شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 28 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى رەئىسىنىڭ باياناتى

 

بۈگۈن بىز غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 28 يىللىقىنى خاتىرلىمەكتىمىز. بۇ كۈن پاجىئەگە تولغان،  ۋە چىدام-غەيرەتكە سېمۋول بولغان بىر كۈن. شۇنداقلا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە  قارىتا ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى روشەن ئەسلىتىدىغان كۈن.

 1997-يىلى 5-فېۋرال مىڭلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر  ئىككىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخىي پايتەختى غۇلجا شەھىرىدە يىغىلىپ، خىتاينىڭ مۇستەملىكە ھاكىمىيىتى، دىنىي زۇلۇم، سىستېمىلىق كەمسىتىش ۋە زوراۋانلىقىغا قارشى تىنچ نامايىش يولى بىلەن ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە تۈپ ھوقۇقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي ئىشغالچىلىرى ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇشقا  باشلىدى ۋە  قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق  نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ، يۈزدىن ئارتۇق  كىشىنى نەق مەيداندا رەھىمسىزلەرچى قىرغىن قىلدى. مىڭلىغان كىشى قولغا ئېلىندى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تۈرمىدە قىينىلىپ ئۆلۈپ كەتتى، يەنە بەزىلىرى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. سانسىزلىغان ئائىلىلەر ۋەيران بولدى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى غايىب بولدى، ئۇلارنىڭ پەرياتلىرى بېيجىڭنىڭ تۆمۈر تاپىنى  ئاستىدا تۇنجۇقتۇرۇلدى.

 غۇلجا قىرغىنچىلىقى پەقەتلا بىر قورقۇنچلۇق ۋەھشىي ۋەقە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خىتاي ئىشغالىيەتچى ئارمىيەسى بۈگۈنكى كۈندە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بېشارىتى  ئىدى. 1997-يىلىدىكى قىرغىنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇستەملىكە سىياسەتلىرى بۈگۈنكى كۈندىكى ئومۇميۈزلۈك ئېتنىك قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك، كەڭ كۆلەملىك قۇل قىلىش، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە دۆلەت قوللىشى بىلەن باسقۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىگە يول ئاچتى.

دۇنيا 1997-يىلى (خىتاينىڭ غۇلجىدىكى قىرغىنچىلىقىغا قارشى) ھەرىكەت قىلماي، قول قۇشتۇرۇپ قاراپ تۇردى. بۇ مەغلۇبىيەت سەۋەبىدىن خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى كۈچەيتتى. بۈگۈنكى كۈندە، مىليونلىغان  ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈركىي   خەلقلەر جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەردە قامىلىپ مەدەنىيىتى، كىملىكى ۋە ئىنسانىلىقى يوقىتىلماقتا، پەرزەنتلىرى ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي تارتىۋېلىنماقتا، مەۋجۇتلۇقى تەھدىتكە ئۇچرىماقتا.

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ھىندىستان، ياپونىيە، ئەنگلىيە ۋە بارلىق ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىش ۋە تاشقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قوللاش ئارقىلىق داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تۈپ سەۋەبىنى ھەل قىلىشقا چاقىرىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك جازالاش، قانۇنىي جاۋابكارلىقى ۋە دىپلوماتىك بېسىم ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مۇستەملىكىچىلىكىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىش ئەخلاقىي ۋە قانۇنىي مەجبۇرىيىتى بار.

بىز غۇلجا قىرغىنچىلىقىدىكى شېھىتلەرنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز ۋە ئۇلارنىڭ قان قىساسىنىڭ ئۇنتۇلمايدىغانلىقىغا قەسەم قىلىمىز. ئۇلارنىڭ كۈرەش روھى بىزنىڭ ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈرىشىمىزدە داۋاملىشىۋاتىدۇ.

گەپ- سۆز بىلەن كۆڭۈل ئاۋۇندۇرشنىڭ ۋاقتى ئۆتتى.پەقەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ تولۇق ئازاد بولۇشىلا ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالايدۇ.

 

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى
 دوكتور مەمتىمىن ئەلا

Scroll to Top