شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ يىگىرمە يىللىقىنى خاتىرلەش ۋە سىياسىي ھەرىكەت يىغىنىغا چاقىرىق قىلشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ يىگىرمە يىللىقىنى خاتىرلەش ۋە سىياسىي ھەرىكەت يىغىنىغا چاقىرىق قىلشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش
مۇھاجىرەتتىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ سەمىگە:
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى پارلامېنتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان سىياسىي ھەرىكەت يىغىنىنى، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقنى خاتىرلەش پائالىيتى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.
بۇ يىللىق پائالىيەت ئالاھىدە مۇھىم، چۈنكى بۇ پائالىيەتتە 2004-يىلى 14-سېنتەبىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ 20 يىللىقىمۇ خاتىرلىنىدۇ. بۇ يىغىن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن 20 يىلغا بېغىشلانغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەۋرەنمەس كۈرىشىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان سىياسىي ھەرىكەت يىغىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغا ئېرىشىش ۋە خىتاينىڭ داۋاملاشتۇرۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىق، قەتلىئام، مۇستەملىكە قاتارلىق جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا قاراتقان سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرۈش ۋە ئىستراتىگىيەنى تەرەققى قىلدۇرۇش سەھنىسى بولىدۇ.
«شەرقىي تۈركىستان ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى 20 يىللىق كۆرەش» دىگەن تېمىدا ئېچىلىدىغان بۇ يىغىن، شەرقىي تۈركىستان رەھبەرلىرى، سىياسىي تەشۋىقاتچىلار، ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى پائالىيەتچىلىرى ۋە خەلقئارالىق ھەمكارلاشقۇچىلارنى بىريەرگە يىغىپ، ئەركىنلىك ۋە ئادالەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.
يىغىنغا قاتنىشىشنى قارار قىلىڭ ۋە ئىلتىماسىڭىزنى 2024-يىلى 1-نويابىرغىچە ئېلخەت ئادېرسىمىز contact@east-turkistan.net كە ئەۋەتىڭ، بالدۇر تىزىملىتىشنى تەشەببۇس قىلىمىز.
ۋاقتى: 2024-يىلى 12– 13-نويابىر
ئورنى: ھىلتون باغۋەن مىھمان خانىسى – 2020 رىچموند ھايۋەي، ئارلىنگتون، VA 22202
Scroll to Top