شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

TRIBUNE خەۋىرى- سۈرگۈندى ھۆكۈمەت Oracle نى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا شېرىك» دەپ ئەيىبلەيدۇ ۋە ئامرىكىنىڭ دەرھال تەدبىر قوللىنىپ جازا يۈرگۈزىشىنى تەلەپ قىلىدۇ

تۆۋەندىكى ماقالە ئەڭ دەسلەپتە The Tribune تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان، سۈرەت مەنبەسى: The Tribune


شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا جايلاشقان تېخنىكا ماگناتى Oracle شىركىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، خىتاي كومپارتىيەسى ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشغال قىلىنغان شەرقىي تۈركىستاندا يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت مىخانىزمى قۇرۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك مىنىستىرى سالىھ خۇدايار ئېلان قىلغان باياناتتا: «ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈشتە ئوراكېل تېخنىكىسى ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى» دېدى.

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، پاكىتلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى، Oracle نىڭ يۇمشاق دېتال ۋە قاتتىق دېتال سىستېمىسى خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئۇل – ئەسلىھەلىرىگە زور تۆھپە قوشقان بولۇپ، خىتاي كەڭ كۆلەملىك جازا لاگېرلىرى، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايەتلىرى ، مەدەنىيەتنى يوقىتىش ھەرىكىتى ۋە مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى سىستېمىلىق قىرغىن قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

سالىھ خۇدايار: «بۇ قوراللار نوپۇسنى كۆزىتىش، ئالدىن مۆلچەرلەش ۋە پۈتكۈل مەھەللىلەرنى خالىغانچە نازارەت قىلىپ، تۇتۇپ تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قولايلىق يارىتىپ بەردى» دېدى.

سالىھ خۇدايار Oracle نىڭ ھەرىكىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇ شىركەتنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن كەڭ كۆلەملىك توختاملارنى تۈزگەنلىكىنى ئەيىبلەپ:

«ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مىلياردلارچە دوللارلىق توختاملىرىدىن پايدا ئالغان بىر ئامېرىكا شىركىتىنىڭ دەۋرىمىزدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىرىنى تېخنىكىلىق تايانچ كۈچى بىلەن تەمىنلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ پەقەتلا سودا ئەمەس. ئۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە شېرىك بولۇشتۇر» دېدى.

ETGE ئامېرىكا پارلامېنتى، تىرامپ ھۆكۈمىتى ۋە ئىتتىپاقداش ھۆكۈمەتلەرنى Oracle نىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىخەتەرلىك ھەرىكىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى دەرھال تەكشۈرۈشكە ۋە قاتتىق تەدبىر قوللىنىشقا دەۋەت قىلدى. بۇ چاقىرىقتا Oracle نى جازالاش ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي نازارەت دۆلىتى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

سالىھ خۇدايار ئەمەلىي ھەرىكەت قىلالماسلىق ساختىپەزلىكنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئەخلاقىي نوپۇزى شۇنداقلا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سالىھ خۇدايار «سۈكۈت ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت قىلماسلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ شېرىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى تاجاۋۇز، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇمغا قارشى قەتئىي مەيداندا تۇرۇشقا چاقىردى.

سالىھ خۇدايار: «دۇنيا زالىمغا يانتاياق بولماي، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھالىغا يېتىشى كېرەك» دېدى. (ANI)

Scroll to Top