شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاي ۋە ئۇنىڭ ۋەكالەتچىلىرىنىڭ تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىدىغان تەھلىللەرنى ئەيىبلىدى

 

2025-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى (ETGE)
East-Turkistan.Net
contact@East-Turkistan.Net
 دەرھال ئېلان قىلىنىدۇ

  شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ئاتلانتىك ئوكيان كېڭىشى (30-سېنتەبىر) ۋە «دىپلومات» (1-ئۆكتەبىر) ئېلان قىلغان، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قانۇنلۇق ھالدا مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىنى ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى (TIP / ETIP)، ئەلقائىدە، دائىش قاتارلىق گۇرۇپلارغا زورلاپ چېتشتەك خاتا تەھلىللەرنى كەسكىن ئەيىبلىدى ۋە رەت  قىلدى.

TIP / ETIP   بولسا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈش، ئۇيغۇرلارنى ۋاستىلىق توقۇنۇشلاردا زەمبىرەك ئوقىغا تۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن يەمچۈك قىلىش، بېيجىڭنى شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان ئىشغال قىلىش، مۇستەملىكە قىلىش ۋە سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاقلاش ئۈچۈن باھانە بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان ساختا بايراق تەشكىلاتىدۇر.

  بۇ تەھلىللەر خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇچۇر ۋە پىسخىكا ئۇرۇشى ھەمدە ئىستىخبارات ھەرىكىتىنى كېڭەيتىپ، خەلقىمىزنى (خەلقئارا جەمئىيەتكە) سەت كۆرسىتىش تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان قانۇنلۇق كۈرەشلىرىمىزنىڭ  يوللۇقلىقىنى مۈجۈمەللەشتۈرىدۇ.

  تارىخىي پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، «TIP/ETIP» دېگەن 1997 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ئىستىخباراتى تەرىپىدىن، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىگە قارشى پاكىستاندا قۇرۇلغان. بۇ قىلتاق قانۇنلۇق مىللىي كۈرەشلىرىمىزنى «تېررورلۇق»تەك كۆرسىتىپ، خەلقئارانىڭ دەۋايىمىزنى قوللىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان. بۇ تەشكىلات خىتاينىڭ دائىمىي ئىتتىپاقدىشى پاكىستاندا قۇرۇلغاندىن بۇيان «ئۇيغۇر تېررورىزىم» توغرىسىدىكى ساختا بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزنى ئەلقائىدە بىلەن، ۋە ھەتتا يېقىنقى تارىخلاردا دائېش قاتارلىق خەلقئارادىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن باغلاش ئۈچۈن قوللىنىلىپ كەلدى.

  شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ تەشكىلاتلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى كەسكىن رەت قىلىدۇ. بىزنىڭ كۈرىشىمىز مۇستەملىكىچىلىككە، ئىشغالغا قارشى قانۇنلۇق مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىدۇر، خەلقلەرنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ھوقۇقىنى ئاساس قىلغاندۇر. ھەرگىزمۇ (ئۇ تەشكىلاتلار ئېيتقاندەك) دىنىي ئىتىقاد مەسىلىسى ئەمەس ھەم «ئىسلام خەلىپىلىكى» نىمۇ تەلەپ قىلمايدۇ.

  «ئۇيغۇر جىھادچىلار جەنۇبىي ئاسىيا ياكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ» دېيىلگەن  داۋراڭلار پۈتۈنلەي يالغان. بىزنىڭ بىردىنبىر توقۇنۇشىمىز شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقلىرىنى مۇستەملىكە قىلىش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىشغال قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش جىنايىتىدىن يانمايۋاتقان خىتاي ئىشغالچى كۈچلىرى بىلەن بولغان توقۇنۇشتۇر.

  خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرى، ۋەكالەتچىلىرى ۋە ئاخبارات ھەرىكىتى شەرقىي تۈركىستانغىلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە كەڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان ۋە ياۋرو-ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت سالماقتا. ھۆكۈمەتلەر بۇ ياسالما تەھدىتلەرنى تونۇپ يېتىشى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قانۇنلۇق مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللىشى كېرەك.

  شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان قانۇنىي ئەرزىنى  قوللاپ، خىتاينىڭ ئۇچۇر ئۇرۇشى، پىسخىكا ئۇرۇشى ۋە ۋاسىتىلىق ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى پاش قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە ئادالەت ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى قوللاشقا چاقىرىدۇ.

Scroll to Top