شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان، مانچۇرىيە،موڭغۇلىيە، تىبەتتىكى ئىمپىرىيالىزىمى ھەققىدە قوشما بايانات

2020-يىل 7-ئىيۇل

2020- يىل 6- ئاينىڭ 4- كۈنى، تىيەنئەنمېن مەيدانى قىرغىنچلىقىنىڭ 31- خاتىرە كۈنىدە، بىر گۇرۇپ خىتايلار “ خىتاي كومنىست پارتىيسىدىن خالى دەپ ئاتالغان خىتاي يېڭى فېدرال دۆلىتى “ خىتاپنامىسىنى ئېلان قىلىپتۇ ۋە بىر مىليارت 400 مىليون خىتاي خەلقىگە قانۇن، دىموكراتىيە، ئەركىنلىك ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى ئىددىئا قىلىپتۇ.

بىز مەزكۇر خىتاپنامىگە نەزەر سالساق، 1912- يىلىدىكى خىتاي جۇمھۇرىيىتى يەنى گومىنداڭ خىتاي ئاتالغانلار ئېلان قىلغان ئاساسى قانۇن بىلەن شۇنداقلا 1949- يىلىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يەنى كومنىست خىتاي ئېلان قىلغان ئاساسى قانۇن بىلەن مۇتلەق ئوخشاشلىقىنى بايقايمىز. ئاساسلىق ئوخشاشلىقلىرى تۆۋەندىكىچە :

بىرىجى، ئۈچىلىسى نۆۋەتتىكى ھاكىمىيەتنى يىقىتىپ، خىتاي خەلقى بىلەن خىتاي دۆلىتىگە ۋەكىللىق قىلىدىغان يېڭى خىتاينى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى ئىددىئا قىلغان.

ئىككىنجى، ئۈچىلىسى زۇلۇم ۋە قۇللۇقنى پاچاقلاپ تاشلاپ دىموكراتىيە، ئەركىنلىك، قانۇنىي ئىدارە قىلىشنى ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى ئىددىئا قىلغان.

ئۈچىنجى، ئۈچىلىسى باراۋەرلىك، سۆز ئەركىنلىكى، يىغىلىش ئەركىنلىكى، دىنى ئەركىنلىك، سايلام ھوقۇقى، سايلىنىش ھوقۇقى، شەخسى ھوقۇق، شەخسى مۈلۈك ھوقۇقلىرىنى ئىددىئا قىلغان.

تۆتىنجى، ئۈچىلىسى خىتايلار خىتاينىڭ بىر پارچىسى دەپ ئىددىئا قىلىۋالغان “ رايون “ ۋە “ ئۆلكىلەر“ گە ئاپتونومىيە بىرىدىغانلىقىنى بايانات قىلغان.

بەشىنجى، ھەممىسى بىۋاستە ياكى ياپتا بىر شەكىللەردە شەرقىي تۈركىستان، مانجۇرىيە، جەنۇبى موڭغۇلىيە، تىبەتلەرنى خىتاينىڭ بىر قىسمى دەپ ئىددىئا قىلغان. يۇقىرىقى ئۈچ خىتاي سىياسى گەۋدىسى مەۋجۇت بولۇشتىن ناھايىتى بۇرۇنلا مەزكۇر دۆلەتلەر مۇستەقىل دۆلەتلەر ھالىتىدە مەۋجۇت ئىدى.

نەزەر سالغىنىمىزدا، مەزكۇر ئۈچ خىتاي سىياسى گەۋدىسىنىڭ بىرى ئۆزىنى گومىنداڭچىلار، يەنە بىرى كومنستلار، يەنە بىرى دىموكراتلار دەپ ئاتىغاندىن باشقا باياناتلارنىڭ ئاساسەن ئوخشاشلىقنى بايقايمىز. ئالدىنقى ئەسىردە شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، جەنۇبى موڭغۇلىيە، مانجۇرىيە خەلقلىرى مىللەتچى خىتايلار ۋە كومنىست خىتايلارنىڭ ئىشغالىيىتى بىلەن مۇستەملىكىسىدە ئېغىر ئازاپ – ئوقۇبەت چەكتى. ئۈچىلا گەۋدە شەرقىي تۈركىستان خەلقى، تىبەت خەلقى، مانجۇرىيە خەلقلىرىنى جىسمانى يوقىتىش شۇنداقلا ئاسمىلاتسىيە قىلىشنى كۆزلىگەن. بىز ئوپمۇ ئوخشاش يالغانلارنى ۋەدە قىلغان، پەقەتلا خىتاي ئىمپىرىيالىزىمىغا خىزمەت قىلىدىغان خىتاي تۈزۈلمىسىنىڭ 21- ئەسىردە قايتا مەيدانغا چىقىشىنى رەت قىلىمىز.

شەرقىي تۈركىستان خەلقى، مانجۇرىيە خەلقى، جەنۇبى موڭغۇلىيە خەلقى، تىبەت خەلقى بەك ئۇزۇن زۇلۇم چەكتى. ھەممىمىزگە شۇ ئېنىقكى، ئاساسى ئىنسان ھەقلىرىمىزنى، مەۋجۇتلىقىمىزنى، ئەركىنلىكىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى شەرقىي تۈركىستان، مانجۇرىيە، جەنۇبى موڭغۇلىيە، تىبەت مۇستەقىللىقىدۇر. بىز تۇپراقلىرىمىزدىكى خىتاي ئىشغالىيىتى ۋە مۇستەملىكىسىنى ئاياقلاشتۇرۇپ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەۋجۇتلىقىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىز لازىم.

بىز شۇنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويماقچى، بىز خىتاينىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە خىتايلار بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ قالالمايمىز. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان، مانجۇرىيە، جەنۇبى موڭغۇلىيە، تىبەتتىكى قانۇنسىز ئىشغالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولغان ھەمدە ئۆزلىرىنى مىللەتچى، كومنىست، دىموكرات شۇنىڭدەك ھەرخىل سىياسى ناملار بىلەن ئاتىغان خىتاي ئىمپىرىيالىزىمىغا قارشى تۇرىمىز.

بىز خەلقارا جەمىيەتكە شۇنى بايانات قىلىمىزكى، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، جەنۇبى موڭغۇلىيە، مانجۇرىيىلەر خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئەمەس، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ خەلقلىرىمۇ خىتايلار ئەمەس. خىتاي ياكى خىتاي خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركسىتان، تىبەت، جەنۇبى موڭغۇلىيە، مانجۇرىيىلەرنى خىتاينىڭ بىر پارچىسى دەپ ئىددىئا قىلىشقا ھوقۇقى يوق. تارىخىي نۇقتىدى، شەرقىي تۈركىستان، جەنۇبى موڭغۇلىيە، مانجۇرىيىلەر موڭغۇلىيىگە قارام بولغان ۋە تىبەتمۇ نەچچە مىڭ يىللار مۇستەقىل مەۋجۇت ئىدى. خىتاي بىلەن ھېچقانداق كۈلتۈرەل، تىل، سىياسى باغلىنىشلىرىمىز يوق.

خىتاي ياكى خىتاي خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، جەنۇبى موڭغۇلىيە، مانجۇرىيىلەرنى ئىشغال قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش باياناتى پەقەت ئىسپاتسىز ئىددىئادىن ئىبارەتتۇر. شەرقىي تۈركىستان خەلقى، مانجۇرىيە، تىبەت، جەنۇبى موڭغۇلىيە خەلقلىرىمۇ خىتاي ھەققىدە ئوخشىشىپ كىتىدىغان ئىددىئانى ئېلان قىلالايدۇ. شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ ئەجدادلىرى ھونلار يەنى خىتايلار شوڭنۇ دەپ ئاتايدۇ، كۆكتۈركلەر، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇللار، مانجۇلار خىتاينى ياكى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ھالدا ئەسىرلەر بويى ئىشغال قىلغانلىقىنى ئۇنۇتمايلى.

موغۇللار 1279- يىلى يۈەن سۇلالىسىنى قۇرغان ۋە خىتاينى تاكى 1368- يىلغىچىلىك جەمئى 970 يىل ئىدارە قىلغان ئىدى. موڭغۇللار خىتاينى موڭغۇلىيىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئىددىئا قىلىدۇ. مانجۇلار خىتاينى 1644- يىلى ئىشغال قىلغان ۋە خىتاينى تاكى 1912- يىلغىچىلىك 260 يىلدىن ئۇزۇن ئىدارە قىلغان. ئۇنداقتا مانجۇلار خىتاينى مانجۇرىيىنىڭ بىر قىسمى دەپ بايانات قىلىشى كىرەكمىدى ؟ تېخىمۇ يېقىندا، 1937- يىلى بىلەن 1945 – يىللار ئارىسىدا ياپونىيىمۇ خىتايغا تاجاۋۇز قىلىپ مۇستەملىكە قىلغان، ئۇنداقتا ياپونىينىڭ ” خىتاي ياپونىيىنىڭ بىر قىسمى” دەپ بايانات قىلىشقا ھوقۇقى بار دىيىلەمدۇ؟

ھەممىمىزگە شۇ ئېنىق بولسۇنكى، يالغانلار خىتاينى ھەقلىق قىلمايدۇ. خىتاي ئىددىئا قىلغانلار خىتايغا تەۋە ئەمەس ۋە مەڭگۈ تەۋە بولمايدۇ. شەك-شۈبھىسىز خىتاي كومنىست پارتيىسىنىڭ ھوقۇقى يوق، نۆۋەتتىكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دەپ تونۇلغان خىتاي ئېمپىرىسىمۇ شۇنداق. بىز ئۆزلىرىنى خىتايغا ۋەكىللىك قىلىمىز دەپ جاكارلاۋاتقان بارلىق خىتاي گەۋدىلىرى ۋە شەخسلەرگە بولۇپمۇ ئۆزلىرىنى دىموكراتلار دەپ ئىددىئا قىلىۋاتقانلارغا- ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرى ئېيتىۋاتقاندەك ھەقىقى دىموكراتچى بولسا- تارىخىي پاكىتلارغا ھۆرمەت قىلىپ؛ شەرقىي تۈركسىتان، مانجۇرىيە، تىبەت، جەنۇبى موڭغۇلىيىلەرنىڭ مۇستەقىللىقى بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتراپ قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز.

بىز خەلقئارا جەمئىيەتكە قايتا بايانات قىلىمىز: شەرقىي تۈركىستان خەلقى، مانجۇرىيە، جەنۇبى موڭغۇلىيە ۋە تىبەت خىتاي ياكى خىتاي خەلقىنىڭ “ ياردەم قىلىپ تەرەققى قىلدۇرۇپ قويىشى، ئىدارە قىلىپ قويىشى، قوغدىشى، زامانىۋىلاشتۇرىشى، ۋەكىللىك قىلىشى“ غا مۇھتاج ئەمەس. بىز نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىمىزدىكىگە ئوخشاش مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە ئۆز-ئۆزىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا، ئىدارە قىلىشقا، زامانىۋىلاشتۇرۇشقا، قوغداشقا، ۋەكىللىك قىلىشقا تامامەن ئىقتىدارلىق. بىزنىڭ خىتاي ياكى خىتاي خەلقى بىلەن توقۇنۇشقىمىز يوق؛ بىز تېنچلىقنى، ئۆز ئارا ھۆرمەتنى ئارزۇ قىلىمىز. بىز خىتاينىڭ مەۋجۇتلىقى بىلەن ھەقىقى قىممەتلىرىنى ھۆرمەت قىلغاندەك، خىتاي ۋە خىتاي خەلقىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ، مانجۇرىيىنىڭ، جەنۇبى موڭغۇلىيىنىڭ، تىبەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

بىز خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستان ، مانجۇرىيە، جەنۇبىي موڭغۇلىيە ۋە تىبەتكە تولۇق مىللىي مۇستەقىللىق بېرىدىغان دېموكراتىك قارارنى چىقىرىشقا ياردەم بېرىشكە چاقىرىمىز. بىز خىتاينىڭ بىر قىسمى بولۇشنى خالىمايمىز ياكى شەرقىي تۈركىستان ، مانجۇرىيە ، جەنۇبىي موڭغۇلىيە ۋە تىبەتنى خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە تەسىرىدە ساقلاپ قالىدىغان “فېدىراتسىيە” ئىچىدە بولۇشنى خالىمايمىز.

بىز ياخشىلىقچە خىتاي ۋە خىتاي خەلقىدىن زۇلۇملارنى توختىتشىنى، بىزنى ئۆزىگە تەۋە دەپ ئىددىئا قىلىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

تۆۋەندىكىلەرنىڭ دىققىتىگە:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو)
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى
ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى
ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى
ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى

ئىمزا قويغۇچىلار:

ئالبېرتا ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەمئىيىتى
فرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى
مانجۇرىيە كونكوردىيە جەمئىيىتى
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى
شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى
شەرقىي تۈركىستان خەلق جەمئىيىتى
ياپونىيە ئۇيغۇر زىيالىيلار بىرلەشمىسى
مانجۇرىيە مىللىي بىرلەشمىسى
تىبەت مىللىي قۇرۇلتىيى

Scroll to Top