بۇ چاقىرىق شەرقىي
تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بولۇپ، 1946-يىلى ئۈرۈمچىدىكى
ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئۈچۈن تەييارلانغان ئەسلى ئېنگىلىزچە
تەرجىمىسىگە ئاساسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسىغا ئۆزلەشتۈرۈلۈپ تەرجىمە قىلىندى.
ئەزەلدىن بېرى ئانا
ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ھەقىقىي زېمىنى ئىدى. بىز يەتتە
مىليون خەلقتىن تەشكىل تاپقانمىز. بۇ زېمىن جەسۇر ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان ئاتا
مىراس ھەققىمىز بولۇپ، بۇ مىراسنى قوغداش بىزنىڭ بۇرچىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىز. تاجاۋۇزچى، زالىم خىتتاي
بۇنىڭدىن ئىككى يۈز يىل ئىلگىرى بۇ زېمىنغا يېرتقۇچ، قاراقچىلارغا ئوخشاش باستۇرۇپ
كىرىپ، دۆلىتىمىزنى ئىگىلىۋالدى، بىزنى قۇل قىلدى، زېمىنىمىزنى مۇستەملىكە قىلىپ،
مۇقەددەس دىنىمىزنى دەپسەندە قىلدى.
قىسقىسى، بىز كۆزى بارۇ قارىغۇ، قۇلىقى بارۇ گاس، تىلى بارۇ گاچا، پۇتى بارۇ توكۇر
ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالدۇق. بۇنداق خائىنلىق ۋە ۋەھشىيلەرچە مۇئامىلىگە قانداقمۇ
چىداپ تۇرغىلى بولسۇن؟ ئويلاپ بېقىڭلار، بۇلارنىڭ قايسىسىنى ئىنكار قىلغىلى
بولىدۇ؟ سەن بىر جاسۇس ياكى خائىن بولمىساڭ؛
كىندىك قېنىڭىز بۇ تۇپراققا تۆكۈلگەن، ئانىڭىزنىڭ شەرەپلىك پەرزەنتى، ئاتىڭىزنىڭ
پەخىرلىك ئوغلانى بولسىڭىز، ئۇنداقتا يۇقىرىدا ئېيتىلغانلارنىڭ ھەقىقەت
ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلالمايسىز!
ئۆز مىللىتىمىزنىڭ
قەھرىمانلىرىدىن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان، ھارۇنخان، ئابدۇرەشىدخان، مۇھەممەتخان،
سىددىقخان ۋە ئوسمانخانلارنىڭ رەھبەرلىكىدە دۆلىتىمىزنىڭ بۇرۇن قانداق
گۈللەنگەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقىڭلار كېرەك. بۇ ئۇلۇغ شەخسلەرنىڭ دەۋرىدە بىز ئۆز زېمىنىمىزنىڭ
خوجايىنى ئىدۇق ۋە مەدەنىيىتىمىزنىڭ جۇلاسىنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن تەڭ دەرىجىدە تۇرۇپ
نامايەن قىلىپ كەلگەن ئىدۇق. يېقىنقى ئىككى يۈز يىل ئىچىدە بىز ئاتا مىراس
ھوقۇقىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق ھەمدە مەينەت، ۋەھشىي خىتايلارنىڭ رەھىمسىز ھۆكۈمرانلىقى
ئاستىدا ھايۋاندىن بەتتەر كۈن كۆرىۋاتىمىز.
ئىلى قوزغىلىڭى نېمە ئۈچۈن
يۈز بەردى؟ چۈنكى بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە
پاراۋانلىقى، شۇنداقلا دىنىمىزنىڭ قايتا گۈللىنىشى ئۈچۈن زۇلۇمغا قارشى قوزغىلىش
ھوقۇقىمىز بار. بىز يەنە ئاللاھنىڭ بىزگە: «مەن بارلىق زالىملارنى جازالايمەن»
دېگەن ۋەدىسىگە ئىشىنىمىز. بىز يەنە ئاممىنىڭ كۈچى ئاللاھنىڭ كۈچى ئىكەنلىكىگە
تولۇق ئىمان كەلتۈردۇق. بىز مۇشۇ ئەقىدە بىلەن جەڭ قىلدۇق ۋە ئۈچ ۋىلايەتتىكى
خائىن خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدۇق! ئەركىن بىر مۇسۇلمان شەرقىي
تۈركىستان دۆلىتىنى قۇردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگە
مىراس قالغان بايراقنى تىكلىدۇق.
ھەي، يۇرتداشلىرىم، مۆئمىن
قېرىنداشلىرىم ۋە قانداشلىرىم! قورقماڭلار. يۈرىكىڭلارنى توق، غەيرىتىڭلارنى ئۈستۈن،
نىيىتىڭلارنى خالىس قىلىڭلار!
ھەددى ھېساپسىز قان تۆكۈلۈشلەردىن
كېيىن، بىز 11 بېتىمدىن ئىبارەت تىنىچلىق كلېىشىمىگە ئېرىشتۇق. بۇ سۈلھىنى تولۇق
ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، خەلق بارلىقىنى پىدا قىلىشقا تەييار بولۇشى كېرەك.
توڭگۇز تۇمشۇقلىرى بىلەن ئۆزىگە
تەۋە بولمىغان نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىمسىلاپ يۈرۈشكەن، ھىيلىگەر تۈلكىلەر،
نومۇسسىز ۋە زالىم خىتايلار بۇ 11 بېتىمنى كۆزبوياش ۋاستىسى قىلىپ، بىزنى يەنە
قىلتاققا چۈشۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما، مەككار خىتايلارنىڭ ياغاچ قازىنىدا بىرلا
قېتىم ئاش پىشىدۇ. «ئاللاھ بىزنى خىتاينىڭ
قولىغا يەنە بىر قېتىم چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىسۇن». ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، بېشىغا
نېمە كۈنلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى خەلق ئوبدان بىلىدۇ. خەلقىم، ئۆتمۈشنى ئېسىڭلاردا
چىڭ تۇتۇتۇڭلار! زېمىن بىزنىڭدۇر، تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئۇنىڭدا ھېچقانداق ھەققى يوق!
ھازىر، بۇ زالىملارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى
ھەربىي باشلىقلىرى ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن تاپلىرىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.
ئۇلارنىڭ مەقسىتى كونا ۋەھشىي سېستىمىسىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇشتۇر. ئۇلار بىلەن
بىرلىكتە بىر نەچچە يالاقچى ئىتلار، ۋىجدانسىز ئەخمەق ۋە ئالاجوقىلار خىتايلار
ئۈچۈن خائىنلىق قىلىشىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەگەر كېلىشىم شەرتلىرى تولۇق ئورۇندالسا، 11 بېتىم
زالىملارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كونا ھۆكۈمرانلىقىنى قايتۇرۇۋېلىشىغا ھېچقانداق يول
قويمايدۇ.
ھەي، نومۇسسىز ھايۋاندىن
بەتتەر شەيتانلار! بىلىپ قويۇش، سەنلەر ئاللىبۇرۇن جەھەننەمگە مەھكۇم بولۇشتۇڭ! بىز، بىر جان بىر تەن بولۇپ ئۇيۇشقان خەلقىمىز، سەن
خائىن ئەبلەخلەرنىڭ خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ بېرىشىلىرىڭگە قاراپ تۇرمايمىز!
ھازىرقى دەۋر مۇستەبىت
دىكتاتۇرا دەۋرى ئەمەس، بەلكى دېموكراتىيە، ئادالەت ۋە ئەركىنلىك دەۋرىدۇر. غەپلەت
ئۇيقۇسىنىڭ ۋاقىتى ئەمەس، بەلكى يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ يورۇق دەۋرىدۇر. بىز
بەللىرىمىزنى مەھكەم باغلاپ، توختىماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
زالىملار شەرقىي
تۈركىستانىمىزدىن دەرھال چىقىپ كەتسۇن!
جاسۇسلار، خائىنلار
ۋە قورچاقلارمۇ دەرھال چىقىپ كەتسۇن!
خىتاينىڭ لالما ئىتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ چاكارلىرىمۇ يوقالسۇن!
ياشىسۇن ھۆر شەرقىي
تۈركىستان!
ياشىسۇن بىزنىڭ
مۇسۇلمان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىمىز!
ياشىسۇن ئۇلۇغ ۋە
قەھرىمان جەڭچىلەر!
ياشىسۇن مۇقەددس شەھرى رامىزانىمىزنىڭ نىداسى بولغان
ھىلالىمىز!
ياشىسۇن بەش ۋاقىت
نامىزىمىزنىڭ ساداسى بولغان يۇلتۇزىمىز!
يوقالسۇن زالىملار، يوقالسۇن
خائىنلار، يوقالسۇن خىتايپەرەستلەر!
زېمىنىمىزدىن چىقىپ
كېتىشمىسەڭ، توپىنىڭ ئاستىغا كۆمۈلۈپ يوقىلىشىسەن!
مەنبە: ئامېرىكا دۆلەت
ئىشلىرى مەھكىمىسى، خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى،
«ئۈرۈمچىدىكى قالايمىقانچىلىق سىگناللىرى»، ئامېرىكا كونسۇلى ج.خال پاكستوننىڭ (J.
Hall Paxton)
دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىغا يوللىغان دوكلاتى، ئۈرۈمچى، 1947-يىلى 13-يانۋار،
2-نومۇرلۇق قوشۇمچە ھۆججەت.