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى: ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى»
قارمىقىدىكى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى قۇراللىق كۈچلىرى ۋە ئۇلار يۆتكەپ كەلگەن
كۆچمەن تاجاۋۇزچى خىتايلارنىڭ سانى 1949-يىلىدىكى 4 پىرسەنتتىن ھازىرقى 40
پىرسەنتكە كۆپىيىپ، يەرلىك تۈركىي خەلقلەرنى ئۆز ۋەتىنىدە «ئاز سانلىق مىللەتلەر»گە
ئايلاندۇرۇپ قويۇشتى.
شى جىنپىڭنىڭ بۇ ئارتىسلىقى قانۇن ۋە ئەمەلىيەتنى
ئۆزگەرتەلمەيدۇ. شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى قايتا تەكىتلەيدۇكى: شەرقىي
تۈركىستان خەلقى خىتاي ئىچىدىكى «ئاز سانلىق» ئەمەس، بەلكى خىتاي ئىشغالىيىتى
ئاستىدىكى مۇستەقىل مىللەت. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۈرىشى ئاتالمىش
ئاپتونومىيە ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مۇستەقىللىقىمىز ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى تولۇق
ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈندۇر. بىز ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا ئورگانلارنى
بېيجىڭنىڭ يالغانچىلىقىنى رەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى
بەلگىلەش ۋە مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشقا، نەچچە ئون يىلدىن
بۇيان خىتاي يۈرگۈزىۋاتقان مۇستەملىكە قىلىش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە
قارشى جىنايەتلەر ئۈچۈن ئۇنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرىمىز.