شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىتىراپ قىلىش ۋە خاتىرىلەش كۈنىدىكى باياناتنامە

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى رەئىسى دوكتور مەمتىمىن ئەلانىڭ باياناتى

بۈگۈن 2025 – يىلى 1 – ئاينىڭ 19 – كۈنى، بۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن مۇھىم ئەمما تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولغان «شەرقىي تۈركىستان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىتىراپ قىلىش ۋە خاتىرىلەش كۈن»دۇر. بىز بۇ كۈننى خەلقىمىزنىڭ قەيسەرلىكى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانى ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئېغىر زوراۋانلىقىغا قارشى ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان كۈن سۈپىتىدە خاتىرىلەيمىز.

75 يىل ئىلگىرى، يەنى 1949 – يىلى 10 – ئاينىڭ 12 – كۈنى، خىتاي كومپارتىيىسى شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرىپ، 1949 – يىلى 12 – ئاينىڭ 22 – كۈنى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. 2014 – يىلى مايدا خىتاي دىكتاتورى شى جىنپىڭ ئىرقىي قىرغىن قىلىش مۇددىئاسىنى ئاشكارلاپ «ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىش، ئەجدادلىرىنى ۋە ئەۋلادلىرىنى ۋەيران قىلىش، قان سىستېمىسىنى بۇزۇش، يىلتىزىنى قۇرۇتۇش، ئالاقىنى ئۈزۈۋېتىش، نەسەبىنى ئۈزۈپ تاشلاش…  ئۇلارغا قەتئىي رەھىمشەپقەت قىلماسلىق» يول يورۇقى بەرگەن ئىدى. بۇ قورقۇنچلۇق گەپلەردىن كېيىن تىلغا ئالغۇسىز قىلمىشلار ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ.

2025 – يىلغا قەدەم قويغان بولساقمۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈرك خەلقلىرىگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق تېخىچە داۋاملاشماقتا. مىليونلىغان كىشىلەر ھازىرقى زامان جازا لاگېرلىرىدا تۇتقۇن قىلىنغان، مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق قۇل قىلىنغان ھالەتتە قەبىھ زوراۋانلىققا ئۇچرىماقتا. 580 مىلىيوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك خەلقلىرىگە بەش يىلدىن تارتىپ ئۆمۈرلۈكگىچە قاماق جازاسى بېرىلدى، بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان دۇنيا بۇيىچە تۈرمىدە يېتىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت بولۇپ قالدى. نەچچە يۈزمىڭلىغان ئاياللار مەجبۇرىي تۇغماس قىلىندى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ئائىلىگە بولغان پۈتۈن ھوقۇقلىرى تارتىۋېلىندى.

بىر مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى جازا ئورۇنلىرىغا سولانغان بولۇپ، ئۇلار خىتايلارنىڭ ئېتنىك، مەدەنىي ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقىتىش مەقسىتىدىكى ئاسسىمىلياتسىيە تەربىيەسىگە ئۇچرىدى. 3 مىليون 700 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە تۈركىي بوۋاقلار مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىلدى، مىراسلىرىمىزنىڭ تۈۋرۈكى بولغان 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋەيران قىلىندى. مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە تۈركىي ئاياللار دۆلەت كىملىكىمىزنى يوقىتىش ئۈچۈن ياللانغان باسقۇنچى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاندى.

مەدەنىيەت، تىل ۋە دىنىي پائالىيەتلىرىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش سىستېمىلىق ۋە قەستەن ئېلىپ بېرىلماقتا. تولىمۇ ئېچىنىشلىقى، مۆلچەرلىنىشىچە، ئاز دېگەندە 150مىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەت ياشلىرى پەقەتلا ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئۈچۈنلا ئۆلتۈرۈلگەن،ئۇ بىگۇناھ ياشلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ۋە قانلىرى قارا بازاردا سېتىلىپ، بېيجىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ كىرىم مەنبەلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇرۇلغان.

بىز يەنە 2021 يىلى 1 ئاينىڭ 19 – كۈنىدىكى ھالقىلىق پەيتنى ئەسلىشىمىز كېرەك، ئەينى چاغدىكى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ چاغدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ ئىشغال قىلىنغان شەرقىي تۈركىستاندىكى زوراۋانلىقنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ رەسمىي بېكىتكەن. بۇ تارىخى تونۇش خەلقىمىزنىڭ ئازاب – ئوقۇبەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىشتىكى ھالقىلىق بىر قەدەمنى كۆرسەتتى. بىز پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئەتە يەنى 2025 – يىلى 20 – يانۋاردىن باشلاپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز، ھەمدە تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «ھەرگىز قايتا يۈز بەرگۈزمەسلىك» ۋەدىسىنى ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

بىز ترامپ ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغانلىقى ۋە مۇستەملىكە قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئەيىبلەش ئارقىلىق بۇ ۋەھشىيلىكنىڭ تۈپ سەۋەبىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىمىز. شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىنغان دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىش ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈرىشىنى قوللاش بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھەقىقىي ئاخىرلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق، ئىززەت-ھۆرمىتىمىز ۋە مەۋجۇتلۇقىمىزنى قوغداشنىڭ بىردىنبىر يولى.

بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق پەقەت شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن پاجىئە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق. ئۇ ئېتىراپ قىلىشلا ئەمەس، بەلكى قەتئىي ھەرىكەت تەلەپ قىلىدۇ. بىز خىتاينىڭ يوقىتىش ھەرىكىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى ئەسلىگىنىمىزدە، ئامېرىكىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنى ۋە بارلىق ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان دۆلەتلەرنى ھەل قىلغۇچ تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىمىز:

1. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قانۇنسىز ئىشغال قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى رەسمىي ئەيىبلەش لازىم.

2. خەلقئارا سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق خىتاينى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەك.

3. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىن ھالدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە مۇستەقىللىق ھوقۇقىنى قوللاش، خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، مەۋجۇتلۇقى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش زۆرۈر.

باياناتلارلا يېتەرلىك ئەمەس. قىلىنغان سۆز خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھاكىمىيىتىگە جەڭ ئېلان قىلىدىغان، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئادالەت ۋە ئىززەت – ھۆرمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللايدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن ماسلىشىشى كېرەك

بۈگۈن دۇنياغا ئەسكەرتىش بولسۇنكى: سۈكۈت قىلىش زۇلۇمغا شېرىكلىكتۇر، ھەرىكەتسىزلىك بۇ جىنايەتلەرنىڭ داۋاملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كەلگۈسى خەلقئارانىڭ ئادالەتكە بەرگەن ئورتاق ۋەدىسىدە تۇرىشىغا باغلىق. بىز بىرلىكتە زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازاب ئوقۇبەتلىرىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلالايمىز. شۇنداق ئىكەن، بۇ خەلقنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئەسلىمىسى بىزنىڭ كوللىكتىپ ئىرادىمىزنى ئۇرغۇتۇپ تۇرسۇنكى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئەركىن ۋە مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستاننى يەنە بىر قېتىم كۆرۈش ئۈچۈن تىرىشايلى.

ئېھتىرام بىلەن،

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى دوكتور مەمتمىن ئەلا

Scroll to Top