ئۆتۈپ كىتەيلا دەپ قالغان 2023 – يىلىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مۇستەملىكىچىلىك ۋە ئىشغالىيەت ئىزچىل داۋاملاشقان ۋە ئېغىرلاشقان بىر يىل، بۇ ئويلىنىش ۋە يېڭىلاش ۋاقتى. بۇ يېڭى يىلدىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈرك خەلقلىرىنى نىشان قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئەسلەپ تۇردۇق. ۋەزىيەت تېخىمۇ يامانلاشتى، ئەمما خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئارىلىشالماسلىقى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەسەبىيلەرچە كۈچەيتمەكتە.
شۇڭا، بۇ خىل زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان، ئەركىنلىكىمىز ۋە مۇستەقىللىقىمىز تارتىۋېلىنغان، ئىشغال قىلىنغان ئېغىر ئادالەتسىزلىك ئالدىدا «يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن» دېيىشتىن ئاجىزمىز. بىزنىڭ يېڭى يىللىق ئۇچۇرىمىز خەلقىمىزنىڭ قايغۇسى ۋە داۋاملىشىۋاتقان زىيانكەشلىك ۋە ئازادلىققا بولغان سېغىنىش ئازابى بىلەن توشتى.
قانداقلا بولمىسۇن، بۇ زۇلمەتلىك زامانلاردا، بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۈمىد ۋە قەيسەرلىك روھىنى ساقلاپ قېلىش. بۇ كۈچلۈك مەنىۋى بايلىق دۈشمەنلىرىمىز ئۆچۈرمەكچى بولغان نەرسە، ئەمما بىز ئۇلارغا يول قويمايمىز. بىز ھۆر ۋە مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستاندا يېڭى يىلنى تەبرىكلەش ئارزۇسى ۋە تىلەكلىرىمىزدىن ۋاز كەچمەيمىز.
شۇڭلاشقا، سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز خەلقئارا جەمئىيەتنى «ھەرگىز قايتىلانمايدۇ» دېگەن ۋەدىسىگە ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز. بۇ دۇنيانىڭ تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغان ۋاقتىدۇر. بىز دۇنيا رەھبەرلىرى ۋە دۆلەتلەردىن خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشىنى ۋە بىزنىڭ ئازادلىق كۈرىشىمىزنى قوللىشىنى تەلەپ قىلىمىز.
2024 – يىلى دۇنيانىڭ ئادالەت ۋە شەرقىي تۈركىستان ئازادلىقى ئۈچۈن ئىتتىپاقلاشقان يىلى بولسۇن. خەلقىمىزنىڭ ئازاب – ئوقۇبەتلىرى ئېتىراپ قىلىنغان ۋە ھەل قىلىنغان بىر يىل بولسۇن! ھۆر، مۇستەقىل ۋە گۈللەنگەن شەرقىي تۈركىستاندا چىن دىلىمىزدىن «يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن» دېيەلەيدىغان كەلگۈسىگە يول ئىچىلغان بىر يىل بولسۇن.