30. نومۇرلۇق قارار
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرريىتىنىڭ نازىرلار (مىنىستىرلار) ھەيىتىنىڭ پەۋقۇلاددە يىغىنى
1934. يىلى مارت ئېيىنىڭ 2.كۈنى سا’ئەت 10دا
يېڭىسار شەھرىدە
قاتناشقۇچىلار:
1. باش ۋەكىل سابىت ئابدۇلباقى ئەپەندى
2. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاسىمخان ھاجى ئەپەندى
3. ئەدلىيە مېنىستىرى زېرىپ قارى ئەپەندى
4. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سە’ئىدزادە يۇنۇسبەگ
5. سەھىيە مېنىستىرى ئابدۇللاھ ئىشان خوجا خالىق ئەپەندى
6. دۆلەت مۇداپى’ئە مىنىستىرى ۋە ئالى باشقۇماندان مۇ’ئاۋىنى سۇلتانبەگ بەختىياربەگ
7. ما’ئارىپ مېنىستىرى ئابدۇلكېرىمخان مەخدۇم ئەپەندى
8. مالىيە مېنىستىرى ئەلى ئاخۇنباي ئەپەندى
9. مالىيە مېنىستىرى مۇ’ئاۋىنى مۇھەممەد ھاجى مەخدۇمزادە
10. ۋەقپىلەر مېنىستىرى شەمسىدىن تۇردى ھاجى ئەپەندى
11. تىجارەت مېنىستىرى سالىھبەگ ئىنسۇددىن زادە
12. خوتەن ئەمىرى نۇر ئەھمەد ئەپەندى
13. بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنت) كاتىبى سۇفى زادە
14. ئىستىقلال جەمىيىتىدىن مۇساجان ئەپەندى
15. ئۇرۇش قۇماندانلىق مەركىزى ۋە ھەربى قۇماندانلىق شىتابىدىن بارلىق قۇماندانلار بۇ يىغىنغا قاتناشتى
بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر:
بۇ يىل 2.ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا جۇمھۇر رە’ئىسى خوجا نىياز ھاجى رۇسىيەگە بېرىپ ئۆركەشتامدا سوۋىت ھۆكۈمىتى بىلەن توختام تۈزگەنلىكى ھەققىدە باش ۋەكىل سابىت ئابدۇلباقىنىڭ دوكلاتى:
خوجا نىياز ھاجىنىڭ باش ۋەكىل سابىت ئابدۇلباقى ئەپەندىگە ۋە بارلىق مىنىستىرلار كابېنتىغا 1934.يىلى 2.ئاينىڭ 25.كۈنى يوللىغان 308.نومۇرلۇق ئالاقە خېتىغا كۆرە ۋە سابىت ئابدۇلباقىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە كۆرە شۇ مەلۇم بولماقتادۇركى، خوجا نىياز ھاجى سوۋىت ھۆكۈمىتى بىلەن تۆۋەندىكىچە توختام تۈزگەن:
1. خوجا نىياز ھاجى بۈگۈندىن تارتىپ نەنجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن قەتى ئالاقىسىنى ئۈزۈپ شەرقىي تۈركىستاننى ئىچكى ئىشلاردا مۇستەقىل ئەمما تاشقى جەھەتتىن رۇسىيەگە قارايدىغان بىر ئۆلكە ئېلان قىلىدۇ
2. شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى يوق قىلىپ مىللى جۇمھۇرىيەتنى ۋە ئىسلامى ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىپ ئۈرۈمچى شەھرىدە شىڭدۇبەن باشچىلىغىدىكى ھۆكۈمەتكە بەيەت قىلىدۇ
3. خوجا نىياز ھاجى جۇمھۇر رە’ئىسلىك ۋەزىپىسىنى تەرك قىلىشى بىلەن تەڭ ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتى خوجا نىياز ھاجىنى جۇشىلىققا يەنى مۇلكى گوبۇرناتۇرلۇققا تەيىن قىلىدۇ
4. شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدىكى مەۋجۇت قۇراللىق مىللى ئەسكەرلەرنى شىڭدۇبەنگە بەيەت قىلدۇرۇش ھەققىدە قەتى چارە قوللۇنۇدۇ
5. تۇڭگان، ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قازاق ۋە قىرغىزلاردىن ئىبارەت مىللى ئوردۇلارنى قورالسىزلاندۇرۇش ۋە شىنجاڭنى تىنچلاندۇرۇش مەقسىدىدە ئۈرۈمچى ئىلىدىن ئالتە شەھەر تەرىپىگە ھەرىكەت قىلىۋاتقان خىتاي ۋە رۇس ئەسكەرلىرىگە يارىدەم بېرىش ئۈچۈن خوجا نىياز ھاجى قول ئاستىدىكى قۇمۇللۇق ۋە تۇرپانلىقلاردىن ئىبارەت بولغان مەھمۇت سىجاڭ قوماندانلىقىدىكى ئەسكەرلەرنى شىڭدۇبەنگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ
6. مانجۇرىيەدىن چېكىنگەن خىتايلارنى رۇس تۇپراغى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈپ كېلىش ھەققىدىكى سوۋىت ھۆكۈمىتى بىلەن شىڭدۇبەن ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن توختامنى خوجا نىياز ھاجى تەستىقلايدۇ
7. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرريىتىنىڭ ھەربىي قارمىقىدا ئىشلەۋاتقان چەتەللىك خادىملارنى خوجا نىياز ھاجى دەرھال خىزمەتتىن بوشۇتۇپ، ئۇلارنى دەرھال شەرقىي تۈركىستان چېگرىسىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ
8. سوۋىت ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەرەققىياتى ۋە پاراۋانلىقىغا كۈچ چىقىرىدۇ
9. شەرقىي تۈركىستاننى ئىچكىرى خىتايدىن، نەنجىڭدىن، مانجۇرىيەدىن ۋە باشقا تەرەپلەردىن كېلىش ئىھتىمالى بولغان ھەرقانداق ھۇجۇمدىن سوۋىت ھۆكۈمىتى مۇداپى’ئە قىلىدۇ ۋە بۇنى ئۈستىگە ئالىدۇ
10. شەرقىي تۈركىستاندا تېنچلىق ساقلانغاندىن كېيىن ئىنتىزام ساقلاش ئوردىسى قۇرۇش كېرەك، بۇ ئوردىنى تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن سوۋىت ھۆكۈمىتى s.s.s.r دىن بىر ئىسلاھاتچى ئەسكەرى ھەيەت ئەۋەتىدۇ ۋە تېگىشلىك خادىملار بىلەن تەمىنلەيدۇ
11. سوۋىت ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلىدىغان يېڭى ئوردىنى ئەڭ يىڭى زامانىۋى قۇراللار بىلەن قۇراللاندۇرۇشنى كۆزدە تۇتىدۇ
12. ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتى بىلەن سوۋىت ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا سىياسى ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلەر ھەققىدە ئالاھىدە توختام تۈزۈلۈدۇ
بۇ مەلۇماتقا ئىگە بولغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇريىتى مېنىستىرلار كابېنتى تۆۋەندىكىچە قارار ئالدى:
1. خوجا نىياز ھاجى مىللەتنىڭ تاپشۇرۇقىدىن تاشقىرى ھالدا سوۋىت ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بويىچە ئۆركەشتامدا بولشېۋىكلار بىلەن قانۇنسىز ۋە مىللى مەنپە’ئەتىمىزگە خىلاپ بىر توختام تۈزگەن، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇريىتى بۇ ھەرىكەتنى تۈركىستان تۈركلىرىگە خىيانەت دەپ قارايدۇ
2.سوۋىت ھۆكۈمىتى بىلەن خوجا نىياز ھاجىنىڭ ئارىسىدا تۈزۈلگەن 12ماددىلىق توختامنى قانۇنسىز دەپ ھىساپلايدۇ
3.نەچچە يىلدىن بېرى ھىساپسىز قۇربانلار بېرىپ قولغا كەلتۈرگەن شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلالىدىن ۋاز كېچىش شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ يوقۇلۇشىنى قوبۇل قىلغانلىقتۇر، بۇنىڭغا بىنا’ئەن مىللى مۇستەقىللىقىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشتا شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرى ھەرقانداق پىداكارلىققا تەيياردۇر، شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرى خوجا نىياز ھاجىنىڭ كەچۈرۈلمەس بۇ خىيانىتىدىن نەپرەتلىنىدۇ
4.شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرى بولشېۋىكلار قولىدا قېلىشقا قەتى رازى بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مىللەتلەرنىڭ نارازىلىقى قەشقەردىكى سوۋىت كونسۇلخانىسى ئارقىلىق s.s.s.r ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرۈلسۇن
5.سوۋىت ئەسكەرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشى خەلقارا قانۇنلارغا خىلاپ ۋە ھېچ بىر تارىختا كۆرۈلمىگەن، شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرى بۇنى تاجاۋۇزچىلىق ۋە قىزىل جاھانگىرلىك دەپ بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بولشېۋىكلارنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرۈپ قويۇشنى قەشقەردىكى چەتەل كونسۇلخانىلىرىدىن ئىلتىماس قىلىنسۇن!
6.خوجا نىياز ھاجىنىڭ ئەقىلسىزلارچە توختامغا قول قويغانلىقىدىن پايدىلىنىپ سوۋىت ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشقا تىرىشىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت مۇداپى’ئە مىنىستىرى ۋە ئالى باشقوماندانلىققا دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى مۇداپى’ئە چارىلىرىنى ئىشقا سېلىش تەۋسىيە قىلىنسۇن!
7.ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ پۈتۈن مىللەت ئومۇمى سەپەرۋەرلىككە چاقىرىلسۇن!
8.قىزىل بولشېۋىكلارنىڭ خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا رۇس تۇپرىقى ئارقىلىق يۆتكەپ كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشىنى ئەيتىپ شېرىپ خانغا ئوچۇق بۇيرۇق بېرىلسۇن!
9. 10.مارتتا شەرقىي تۈركىستان بۈيۈك مىللەت مەجلىسى جىددى يىغىنغا چاقىرىلسۇن!!
10. خوجا نىياز ھاجى بىلەن سوۋىت ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن توختام ھەققىدىكى مېنىستىرلاركابېنتىنىڭ ئۇشبۇ قارارى بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە تاپشۇرۇلسۇن!
11. خوجا نىياز ھاجى مېنىستىرلار كابېنتىنىڭ مۇراجى’ئەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ تۇتقان يولىدىن ۋاز كەچمىگەن تەقدىردە رە’ئىسى جۇمھۇرنى ئالى باشقوماندانلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ھەققىدە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلسۇن!
12. نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە، ياپۇن ھۆكۈمىتىگە ۋە خەلقاراغا ھەققىمىزنى مۇداپى’ئە قىلىش ھەققىدە مۇراجى’ئەت قىلىنسۇن!
ئىمزادا: باش ۋەكىل سابىت ئابدۇلباقى
بۈيۈك مىللەت مەجلىسى كاتىپى: سۇفى زادە