اش مىنىستىر سالىھ خۇدايار يېڭى يىللىق سالام ۋە تەبرىكلىرىنى يوللايدۇ ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرگە تېنچ-ئاسايىشلىق، گۈللىنىش تىلەيدۇ.
تولۇق تېكىستى :
2019-يىلى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. بۇ يىل شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ۋە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى تەس بىر يىل بولدى. بىراق 2019 -يىل ھەم شەرقىي تۈركىستان بىلەن خوڭكوڭ خەلقىگە ئۈمىت ئېلىپ كەلگەن بىر يىل بولدى. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى دۆلەت مەجلىسى- خوڭكوڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە دىموكراتىيە قانۇنىنى تەستىقلىدى. نەچچە ئايدىن كىيىن ئاۋام پالاتا ئۇيغۇر قانۇنىنى تەستىقلىدى.
مەسۇت ئۆزىل، سوننىي ۋىللىيامسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن داڭلىق شەخسلەر، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلىمىغا قارشىلىق بىلدۈردى. كۆپلىگەن گۇرۇپپىلار خىتايغا قارشى چوڭ كۆلەملىك نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇردى.
تېخىمۇ كۆپ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆز سەرگۈزەشتلىرىنى ئورتاقلىشىشى ئارقىسىدا تور ئاكتىۋىزىمى( پائالىيىتى) زورايدى. پۈتۈن دۇنيادىكى دوستلىرىمىز دەۋايىمىزغا قىممەتلىك تەتقىقاتلارنى تەقدىم قىلدى. بۇنىڭدىن سىرت، شەرقىي تۈركىستان مىللى ئويغىنىش ھەرىكىتى-يۈزلىگەن كوئوردىناتلار ئارقىلىق دۇنياغا مەسلىنىڭ ھەقىقى كۆلىمىنى كۆرسىتىپ بەردى.
ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى كاتىپى پومپېئو ئەپەندى، ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې، مالايسىيا باش مىنىستىرى مۇھەممەت ماھاتىر ئەپەندىلەر ئوچۇق بايانات بەرگەن دۇنيا لىدىرلىرى جۈملىسىدىن. پۈتۈن دۇنيادىكى مۇخبىرلارنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي خەۋەر بىرىشى نەتىجىسىدە، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان يوسۇندا تونۇتۇلدى.
شۇ ۋەجىدىن، شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە ۋەكالىتەن، دەۋايىمىزنىڭ يۈكسىلىشىگە تۆھپە قوشقان بارلىق كىشىلەرگە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.
2020-يىلىدا، تېخىمۇ كۆپ دۇنيا لىدىرلىرىنىڭ، تېخىمۇ كۆپ داڭلىقلارنىڭ، تېخىمۇ كۆپ مۇخبىرلارنىڭ، پۈتۈن دۇنيادىكى جامائەت بىلەن بىرلىكتە، خىتاي مۇستەملىكىسى بىلەن زۇلىمىدىن قۇتۇلۇپ ھۆرلۈككە ئېرىشىش يولىدىكى تېنچلىق كۆرىشىمىز سېپىگە قوشۇلۇپ بىزنى قوللىشىدىن ئۈمىدۋارمىز ۋە دۇئا قىلىمىز. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنى ئۇيغۇر قانۇنى تېز ئارىدا تەستىقلىشىنى ئىلتىماس قىلىمىز ۋە پىرىزىدىنتنىڭ ئىمزا قويۇپ رەسمى قانۇن قىلىشىغا، تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇنلارنىڭ چىقىشىغا، تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەرگە چاقىرىق قىلىمىز. پۈتۈن دۇنيادىكى باشقا ھۆكۈمەتلەرنى ئامېرىكىنى ئۈلگە ئېلىشقا دەلالەت قىلىمىز.
2020-يىلىدا شەرقىي تۈركىستانغا شۇنداقلا خىتاي مۇستەملىكىسى بىلەن زۇلىمى ئاستىدىكى بارلىق تۇپراقلارغا ئازاتلىق نىسىپ بولسۇن دەپ دۇئا قىلىمىز. شۇنداق ئارزۇ ۋە دۇئا قىلىمىزكى، 2020 يەرشارىدىكى پۈتۈن ئىنسانلارغا تېنچلىق ۋە گۈللىنىش نىسىپ بولىدىغان بىر يىل بولسۇن.
يېڭى يىل مۇبارەك !