شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان «ISIS» نىڭ خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرى ۋە رەزىل نىشانىنى قوللايدىغان تۆھمىتىنى قەتئىي ئەيىبلەيدۇ

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار، دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى باياناتى

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى  «ئىسلام دۆلىتىنى قوللايدىغان تاراتقۇ گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارا قولىنى سۇنۇپ، ئۇلارغا شەرقىي تۈركىستاننى دائېش ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرۇشقا دەۋەت قىلدى» دېگەن تۆھمىتىنى كەسكىن ئەيىبلەيدۇ. بۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان قانۇنلۇق مىللىي ئازادلىق كۈرىشىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتى ۋە رەزىل مەقسىتىنى قەستەن ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۇرۇنۇشتەك قەبىھ قىلمىشتۇر. بۇ خىل تەشۋىقاتلار خىتاينىڭ ساختا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» باھانىسىنى بىۋاستە قوللايدۇ، بۇ ساختىلىق خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، كەڭ كۆلەمدە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، قۇل قىلىش ۋە دۆلىتىمىزنى سىستېمىلىق مۇستەملىكە قىلىش قاتارلىق خەلقئارا قانۇنلارغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئاقلاشقا ئىشلىتىلگەن.

دائېشنىڭ بۇ تەتۈر تەشۋىقاتى تيەنجىندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ئېچىلغاندا، خىتاي ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى «تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئاشقۇنلۇققا زەربە بېرىش» توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىگە باھانە تېپىش ئۈچۈن قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغاندۇر. بۇ تۆھمەت ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي يۇقىرىقى ئاتالغۇلاردىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق، مۇستەقىللىق ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان قانۇنلۇق كۈرەشلىرىنى سەتلەشتۇرۇش ۋە قانۇنسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى بىلەن بىردەك.

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى دائىشنىڭ زوراۋان، قانۇنسىز ۋە خەلقئارادا چەكلەنگەن تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيدۇ. بىزنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشىمىز دىنىي رادىكاللىق، تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئاشقۇنلۇق بىلەن قەتئىي مۇناسىۋەتسىز. بىزنىڭ دەۋامىز جەنۋە ئەھدىنامىسىنىڭ بىرىنچى قوشۇمچە كېلىشىمنامىسىنىڭ 1(4) ماددىسىدا ئېتىراپ قىلىنغان مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى، چەتئەل ئىشغالىيىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقان ھاكىمىيەتلەر ئاستىدىكى خەلقلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن قانۇنسىز مۇستەملىكىگە قارشى يوللۇق مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىدۇر.

شەرقىي تۈركىستان خەلقى مەيلى دىنىي، سىياسىي ياكى باشقا جەھەتلەردە بولسۇن، ھەرقانداق بىر گەۋدىنىڭ «ئۆلكە بولۇشى» تەكلىپىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. بىزنىڭ بىردىنبىر نىشانىمىز مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستاننى ئۈزۈل – كېسىل ئازاد قىلىش، تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، خەلقىمىزنى قوغداش. بىز خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ ئىشغال قىلىنغان شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى، ئىشغالىيىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا يول قويىدىغان بارلىق يالغان سۆزلەرنى رەت قىلىش ۋە قارشى تۇرۇشنى، بۇ جىنايەتلەرگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن كونكرېت ۋە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى، مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش ۋە ئىگىلىك ھوقۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللاشقا چاقىرىمىز.

— سالىھ خۇدايار شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك مىنىستىرى

Scroll to Top