بىز كۆپچىلىكنى 2024 – يىلى 12 – سېنتەبىردىن 13 – سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغان شەرقىي تۈركىستان سىياسى (ئۈندەش) پائالىيىتى كۈنىگە قاتنىشىپ ، بىز بىلەن بىرگە ئامرىكا پالاتا ئەزالىرىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوللاش ۋە داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ يىلتىزىنى – خىتتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشى ۋە مۇستەملىكە قىلىشى ئىكەنلىكىنى تونۇشقا چاقىرىمىز. بۇ ئىككى كۈنلۈك پائالىيەت ، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ، قازاق ، قىرغىز ۋە باشقا تۈرك خەلقلىرىگە قارىتىلغان ۋەھشىيلىكى سەۋەبىدىن خىتتاينى جاۋابكارلىققا تارتىدىغان قانۇن چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ياخشى پۇرسەت ھىساپلىنىدۇ.
بىز ئامرىكا پارلامىنتىنىڭ تۆۋەندىكى قانۇن لاھىيەلەرنى قوللىشىىنى چاقىرىمىز:
بۇ قانۇن لايىھىسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈش ، ئۇلارنى قوغداش ۋە بۇ داۋانى خەلقئارا سەھنىدە داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچى تەسىس تەلەپ قىلىندى.
Uyghur Genocide Intelligence Review Act (H.R.3349):
(ئاخبارات (ئىستىخپارات) جەمئىيىتىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك خەلقلىرىگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاشقا ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى ئامرىكا پارلامىنتىغا دوكلات قىلىشنى يىتەكچى قىلغان قانۇن لاھىيەسى.)
Uyghur Genocide Accountability and Sanctions Act (H.R.8124):
(بۇ (قانۇن) لاھىيە مەخسۇس شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى سادىر قىلغان خختتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئورگانلىرىغا جازا يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىش توغرىسىدا.)
Uyghur Forced Labor Disclosure Act (H.R.4840):
(بۇ لاھىيە شىركەتلەرنىڭ (خام ئەشيا) تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ھەرقانداق بىر قىسمىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىيەت ئەمگىكىگە سىلىش بىلەن بولغان باغلىنىشنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىدىغان ، ھەمدا ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەخسەت قىلغان.)
Confronting CCP Human Rights Abusers Act (H.R.8847):
(بۇ لاھىيە كىشىلىك ھوقۇق ۋەھشىيلىكىگە چېتىشلىق خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى نىشانلاپ ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئادالەت سوتى ئالدىدا جاۋاپكارلىققا تارلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.)
Resolution Recognizing East Turkistan as Occupied by China:
(شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىر خىتتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ،ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سىرىتتىن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى خەلقئارانىڭ تېخىمۇكەڭ-كۆلەمدە ئېتىراپ قىلىشىغا يول ئاچىدىغان لاھىيە.)
(ھەممەيلەنگە) چاقىرىق
(ئاۋازىڭىز ئۆزگۈرۈش ئېلىپ كېلەلەيدۇ. شەرقىي تۈركىستان سىياسى (ئۈندەش) پائالىيتى كۈنىگە قاتنىشىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇشنى ھەل قىلماقچى بولغان بۇ ھالقىلىق قانۇن لايىھەلىرى ۋە قارارلىرىنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان بولىسىز. بۇ پائالىيەتكە قاتناشماقچى ياكى كۆپرەك ئۇچۇرغا ئېرىشىشمەكچى بولسىڭىز، 2244 599 –(202)+1 غا تىلىفون قىلىپ 1- تاللاشنى باسسسىڭىز ياكى بىزنىڭ ئېلخەت ساندۇقىمىز contact@East-Turkistan.net گە ئۇچۇر يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ.)
سىياسى پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار
(قاتناشقۇچىلارنىڭ بۇ قىتىملىك سىياسى (ئۈندەش) پائاپالىتى خىزمىتىگە يىقىندىن ياردەم بېرىش ئۈچۈن ، بىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، خىتتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئالدىنقى قەدەمدە قوللىنىدىغان ھەرىكەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر قانچە مۇھىم ھۆججەتلەرنى تەييارلىدۇق. بۇ ماتېرىياللار چۈشۈنۈشنى ئاشۇرۇش ۋە قانۇن چىقىرىشقا چاقىرىشتا ئىنتايىن مۇھىم.)
ھۆججەتلەرنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چىكىڭ:
Click below to download the following materials: