شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئارزۇسىدۇر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقى، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىنداشلار، بۈگۈن مەلۇم بولۇشىچە “ئىلھام توختى ئىنىستىتوتى” ناملىق بىر ۋەتەن خائىنى گوروھ، ئىلھام توختى ئىدىلوگىسىنى تەشۋىق قىلىش ۋە يېيىش نامىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئايرىلماي بىللە ياشاشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ ساتقۇنلارنىڭ بىرجىرلىشىچە، خىتايدىن ئايرىلماي خىتايدىكى ھەر مىللىت خەلقى بىلەن بىللە ياشاش سەپسەتىسى ئىلھام توختى ئىدىلوگىيىسىمىش، بۇ پۈتۈنلەي يالغان، بۇ پۈتۈنلەي ئالدامچىلىق ۋە كۆز بويامچىلىق چۈنكى ئىلھام توختى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا بولغاچقا، ئىلھام توختىنىڭ دېگەنلىرى ئىلھام توختىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، شۇنداقلا خىتاي تۇرمۇسىدا ئېغىر بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقان ئىلھام توختىنىڭ دېگەنلىرىمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
ش ت ج س ھ “ئىلھام توختى ئىنىستىتوتى” نىڭ مەزكۇر باياناتىنى قاتتىق ئەيىبلايدۇ ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە خىيانەت قىلغانلىق دەپ قارايدۇ.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئارزۇسىدۇر، ھەرقانداق بىر تەشكىلات ياكى ئورگاننىڭ خەلقىمىزنىڭ ئا‍رزۇسىغا خىلاپ سۆز ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى خائىنلىقتۇر ۋە ھېچكىمنىڭ بۇنداق قىلىش سالاھىيىتى يوقتۇر.
مۇستەقىللىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋازكىچكىلى بولمايدىغان ھەققىدۇر، بۇ ھەققىنى قوغداش شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ ئىنسانلىق بۇرچى ۋە مەجبۇرىيىتىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى مۇھاجىرەتتىكى ھەممە تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى “ئىلھام توختى ئىنىستىتوتى” نىڭ بۇ خائىن قىلمىشىنى قاتتىق ئەيپلەشكە چاقىرىق قىلىدۇ، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى، ھەرقانداق شەخس ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ھەرقانداق باھانە بىلەن خەلقىمىزنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىغا خائىنلىق قىلىشىغا يول قويمايدۇ!
ھۆرمەت بىلەن ش ت ج س ھ جۇمھۇر رەئىس ئىشخانىسى
2020.يىلى 4.ئاينىڭ 30.كۈنى

Scroll to Top