مۇقەددەس ۋەتىنىمىز، سۆيۈملۈك تۈركىستانىمىزنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان غەرب تەرىپى رۇس قولىدا مەھكۇملۇق ۋە ئەسىرلىككە دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، شەرق قىسمى خىتاينىڭ رەزىل سىياسەتلىرى ئاستىدا زۇلۇم ۋە جەبىر – جاپا كۆرمەكتە ئىدى. شانلىق تۈرك تارىخىمىزنىڭ قارا سەھىپىلىرىنى تەشكىل قىلغان بۇ دەھشەتلىك كۈنلەر ھېچقاچان تىنچ ئۆتمىگەن، تەقدىرنىڭ جىلۋە قىلىشىنىمۇ كۈتۈپ يېتىپ باقمىغانىدى. تۈركىستان تۈركلىرى ھەر ئىمكانىيەتتىن پايدىلىنىپ ئىشغالچى كۈچلەرگە قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ تۇردى. ئەزىز ۋە شانۇشەۋكەتلىك مىللىتىمىزنىڭ ھۆر ۋە مۇستەقىل ياشاش ئارزۇسى قەدىمدىن تارتىپ قان – قېنىغا سېڭىپ كەتكەن ھۆكۈمرانلىق خاراكتېرىدىن مەنبەلەنگەن يۈكسەك ئارزۇ – ئارمانى ئىدى. نە ئامال بولسۇنكى، دۈشمەن كۈچلۈك ۋە زامانىۋى تۈستە تەييارلىقى بار ئىدى. بىز بولساق، مەھكۇملۇقنىڭ ناقولاي ۋە قىس بولغان شەرت – شارائىتلىرى تۈپەيلى ھەر تەرەپلىمە يېتىشىپ چىقىشقا ئۈلگۈرمىگەنىدۇق. ئەھۋالىمىز شۇنداق تۇرۇپمۇ بىز يەنىلا زۇلۇمغا قارشى قانلىق كۈرەشكە ئاتلاندۇق…
شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېيىنكى مەزگىللەردىكى ئىنقىلابلىرى ئۇندىن ئاۋۋالقى ئىنقىلابلارغا سېلىشتۇرغاندا غايىسى ۋە تۇتقان يولى ئېتىبارى بىلەن ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەر بولۇشىغا قارىماي، دۈشمەننىڭ كۈچ – قۇۋۋىتى ھەمدە خىتاي ۋە رۇسنىڭ ئورتاق نۇقتىسىنىڭ كوممۇنىست مەركەزلىك بولۇشى جەھەتتىن ھەر ئىككىسىنىڭ سەپنى بىر قىلىشى ئۇشبۇ كۈرەشنىڭ شەكلىنى پۈتۈنلەي باشقا بىر تۈسكە ئېلىپ كىردى. بۇ سەۋەبتىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئىنقىلابى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەھقىقلانمىقى زۆرۈر. چۈنكى مەزكۇر جەڭدە دۈشمىنىمىز خىتاينىڭ تەرىپىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن رۇسلارنىڭ نۆۋەتتىكىدەك ئارىغا قىسىلىۋېلىشى ۋە بۇ ئىككى ئەزەلىي تۈرك دۈشمىنىنىڭ كېيىنكى جەڭلەردە قولنى قولغا تۇتاشتۇرغانلىقى ئالاھىدە بىر ئىش ۋە ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ۋەزىيەتتىن بېشارەت.
شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنى يېقىندىن كۆزەتمىگەن، خەلقىمىزنىڭ ئىرادىسىنى، زۇلۇمنىڭ، ۋەھشىيلىكنىڭ ئازاب – ئۇقۇبەتلىرىنى بىزچىلىك قىينىلىپ ھېس قىلمىغان ياكى بۇلارنى بىلىشنىمۇ خالىمىغانلار ئىنقىلابىمىزنى «بىھۇدە جەڭ» ياكى بولمىسا «بىھۇدە قان تۆكۈش» دەپ ئويلىدى ۋە بىزگە «ئاپتونومىيە ۋە قانۇنىي باراۋەرلىك» تەلەپ قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشتى. ئەلۋەتتە بىز «ئاپتونومىيە ۋە قانۇنىي باراۋەرلىك» تەلەپ قىلىشنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن ئەمەلىيلىشىدىغان تەرىپىنى بۇ كۈرەشنى دەسلەپ باشلىغاندىلا بىلىپ يەتكەن ئىدۇق. ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ بىزگە بەرگەن ئاپتونومىيەسى ۋە ئۆز مىللىتىگىمۇ پايدا ئېلىپ كېلەلمىگەن جۇمھۇرىيەت ھەق – ھوقۇقلىرى تۈركىستانىمىز ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، يەنە شۇ ئاسارەت، يەنە شۇ زۇلۇم، يەنە شۇ ئىزىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. بىز بۇ كۈرەشنى بىراۋدىن تىلەپ ئېلىش ئۈچۈن قىلمىدۇق ۋە قىلمايمىز. تىلەپ ئالىدىغان ئىش بولسا، ئۇنى ئۇرۇشسىزمۇ قولغا كەلتۈرگىلى بولاتتى. ئەمما بىز بىر دەۋانى باشلىدۇق. دەۋايىمىز مۇتلەق ھالدا مىللىي قۇرتۇلۇشتۇر. دەۋا دېگەن ئىكەنمىز قان تۆكمەي، قۇربانلىق بەرمەي بولمايتتى. دەرۋەقە، ئىنتايىن ھەققانىي رەۋىشتە قان تۆكتۇق، سۆيۈملۈك ۋەتىنىمىز ئۈچۈن ئىككىلەنمەي خۇشاللىق بىلەن جان بەردۇق ۋە بۇ يولدا يەنە ئوخشاش غەيرەت بىلەن قان تۆكۈشكە تەييارمىز!
بىز مىللىي كۈرەش ھەرىكىتىمىزنى باشلىغان كۈنلەردە بىزگە «ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىش»نى تەۋسىيە قىلغان ۋە خىتايلارنى ئۇچۇرۇپ كۆككە كۆتۈرگەن، ئۇلار بىلەن يىرىكلىشىش ئەمەس، ئەكسىچە بىرلىشىشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مەسلىھەت بەرگەن غاپىللارمۇ بولدى. بىز بۇنداقلارنىڭ ئارىمىزدىن، يەنە كېلىپ شەرقىي تۈركىستانلىقلىرىمىز ئارىسىدىن چىقىپ قېلىشىنى ئەسلا خالىمىغان ۋە ھەتتا ئۇنداقلارنىڭ چىقىشىنى تەخمىنمۇ قىلمىغان ئىدۇق… بىراق، مىڭ ئەپسۇسكى شۇ بەدبەخت تاسادىپىيلىققا دۇچ كەلگىنىمىزدىن ئېچىندۇق.
ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق دەپ يۈرگەن ئىيسا بەگ ئوغلى يۈسۈپ (كېينكى تونۇلغان ئىسمى: ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىن-ت) دېگەن بىرىنىڭ «چىن تۈركىستانى ئاۋازى» دېگەن ئىسىمدا چىقارغان مەجمۇئەسىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىكى قوپال گەپلەرنى، ھەمدە بىزنىڭ غايىمىز ۋە دەۋايىمىزغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پىكىرلەر بىلەن «خىتاي مەدداھلىقى» قىلغانلىقىنى ئوقۇغىنىمىزدا ھەيران قالغان ئىدۇق. ئەمما ئۇنىڭ بولشېۋىكلەرنىڭ ۋەھشىيانە قىلمىشلىرى، ئادىمىيلىككە يات قىلغان – ئەتكەنلىرىگە دائىر بايانلىرىدىن بىر ئاز توغرا چۈشىنىپ ئۇنىڭ خىتاينى مەدھىيەلىشىنى بىرخىل ھال ئېيتىش ۋە تەسەللى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىغانىدۇق. بىراق ئارىلىقتا ئۇ «ئۇرۇش خەۋىرى» ناملىق مەجمۇئەسىنى چىقىرىپ ئۆزىنىڭ ئەپت – بەشىرەسىنى مەيدانغا ئاشكارا قىلدى. ئىيسا ئىسىملىك يولدىن چىققان بۇ ساتقۇن شەرقىي تۈركىستانلىقلار نامىدا سۆزلەپ بىزنى بەكمۇ نومۇسقا قويدى. دادىسىنىڭ خىتاي كادىرى بولغانلىقى سەۋەبلىك «بىك» ئاتىقىنى قوللىنىپ يۈرگەن بۇ خىتايپەرەسنىڭ يالغۇز خىتاي بىلەنلا ئەمەس، داھىيسى بولغان جىياڭ جېشىدىن كېيىن رۇس بولشېۋىكلىرى بىلەنمۇ بىرلىشىپ كەتكەنلىكى شۈبھىسىز ئىدى.
بىز بۇ نومۇسسىز «خىتاي ۋەتەنپەرۋىرى»نىڭ مىللىي دەۋايىمىزغا جىددىي مەنىدە خەتەرلىك ئۇنسۇر ئىكەنلىكىنى ئويلاپ تۇرغىنىمىزدا (بۇ مەزگىل 1938.03.11/ كۈنلىرى ئىدى) نەسىل – نەسەبى ئۆزىگە ئوخشاش گۇمانلىق بىرسى بىلەن بىرلىكتە ھىندىستانغا كەلدى. مەتبۇئاتتا قىلىپ كەلگەن پروپاگانداسىنى ۋە «خىتاي ۋەتەنپەرۋەرلىكى»نى ئۆزى بىر قوللۇق يۈرۈتۈشنى ۋە بۇنى شەھەرمۇشەھەر كېزىپ ئاڭلىتىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ تا خىتايدىن ھىندىستانغىچە يېتىپ كەلگەن بۇ ئىيسا تەپتارتماستىن ماڭا خىتايغا قايتىشنى ئېيتىپ ئۇ يەردە ماڭا بېرىلىدىغان بۈيۈك مەنسەپ – مەۋقەلەرنى سالا قىلىپ تۇردى. ئۇنىڭ بۇنداق قىزىقتۇرۇشلىرىمۇ ئەسلىدە ئۇنىڭ چاكىنا بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ئىدى.
سۆيۈملۈك ۋەتىنىمدە ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىمگە، ھەمدە ئەزىز يۇرتداشلىرىمنىڭ سەمىمىي تىلەك ۋە ئارزۇ – ئارمانلىرىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان مىللىي يولۇمغا توغرا كەلمەيدىغان ۋە تامامەن زىت بولغان بۇ تەكلىپكە مېنىڭ بېرىدىغان جاۋابىممۇ ئېنىق ئىدى. ئەزىز ۋەتەن ئەۋلادلىرىنىڭ مۇبارەك قانلىرىغا بىھۆرمەتلىك قىلىش ئەقلىمدىن كەچكەن ئەمەس. شۇنداقلا بۇ يولدا يۈرگەنلەرنىڭ ئوخشاش سەمىمىيەت ۋە ئارزۇ – ئارمان بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى ماڭا ئايان، ھەمدە شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ۋەتەندىن چەتئەلگە چىققانلىقىم ھەرگىزمۇ كۈرەش قىلىشتىن قاچقانلىقىمدىن، قانداقتۇر كېيىنچە يەنە خىتايغا قايتىپ مەنسەپ ۋە ماقام ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس. كۈرەش ھاياتىمدا مەن بىلەن يانمۇيان سەپ تۇتقان دوستلىرىمغا مەلۇمكى، مەن ھېچقاچان ماقام ئۈچۈن «مىللىي غورۇرۇم»نى ساتمىدىم. مەنسەپ تۇتقىنىمدىمۇ سەمىمىي ھالدا «مىللىي مەپكۇرەم»دە چىڭ تۇردۇم. ۋەتەن ۋە مىللىتىمگە قارشى بۇرچۇم ھەمدە كۈرەشكە ئاتلانغان ۋاقتىمدا ئىچكەن قەسەميادىم ئەبەدىي ۋە ئىزچىلدۇر. ئىيسا ۋە ئۇنىڭغا ئوخشىغان پەسەندىلەر ياخشى بىلسۇنكى، بۇ ئىنقىلاب ئەمدى ئۆزىنىڭ تېگىشلىك نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرمىگۈچە توختاپ قالمايدۇ. ئۇنىڭ قەھرىمان ئەركەكلىرى مەپكۇرەۋى ساھەدىن ئورۇن ئېلىپ بولغان. ئەمدى ئۇلار بۇ جەڭدىن تاكى مەقسەتكە يەتمىگۈچە توختاپ قالمايدۇ، ماڭغان يولىدىن ئەسلا قايتمايدۇ.
ئىيسا ھەقىقەتەن خاتا ئادرېسقا كېلىپ قالغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. ئەمدى ئۇ باشقا يولنى سىناپ كۆرۈشكە باشلىغانىدى. ئۇ خوجايىنى بولغان بومبايدىكى خىتاي كونسۇلى بىلەن بىرلىشىپ تەھدىت قىلىش ئۇسۇلىنى قوللاندى ۋە بىرىتانىيە – ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە چېقىشتۇرۇپ بىزنى ھەپسىگە ئالدۇردى…
بىزنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرغان ئىشلاردىن بىرى دەل مۇشۇ ئىش بولغان ئىدى. ئۆلۈمدىن قورقمىغان، ئەڭ نازۇك ۋە سەزگۈر ئىشلاردىمۇ تەمكىن تۇرغان بىز كەبى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ سەمىمىيىتىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى كۈتۈلۈۋاتقان ئاتالمىش «جەنتىلمەن بىرىتانىيە» تۈرلۈك مۇراجىئەتلىرىمىز تۇرسىمۇ، سەۋەب ۋە باھانە كۆرسىتىشتە پۈتۈنلەي چېقىمچىلىققا ئاساسلانغان ھالدا بىزنى يىگىرمە سەككىز كۈن قاماپ قويدى ۋە بىزنى ھىندىستاندىن چىقىپ كېتىش شەرتى بىلەن قويۇپ بەردى. ئەگەر بىزنى قاماققا ئالغانلار بىز قارشى تۇرۇۋاتقان خىتاي ياكى رۇس ھۆكۈمەتلىرى بولغان بولسا ئىدى، ئانچە ھەيران قېلىپ كەتمەس ئىدۇق. سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىشىمىزمۇ بىزگە مېھمان سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشىدىن، چىرايلىق رەۋىشتە كۈتۈۋېلىشىدىن باشقا تەلەپ كۈتۈلمىگەن بىرىتانىيە – ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى رۇسنىڭ يۈزىنى قىلغانلىقىدىنمۇ ياكى خىتايغا خۇشامەت ئىپادىسى بىلدۈرۈشتىن بولغانمۇ، بىلەلمەي قالدۇق…
ھەقىقەتەن تەرەپسىز دەپ بىلگەن ئىنسانلىرىمىزنىڭ تەرەپبازچە بىر تۈستە ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ئېچىندۇق. بولمىسا بىز ئۇنداق ھادىسىلەردىن قورقۇپ يولىدىن ۋاز كېچىدىغانلاردىن ئەمەس. تومۇرىمىزدا ئېقىۋاتقان قان بىزنىڭ ئاڭ – تۇيغۇلىرىمىز، ئىرادىمىزدۇر. دوست – دۈشمەنلىرىمىز شۇنى بىلىپ قېلىشسۇنكى، بىز بەلگىلىك نىشان ۋە مۇئەييەن غايە بىلەن كېتىۋاتىمىز. شۇڭا بىزنىڭ بۇ تەبىئىي غايىمىزگە قارشى تۇرغانلارنى دۈشمەن دەپ بىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. شۇنى ئېنىق قىلماي بولمايدۇكى، دۈشمەنگە دوست بولغانلار بىزگە دوست بولالمايدۇ. بىز ئىشغالچى ئەمەس، ئەكسىچە ئىشغالچىلارغا قارشى مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىماقچى بولغان بۈيۈك بىر مىللەتنىڭ ئەزالىرىمىز. كاشكى، ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالغانلارغا قارشى كۈرەشلىرىمىزگە ئارىلىشىۋالغانلار، توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلار ۋىجدانلىق مىللەتلەردىن چىقمىغان بولسا…
بىزنىڭ بۇ كۈرىشىمىز ئىمانىمىزنىڭ تىمسالىدۇر. قورقاقلىق بىزگە يات بىر ئۇقۇمدۇر. يولىمىز ئېنىق، غايىمىزمۇ ھەم ئېنىق ۋە ئوچۇق. مىللىي غايىمىزدىن ۋاز كەچكىنىمىز دۈشمەن بىلەن بىرلەشكىنىمىزگە باراۋەر!
ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى يۇرتداشلار ۋە كۈرەش يولىدىكى قېرىنداشلىرىمغا دەيدىغان ئاخىرقى سۆزۈم: مۇقەددەس غايىمىز ئۈچۈن ھارماي – تالماي ئاخىرىغىچە خىزمەت قىلىش، قەيتسىز ۋە شەرتسىز ھالدا ۋەتەن – مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدا ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك قۇتلۇق بىر شەكىلدە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئاتلىنىشتۇر.
شەرقىي تۈركىستان تۈرك ۋەتىنىدۇر. ئۇنىڭ ئىسمىغا لايىق بىر دۆلەت بولۇشى ئۈچۈن ئەستايىدىل خىزمەت قىلماق بارچىمىزنىڭ زىممىسىدىكى بۇرچتۇر.
(1939 – يىلى 2- ئاينىڭ 24- كۈنى، شەھرى بومباي)
«ياش تۈركىستان» مەجمۇئەسى، 1939 – يىل (ھىجرىيە 1358 – يىلى)، 112 – سان.
[«ئۇيغۇرچە»دىن «ئۇيغۇرچە»گە ئاغدۇرغۇچى: بۇرھان مۇھەممەد]