شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىر سالىھ خۇدايار، نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئوۋستىن رامزىي ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروجەكتى خەلقارا تەشۋىقىنىڭ دىرىكتورى لۇ’ئىزا گرېۋ بىلەن بىرلىكتە دۆلەتلىك ئاممىۋى رادى’ئو پىروگراممىسىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى قاماش توغرىلىق سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
باش مىنىستىر مەزكۇر سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويغان ئاساسى نۇقتىلار:
1. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى جازا لاگىرلىرىغا قاماش شۇنداقلا زۇلۇمنىڭ ئارقىسىدىكى ئاساسىي سەۋەپ، خىتاي قوزغىلاڭدىن ھەمدە 2019-يىل دۆلەت مۇداپى’ئە سىتراتىگىيىسىدە كۆرسەتكەندەك شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇرىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.
2. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى بولغان، ھازىر ئۇلار دۆلىتىنى خىتاي ئىشغال قىلغان مۇستەملىكە خەلق.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە يۈرگۈزىۋاتقىنى نوقۇل كۈلتۈرەل قىرغىنچىلىق ئەمەس، ئەكىسچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى ئېنىقلىما بەرگەن، رې’ئال يۈز بىرىۋاتقان (ئىرقىي) قىرغىنچىلىق
3. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەر شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋېلىنغان زىمىن دەپ ئېتراپ قىلىشى لازىم. بولۇپمۇ، دۇنيا لىدىرلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق (جەنوسايد) دەپ تونۇشى زۆرۈر.
:ئاڭلاش ئۇچۇن تۇۋەندىكى ئۇلۇنۇشنى بەسىڭ