شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى
تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىشنى مەقسەت قىلغان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى شەكىللىنىشكە باشلىدى. بىر نەچچە يىللىق مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، بۇ نىشان 1933-يىلى 12-نويابىر قەشقەردە بىرىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ (1933-يىلى 12-نويابىردىن 1934-يىلى 16-ئاپرېلغىچە) قۇرۇلۇشى بىلەن قىسمەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 1933-يىلى 11-نويابىر ئاخشىمىدا، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 16 نەپەر مىنىستىرى بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق جەمئىيىتى (ETIA) تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنغان كۆك بايراقنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت بايرىقى سۈپىتىدە بىردەك قوبۇل قىلدى.
كۆك بايراق يەنە ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ (1944-يىلى 12-نويابىردىن 1949-يىلى 22-دېكابىرغىچە) دۆلەت بايرىقى سۈپىتىدە ئىشلىتىلدى. 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستان تاجاۋۇزچى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن تارتىپ، بۇ بايراق خىتاي ئىشغالىيەتچى كۈچلىرى تەرىپىدىن چەكلەندى.
#0099FF شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بايراقنىڭ رەسمىي رەڭ كودىدۇر.
شەرقىي
تۈركىستان دۆلەت بايرىقىنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش
كۆك رەڭ
(ئارقا كۆرۈنۈش) ئاسماننىڭ رەڭگىدىن ئېلىنغان بولۇپ، تۈرك مەدەنىيىتىدە ئاسمانغا
ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاساسلىق رەڭدۇر، ماھىيەتتە بۇ كۆك رەڭ تۈركلەرگە ۋەكىللىك
قىلىدۇ.
كۆك رەڭ يەنە
كۆكتۈرك قاغانلىقىنىڭ (ئىمپېرىيىسىنىڭ) بايرىقىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ رەڭ
نۇرغۇنلىغان تۈرك ئىمپېرىيىلىرى ۋە مىللىي دۆلەتلىرىنىڭ بايرىقىدىمۇ تېپىلغان. يېرىم ئاي غەلىبە قىلىش (يېڭىلمەسلىك) ئۇقۇمىغا ۋەكىللىك
قىلىدۇ ۋە ئۇ جەزمەن بىر ئىسلامىي سىمۋول بولۇشى ناتايىن؛ ئەمەلىيەتتە يېرىم ئاينى
ئىسلام دۇنياسىغا تۇنجى بولۇپ تۈركلەر تونۇشتۇرغان. يۇلتۇز تۈرك مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇ يەنە ئاق ھون
(ئەفتالىتلار) ئىمپېرىيىسى ۋە باشقا ھەر خىل تۈرك ئىمپېرىيىلىرى ۋە دۆلەتلىرىنىڭ
بايرىقىدىمۇ ئۇچرايدۇ. شۇنىمۇ
ئەسكەرتىش كېرەككى، بۇ كۆك بايراق ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي
ئىشغالىيىتىدىن ئازاد بولۇشى ۋە مۇستەقىللىقى يولىدا قۇربان بولغان 250،000 دىن
ئارتۇق شېھىدنىڭ قېنى بەدىلىگە قولغا كەلگەن. كۆك بايراق شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن مىللىي
مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولىدۇر.
National Flag of East Turkistan
Historical Background
During the start of the 20th century, a national awakening movement began to take shape in East Turkistan which sought to restore the independence of East Turkistan and liberate it from Chinese occupation. After several years of waging a War of National Liberation, this goal was partially realized on November 12, 1933 with the establishment of the first East Turkistan Republic (November 12, 1933- April 16, 1934), in Kashgar. It was on the eve of November 11, 1933 that the sixteen ministers of the RET would unanimously accept the Kök Bayraq (Blue Flag), which had been proposed several months earlier by the East Turkistan Independence Association (ETIA), as the national flag of East Turkistan.
The Kök Bayraq [Blue Flag] was also used as the National Flag of the second East Turkistan Republic (November 12, 1944 – December 22, 1949). Since the occupation of East Turkistan by the People’s Republic of China in 1949, the flag has been banned by Chinese occupational forces.
#0099FF is the official color code for the flag as designated by East Turkistan Government in Exile.
Explanation of the Symbolism of East Turkistan’s National Flag
- The blue color (background) is taken from the color of the sky and is a predominant color in Turkic culture that represents the sky, essentially the blue represents Turks.
- The blue color also comes from the flag of Köktürk Khaganate (Empire) and the color has also been found on the flags of numerous Turkic empires and nation states.
- The crescent represents the notion of being victorious (undefeatable) and is not necessarily an Islamic symbol, in-fact it was the Turks that introduced the crescent into the Islamic world.
- The star represents the Turkic nation, it is also found on the flag of the White Hun (Hephthalite) Empire and various other Turkic empires and states.
- It should also be noted that this Blue Flag was initially earned with the blood of over 250,000 martyrs who died in the path of liberation and independence for East Turkistan from Chinese occupation.
- The Blue Flag is the symbol of national independence and freedom for the people of East Turkistan.